يۇرتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشۇشنىڭ ھۆكمى



يۇرتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشۇشنىڭ ھۆكمى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» ناملىق ئەسىرى، 60-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ:
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ پەتۋا توپلىمىنىڭ 28-جىلدى، 544-553-بەتلىرىدە مۇنداق دېگەن:
«مېلىنى،  ئائىلىسىنى ياكى يۇرتىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقان (مۇسۇلمان) كىشىنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكى ئىككى ئېھتىماللىقتىن بىرىدۇر: ئەگەر يۇرتىنىڭ ئىسلامىي يۇرت بولغانلىقى سەۋەبلىك يۇرتىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، بۇ مۇتلەق ئاللاھ يولىدىكى جىھادتۇر.
ئەگەر، مۇسۇلمان كىشى يۇرتىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن مېلىنىڭ قولىدىن كېتىشىدىن قورققاندەك قورقسا ۋە شۇ ھالەتتە دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ شەھىدتۇر.»

Yorumlar