فىقھۇل مۇيەسسەر [208] ھەجنىڭ رۇكنلىرى ۋە ۋاجىپلىرى
ئىككىنجى باب: ھەجنىڭ رۇكۇنلىرى ۋە ۋاجىبلىرى [208] بىرىنجى مەسىلە: ھەجنىڭ رۇكنلىرى ھەجنىڭ تۆت رۇكنى بار، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئىھرام باغلاش. بۇ ھەجگە نىيەت قىلىش ۋە ھەج قىلىشنى مەقسەد قىلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ھەج ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت بولۇپ، ھەج پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائى بىلەن نىيەتسىز مەقبۇل بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر» دېگەن سۆزىدۇر. (بۇخارى 1؛ مۇسلىم 1907) نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولسىمۇ، ھەج ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بولغىنى قىلماقچى بولغان ھەج ئىبادىتىنى تەيىن قىلىپ، نىيىتىنى تىل بىلەن سۆزلەشتۇر. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق سابىت بولغان. (2) ئارافاتتا تۇرۇش. بۇنىڭ ھەجنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدە ئىجمائ بار. ئارافاتتا تۇرۇشنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ھەج ـــ ئارافاتتا تۇرۇشتۇر» دېگەن سۆزىدۇر. ( تىرمىزى 889؛ ئەبۇ داۋۇد 1949؛ نەسائى 5-256؛ ھاكىم-مۇستەدرەك 2-278؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. ئەلبانى، سەھىھ نەسائىي 2822-ھەدىس ) (3) زىيارەت تاۋىپى قىلىش. بۇ ئ...