ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىشنىڭ ھۆكمى
ئۆزىنى
قوشۇپ پارتىلىتىشنىڭ ھۆكمى
ئىسلام
سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 217995 – نومۇرلۇق پەتىۋا
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سوئال:
كافىر دۈشمەندىن بىر قىسىمنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆزىنى پارتلىتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى
نېمە؟
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ - سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئۆزىنى
پارتلىتىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بولۇپ، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ «وَلا
تَقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ» (سىلەر ئۆزۈڭلارنى
ئۆلتۈرمەڭلار) [سۈرە نىسا 29 – ئايەت] دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن، بۇ ھارامدۇر.
شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «... كىم ئۆزىنى تۆمۈرنىڭ
پارچىسى بىلەن ئۆلتۈرۈۋالسا، ئۇ شۇ تۆمۈرنى قولىدا تۇتقان ھالدا دوزاختا ئۇنى
قورسقىغا توختىماي تىقىپ تۇرىدۇ» دېگەن. ئىمام بۇخارى (5442) ۋە ئىمام مۇسلىم
(109) رىۋايەت قىلغان.
بۇنى
ئەلئۇخۇد (ئورەك) ۋەقەسىدىكى بالىنىڭ ھېكايىسىگە قىياس قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ
بالا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىغان، ئەكسىچە ئۇنى كاپىر پادىشاھ ئۆلتۈرگەن. شۇنداقلا،
بۇنى بەرا رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ (دۈشمەن قورغىنىنى ئىچىدىن ئېچىش ئۈچۈن) سېپىل
ئىچىگە ئېتىلغانلىق ۋەقەلىكىگە قىياس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، ۋەياكى مەلۇم سەۋەب
بىلەن دۈشمەن ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرگەنلىك ھەدىسىگە قىياس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى،
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەرىكەت ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھايات
قېلىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى، ئەمما ئۆزىنى پارتلىتىشتا بۇنداق ئەمەس. ھالبۇكى،
گاھى ۋاقىتلاردا بۇ خىل ھەرىكەتلەردە بىر ئادەمنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ھېچقانداق
مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ ياكى مەنپەئەتى بەكلا ئاز بولىدۇ. ياكى بۇ
ھەرىكەتلەر بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ ياكى بولمىسا دۈشمەننىڭ بۇ
ھۇجۇملاردىن نەچچە ھەسسە شىددەتلىك ئىنتىقامىغا سەۋەب بولىدۇ.
بۇ
زامانىمىزدىكى بىر قانچىلىغان كاتتا ئالىملىرىمىزنىڭ قارىشىدۇر. كاتتا ئالىم،
پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن «بىر قانچە يەھۇدىينى
ئۆلتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە» دەپ سورالغاندا، شەيخ
مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
مېنىڭچە،
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خېلى كۆپ سورۇندا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ دۇرۇس ئەمەس،
چۈنكى بۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا: «وَلا
تَقْتُلُوا
أَنْفُسَكُمْ»
(سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار) [سۈرە نىسا 29 – ئايەت] دېگەن. شۇنداقلا، پەيغەمبەر
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىم ئۆزىنى بىر نەرسە بىلەن ئۆلتۈرۈۋالسا، قىيامەت
كۈنى شۇنىڭ بىلەن جازالىنىدۇ» دېگەن. (ئىمام بۇخارى (5700) ۋە ئىمام مۇسلىم (110)
رىۋايەت قىلغان). ئەگەر ھەقىقىي شەرئىي جىھاد بولسا، بىراۋ مۇسۇلمانلار بىلەن
بىللە دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلسا بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئاللاھنىڭ
پەزلىدۇر. باشقىلارنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاتا، دۇرۇس
ئەمەس.
ئەللامە،
مەشھۇر فىقھىشۇناس مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش
تىپىدىكى ۋەزىپىلەر ھەققىدە سورالغاندا، مۇنداق دېگەن:
بىز
بۇ خىل ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرىدىغان، يەنى ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچىنىڭ ئۆلۈشى مۇقەررەر
بولغان ۋەزىپىلەرنى ھارام دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە، بۇ گۇناھى كەبىرلەر
قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىم
ئۆزىنى بىر نەرسە بىلەن ئۆلتۈرۈۋالسا، قىيامەت كۈنى شۇنىڭ بىلەن جازالىنىدۇ»
دېگەن. (ئىمام بۇخارى (5700) ۋە ئىمام مۇسلىم (110) رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزىدە ھېچقانداق باشقىچە، خاس ئەھۋال بارلىقىنى
تىلغا ئالمىغان، ئەكسىچە ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئام (ئومۇمىي) دۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ يولىدا
جىھاد قىلىشتىكى مەقسەت ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداشتۇر، ئەمما ئۆزىنى
پارتلىتىشتا بولسا ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى
ئۆلتۈرۈۋېلىش نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئازىيىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەنە
باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋالدا دۈشمەن
(ئىنتىقام ئۈچۈن) بىرلا ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولدى قىلماستىن، شۇ ئۆزىنى پارتلاتقۇچى
سەۋەبىدىن ئىمكانقەدەر كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، 20 – 30
دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش بىلەن نەتىجىلەنگەن بۇ پارتلىتىش مۇسۇلمانلار كېلىۋاتقان
بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، يەنى مۇسۇلمان ئۇممىتىگە زور زىيان كەلتۈرىدۇ،
خۇددى ھازىر پەلەستىنلىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولۇۋاتقانغا ئوخشاش.
بۇنى
دۇرۇس دېگۈچىلەرنىڭ دەلىلى يوق. ئەكسىچە، ئۇلار بۇ ھۆكۈملىرىدە خاتا قىياسلارغا
تايانغان. چۈنكى بۇنىڭدىن (ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتىن) كېلىپ چىقىدىغان زىيان
ئۇنىڭدىن قولغا كېلىدىغان نەتىجىدىن نۇرغۇن ھەسسە زور. بۇنى دۇرۇس دېگۈچىلەر قىياس
قىلغان بەرا ئىبن مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەمامە ئۇرۇشىدىكى ۋەقەسىدە بۇنىڭغا
دەلىل يوق. ئەينى چاغدا بەرا رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ھەمراھلىرىغا ئۆزىنى سېپىل ئىچىگە
ئېتىشنى، ئاندىن ئۆزىنىڭ قورغان ئىشىكىنى ئىچىدىن ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بەرا رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەرىكىتى مۇقەررەر ھالدا ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان
ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا ئاخىرىدا ئۇ ھايات قالدى ھەم قورغان ئىشىكىنى
ئىچىدىن ئېچىپ بەردى. مۇسۇلمانلار قورغان ئىچىگە كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى. دېمەك،
بۇ ۋەقەدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىۋېلىشقا دەلىل يوق. (ئىبن ئۇسەيمىن پەتىۋالار
مەجمۇئەسى 25/358).
شەيخ رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ھىجرىيە 1418 –
يىلىدىكى ماجاللەت دەئۋا ھەققىدىكى پەتىۋاسىدا دېگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا :
«مېنىڭچە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسىدە دېيىلگىنىدەك،
ئۆزىنى پارتلىۋالغانلار بۇنىڭ ئۈچۈن دوزاختا جازالىنىدۇ» دېگەنىدى.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
Yorumlar
Yorum Gönder