تەشەھھۇدتىكى ئولتۇرۇش شەكلى

تەشەھھۇدتىكى ئولتۇرۇش شەكلى


فۇرقان دەئۋەت مەركىزى

پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: نامازدا بىرىنچى تەشەھھۇدتا ئىفتىراش -يەنى كاسىسى بىلەن سول پاچىقىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ، ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىپ ئولتۇرۇش، ئاخىرقى تەشەھھۇدتا تەۋەررۇك -يەنى سول پۇتىنى ئوڭ پاچىقىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، كاسىسىنى يەرگە چاپلاپ ئولتۇرۇش- سۈننەت ھېسابلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇستەھەپ ئەمەللەردۇر. ناۋادار بىراۋ بىرىنچى تەشەھھۇدتا تەۋەررۇك ھالىتىدە، ئىككىنچى تەشەھھۇدتا ئىفتىراش ھالىتىدە ئولتۇرغان بولسا، نامىزى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولمايدۇ. (پەتىۋا دائىمىي كومېتىتىنىڭ 8966-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

Yorumlar