پايپاقنى سېلىۋەتسە مەسىھ قىلىنغان تاھارىتى بۇزۇلىدۇ



«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: بىر كىشى تاھارەت ئالغاندىن كېيىن پايپىقىغا مەسھ قىلدى ۋە پايپاقتا پۇراق بارلىقىنى ھېس قىلىپ پايپاقنى سېلىۋېتىپ ناماز ئوقۇدى. بۇ نامازنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئىبنى باز
جاۋاب: تاھارەت ئېلىپ پايپاقنى كىيگەندىن كېيىن بۇ تاھارىتى سۇنمىغانلىكى ھالەتتە پايپىقىنى سېلىۋەتسە ھېچ گەپ يوق (يەنى تاھارىتى سۇنمايدۇ.) بىراق، پايپىقىنى تەرەت قىلىشتىن كېيىن سېلىۋەتسە تاھارىتى بۇزىلىدۇ، بۇ ھالدا قايتا تاھارەت ئېلىشى لازىم بولىدۇ. چۈنكى، ئۆلىمالار ئارىسىدىكى ئەڭ توغرا كۆز قاراشقا ئاساسەن، پايپاقنى سېلىش بىلەن پايپاققا مەسىھ قىلىنغان تاھارەت بۇزۇلىدۇ.
مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر.
(ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى 10-جىلد، 133-بەت)

Yorumlar