نامەھرەم ئەر ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى ھارام
نامەھرەم ئەر ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى ھارام دۇنياغا داڭلىق ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 1200-نومۇرلۇق پەتىۋاسى بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. ئەر-ئاياللارنىڭ بىر جايغا توپلىشىشى، بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ تۇرۇشى، ئاياللار سورۇنىغا ئەرلەرنىڭ ۋە ئەرلەر سورۇنىغا ئاياللارنىڭ كىرىشى، ئاياللارنىڭ شۇنداق جايلاردا ھىجاپسىز يۈرىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئاشۇنىڭ ھەممىسى پىتنىنىڭ سەۋەپلىرى، چەكلەنگەن ناچار قىلمىشلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان ۋە نەپسى شەھۋىتىنى قوزغايدىغان ئىشلاردۇر. ئەر-ئاياللارنىڭ بىر جايدا ئارىلىشىپ يۈرۈشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە قۇرئان-ھەدىستە دەلىللەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: و َإِذَ ا س َأَ ل ْ ت ُ م ُ و هُ ن َّ م َ ت َ اع ً ا ف َ اس ْأَ ل ُ و هُ ن َّ م ِ ن و َ ر َ اء ِ ح ِ ج َ اب ...