ئەرەب تىلىنى مۇنداق ئۆگىنىڭ-ئەرەبچە ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ئاسان ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
ئىلاۋە:
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» مىزنىڭ ئەرەبچە پەتىۋالارنى ماس ھالدا ئۇيغۇرچىسى بىلەن
كىرىشتۈرۈپ تەييارلىغان بۇ خىزمىتىنىڭ نىشانى شۇكى: ئەرەبچە ساغلام دىنىي
مەزمۇنلارنى جۈملىمۇ جۈملە ئۇيغۇرچىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇسىڭىز ئەرەبچە چۈشىنىش
ۋە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىڭىز تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ، ئىنشائاللاھ. باشقا ئۇسۇللار
بىلەن ئاشۇرالمىغان ئەرەبچە سەۋىيىڭىزنى ھەم ئاسان، ھەم ئۈنۈملۈك بۇ خىل يول بىلەن
تېز سۈرئەتتە ئاشۇرالايسىز. شۇنداقلا، ھەم شەرئىي بىلىم، ھەم ئەرەب تىلى
ئۆگىنىشتەك قوش ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. ئەمگىكىمىزگە بولغان تەشەككۈرۈىڭىز
يۈزىسىدىن تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز. ئاللاھ
ئىلىمنى ئۆگەنگەنلىكىڭىز ۋە يايغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئەجر بەرسۇن.
(بۇ خىلدىكى تېخىمۇ كۆپ سېلىشتۇرما پەتىۋالىرىمىزدىن مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىدىكى «ئەرەب تىلىنى مۇنداق ئۆگىنىڭ» دېگەن خەتكۈچنى چېكىش ئارقىلىق بەھىرلىنەلەيسىز.)
(بۇ خىلدىكى تېخىمۇ كۆپ سېلىشتۇرما پەتىۋالىرىمىزدىن مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىدىكى «ئەرەب تىلىنى مۇنداق ئۆگىنىڭ» دېگەن خەتكۈچنى چېكىش ئارقىلىق بەھىرلىنەلەيسىز.)
رامىزاندا
سەۋەبسىز روزا تۇتمىغان ياكى قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىگە شۇ روزىنىڭ
قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟
هل
يجب القضاء على من لم يصم رمضان لغير عذر أو أفطر أثناءه متعمدا ؟
رامىزاندا
سەۋەبسىز روزا تۇتمىغان ياكى قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىگە شۇ روزىنىڭ
قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟
السؤال:
إذا
ترك الإنسان صوم شهر رمضان دون وجود أي عذر ، أو أفطر خلال الشهر متعمدا ، فهل يجب
عليه قضاء الأيام التي أفطرها ؟
تم
النشر بتاريخ: 2015-08-13
بىر كىشى رامىزان ئېيىدا
سەۋەبسىز روزا تۇتمىغان بولسا ياكى رامىزاندا قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن بولسا،ئۇ كىشىگە ئۆتۈپ كەتكەن
كۈنلەرنىڭ روزىسىنىڭ
قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟.
الجواب
:
الحمد
لله
صوم
رمضان ركن من أركان الإسلام ، ولا يحل للمسلم أن يترك صيامه إلا من عذر .
رامىزان روزىسى
ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر، مۇسۇلمان كىشىنىڭ سەۋەبسىز روزا
تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ.
ومن
ترك صوم رمضان ، أو أفطر فيه ، لعذر شرعي كالمرض والسفر والحيض : فالواجب عليه
قضاء ما أفطره، بالإجماع ؛ لقول الله تعالى : (وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى
سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ) البقرة /185.
رامىزاندا روزا
تۇتالمىغان ياكى كېسەللىك، سەپەر ، ھەيز قاتارلىق شەرئى
ئۈزۈرلەر بىلەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىگە بارلىق
ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن تۇتالمىغان روزىنىڭ
قازاسىنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا
مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ كَانَ
مَرِيضًا
أَوْ
عَلَى
سَفَرٍ
فَعِدَّةٌ
مِنْ
أَيَّامٍ
أُخَرَ﴾ تەرجىمىسى:«كىمكى
كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر)
بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن)باشقا
كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە
185-ئايەت].
وأما
من ترك صوم شهر رمضان متعمداً ، تهاوناً ، ولو يوماً واحداً منه ، بحيث إنه لم ينو
صومه من الأصل ، أو أفطر بعد شروعه في الصوم لغير عذر : فقد أتى كبيرةً من كبائر
الذنوب ، وتجب عليه التوبة .
وذهب
عامة أهل العلم إلى وجوب قضاء الأيام التي أفطرها ، بل حكى بعضهم الإجماع على ذلك
.
ئەمما رامىزان ئېيىدا قەستەن، سەل
قاراپ بىر كۈن بولسىمۇ روزا تۇتمىغان
ۋە روزا تۇتۇشنى ئەسلا مەقسەت
قىلمىغان
كىشى ياكى روزىنى نىيەت قىلىپ بولۇپ سەۋەبسىز بۇزۇۋەتكەن كىشى چوڭ گۇناھلاردىن بىرنى سادىر قىلغان بولدى، ئۇ كىشىنىڭ تىزدىن تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.
كۆپچىلىك ئۆلىمالار رامىزاندا روزا
تۇتالمىغانلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن
كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىشنى زۆرۈر
دەپ قارىدى، بەلكى بەزى كىشىلەر
بۇ
مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
قال
ابن عبد البر :
" وأجمعت الأمة ، ونقلت الكافة ، فيمن لم يصم رمضان عامداً
وهو مؤمن بفرضه، وإنما تركه أشراً وبطراً، تعمَّد ذلك ثم تاب عنه : أن عليه قضاءه
" انتهى من "الاستذكار" (1/77).
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ
مۇنداق دەيدۇ:"
رامىزان
روزىسىنىڭ پەرزلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ رامىزاندا قەستەن روزا تۇتمىغان، ئەسكىلىك قىلىپ ۋە گەدەنكەشلىك قىلىپ تەرك قىلغان كىشى
كېيىن تەۋبە قىلسا، ئۇ كىشىگە
تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسلام ئۇممىتى بىرلىككە كەلدى ۋە كېيىنكىلەرگە شۇنى يەتكۈزدى.
"ئەل ئىستىزكار"1-توم
77-بەت.
وقال
ابن قدامة المقدسي :
" لَا نَعْلَمُ فِي ذَلِكَ خِلَافًا ؛ لِأَنَّ الصَّوْمَ
كَانَ ثَابِتًا فِي الذِّمَّةِ ، فَلَا تَبْرَأُ مِنْهُ إلَّا بِأَدَائِهِ ،
وَلَمْ يُؤَدِّهِ ، فَبَقِيَ عَلَى مَا كَانَ عَلَيْهِ " انتهى من
"المغني" (4/365) .
ئىبنى قۇدامە
مەقدىسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"بۇ مەسىلىدە
ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز،چۈنكى روزا
ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدە قالدى، ئۇنى ئادا قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى
ئادا قىلغان بولىدۇ، ئەگەر ئادا قىلمىسا
ئەسلىدىكى بويىچە زىممىسىدە قالىدۇ. "ئەل مۇغنى"4-توم
365-بەت.
وفي
"فتاوى اللجنة الدائمة" (10/143) :
" من ترك الصوم جحداً لوجوبه فهو كافر إجماعاً ، ومن تركه
كسلاً وتهاوناً : فلا يكفر ، لكنه على خطر كبير بتركه ركناً من أركان الإسلام ،
مجمعاً على وجوبه ، ويستحق العقوبة والتأديب من ولي الأمر ، بما يردعه وأمثاله ،
بل ذهب بعض أهل العلم إلى تكفيره .
وعليه
قضاء ما تركه ، مع التوبة إلى الله سبحانه " انتهى .
دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى
10-توم 143-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "رامىزان روزىسىنىڭ
پەرىزلىكىنى ئىنكار قىلىپ تۇتمىغان كىشى بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى
بىلەن كاپىر بولىدۇ، ئەمما ھورۇنلۇق قىلىپ، سەل قاراپ
تۇتمىغان كىشى كاپىر بولمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى پەرھىز
ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن ئىسلام
ئاساسلىرىدىن بىرىنى تەرك قىلىش بىلەن چوڭ خەتەرنىڭ ئۈستىدە بولۇپ
قالدى، بۇ كىشى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
تەرىپىدىن ئەدەپلىنىش ۋە جازالىنىشقا
لايىق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاش
كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، بەزى ئۆلىمالار ئۇ
كىشى كاپىر بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش بىلەن
بىرگە تەرك قىلغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ دەيدۇ".
وسئل
الشيخ ابن باز : " ما الحكم في شخص أفطر في رمضان بغير عذر شرعي ، وهو في
السنة السابعة عشرة تقريبًا، ولا يوجد له أي عذر ، فماذا يعمل؟ وهل يجب عليه
القضاء؟
شەيخ ئىبنى
باز رەھىمەھۇللاھدىن: "ئون يەتتە ياشقا كىرگەن، رامىزاندا
شەرئى ئۈزۈرسىز ۋە ھېچ قانداق سەۋەبسىز روزىسىنى
بۇزۇۋەتكەن كىشى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ كىشىگە
شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟دەپ
سورالغاندا،
فقال
: " نعم ، يجب عليه القضاء ، وعليه التوبة إلى الله سبحانه وتعالى عن تفريطه
وإفطاره.
وأما
ما روي عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه قال : (من أفطر يومًا من رمضان من غير
رخصة ولا مرض لم يقضِ عنه صيام الدهر كله ، وإن صامه) ، فهو حديث ضعيف مضطرب عند
أهل العلم لا يصح" انتهى من "فتاوى نور على الدرب" (16/201).
شەيخ
جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:"شۇنداق ئۇ
كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش
كېرەك بولىدۇ، سەل قاراپ روزىنى
بۇزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى
كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان:«كىمكى
رامىزاندا ساق تۇرۇپ، رۇخسەتسىز بىر كۈنلۈك
روزىسىنى بۇزىۋىتىدىكەن، ئۇ كىشى يىل بويى روزا
تۇتسىمۇ ئۇ كۈنلۈك روزا ئادا بولمايدۇ»دېگەن ھەدىس زەئىپ
بولۇپ، ئۆلىمالار ئۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى
مۇستەھكەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەھى ئەمەس دەپ قارىغان".
["نۇرۇن ئەلەددەربى
پەتىۋالىرى" 16 -توم 201-بەت].
وذهب
بعض العلماء إلى أن من ترك صوم رمضان متعمداً : لا قضاء عليه ، بل يكثر من صيام
النوافل ، وهو مذهب الظاهرية ، واختاره شيخ الإسلام ابن تيمية ، والشيخ ابن عثيمين
.
بەزى ئۆلىمالار
رامىزان روزىسىنى قەستەن تەرك قىلغان كىشىگە ئۇ كۈننىڭ
روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ بەلكى
نەپلە روزىنى كۆپ تۇتۇشى كېرەك دەيدۇ، بۇ
زاھىرىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى، شەيخۇل ئىسلام
ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ۋە شەيخ ئىبنى
ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى
تاللىغان.
قال
الحافظ ابن رجب الحنبلي : " ومذهب الظاهرية أو أكثرهم : أنه لا قضاء على
المتعمد، وحكي عن عبد الرحمن صاحب الشافعي بالعراق ، وعن ابن بنت الشافعي ، وهو
قول أبي بكر الحميدي في الصوم والصلاة إذا تركهما عمداً ، أنه لا يجزئه قضاؤهما ،
ووقع مثله في كلام طائفة من أصحابنا المتقدمين ، منهم: الجوزجاني وأبو محمد
البربهاري وابن بطة " .
انتهى
من "فتح الباري" (3/ 355).
ھاپىز ئىبنى
رەجەپ ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
"زاھىرى مەزھىپىدە ياكى
ئۇ مەزھەبتىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا،
قەستەن روزا تۇتمىغان كىشىگە ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش
كېرەك بولمايدۇ، ئىمام شافىئىينىڭ ئىراقتىكى
ھەمراھى ئابدۇررەھماندىن ۋە شافىئىينىڭ نەۋرىسىدىنمۇ بۇ
قاراش بايان قىلىنغان، بۇ ئەبۇبەكرى ئەل
ھۇمەيدىنىڭمۇ ناماز ۋە روزا توغرىسىدىكى قارىشى بولۇپ،
ئۇ كىشىنىڭ قارىشىدىمۇ:ناماز بىلەن روزىنى قەستەن
تەرك قىلغان كىشى قازاسىنى قىلسىمۇ كۇپايە قىلمايدۇ،
ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئىلگىركى ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسمىمۇ
مۇشۇنداق سۆزنى قىلغان، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن:
جەۋزىجانى، ئەبۇ مۇھەممەد ئەل بەربىھارى
ۋە ئىبنى بەتتە قاتارلىقلار".
"پەتھۇل بارى"3-توم 355-بەت.
وقال
شيخ الإسلام ابن تيمية : " ولا يقضي متعمد بلا عذر : صوماً ولا صلاة ، ولا
تصح منه " انتهى من "الاختيارات الفقهية" (ص: 460) .
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى
تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۈزۈرسىز قەستەن قىلغان
كىشى ناماز بولسۇن ياكى روزا بولسۇن قازاسىنى
قىلمايدۇ ۋە قىلسىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ". ["ئىختىيارات ئەل
پىقھىيە"460 –بەت].
وقال
الشيخ ابن عثيمين: " أما لو ترك الصوم من الأصل متعمداً بلا عذر ، فالراجح
أنه لا يلزمه القضاء ؛ لأنه لا يستفيد به شيئاً ؛ إذ إنه لن يقبل منه ، فإن
القاعدة أن كل عبادة مؤقتة بوقت معين ، فإنها إذا أخرت عن ذلك الوقت المعين بلا
عذر ، لم تقبل من صاحبها " .
انتهى
من "مجموع الفتاوى" (19/89).
شەيخ ئىبنى
ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
"ئەسلى پەرز بولغان
رامىزان روزىسىنى قەستەن، ئۈزۈرسىز تەرك قىلغان بولسا،
كۈچلۈك قاراشتا ئۇ كىشىگە قازاسىنى قىلىش لازىم كەلمەيدۇ،
چۈنكى ئۇ كىشى قازاسىنى قىلىش بىلەن ھېچ نەرسىگە
ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇ كىشىدىن ۋاقتىدا قىلمىغان
ئەمەل قوبۇل قىلىنمايدۇ، بۇنىڭدىكى
قائىدە: مەلۇم ۋاقتى بەلگىلەنگەن ھەرقانداق بىر
ئىبادەتنى ئۈزۈرسىز بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن
كېچىكتۈرسە، ئۇ ئىبادەتنى كېيىن قىلسا قوبۇل
قىلىنمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"19 -توم
79-بەت].
والحاصل
:
أن
من ترك صوم شيءٍ من أيام رمضان متعمداً : لزمه القضاء في قول عامة أهل العلم ، ومن
العلماء من ذهب إلى عدم مشروعية القضاء ؛ لأنها عبادة فات وقتها ، وما عليه عامة
العلماء أقرب وأرجح ؛ لأنها عبادة ثبتت في ذمة العبد ، فلا تسقط عنه إلا بفعلها .
والله
أعلم .
سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى:
كىمكى رامىزاندا مەلۇم كۈنلەردە قەستەن روزا
تۇتمايدىكەن، كۆپچىلىك ئۆلىمالار: ئۇ كىشى
قەستەن روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قېلىشى
كېرەك دەيدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: قەستەن
تۇتمىغاندىن كېيىن قازاسىنى قېلىش كېرەك
بولمايدۇ، چۈنكى روزا دېگەن
ۋاقتى بېكىتىلگەن ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ
ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى دەيدۇ، كۆپچىلىك
ئۆلىمالارنىڭ قارىشى كۈچلۈك ۋە توغىرغا
يېقىندۇر، چۈنكى روزا دېگەن ئىنساننىڭ زىممىسىدە
بېكىتىلگەن ئىبادەت بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلمىغۇچە
چۈشۈپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا
ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
Yorumlar
Yorum Gönder