نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى تۆت سەھىھ ھەدىس
نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى تۆت سەھىھ ھەدىس
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەييارلىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (ئاللاھۇ ئەكبە) دەپ تەكبىر ئېيتىپ
ناماز باشلىغىنىنى كۆردۈم. (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ) تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدى كۆتۈردى. تەكبىر
ئوقۇپ رۇكۇ قىلغاندا ۋە
‹سەمىئ ئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ› دەپ رۇكۇدىن تۇرغاندا ئوخشاشلا قوللىرىنى كۆتۈرەتتى ۋە
‹رەببەنا ۋەلەكەل ھەمد› دەيتتى. بىراق، سەجدە قىلغاندا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە قوللىرىنى
كۆتۈرمەيتتى.» (بۇ ھەدىسنى
يەتتە مۇھەددىس توپلىغان: ئىمام ئەھمەد، بۇخارى 738-نومۇرلۇق ھەدىس، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، تىرمىزى، نەسائىي)
ھۇمەيدى بىر ساھابىدىن
مۇنداق رىۋايەت قىلغان:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈردى.»(سەھىھۇلبۇخارى)
ئىبنى ئۇمەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز
باشلىغاندا، رۇكۇغا ئېگىلگەندە، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتقاندا
قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى.» (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم
رىۋايەت قىلغان؛ بۇلۇغۇلمەرام 272-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ئىككى مىڭ رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇدۇم.»(مۇسلىم،2-جىلد، 589-بەت)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ھەدىسى «ئىبنى ئۇمەر كىچىك ساھابە بولۇپ، سەپنىڭ كەينىدە تۇرغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى كۆرمەي قالغان» دەيدىغان كاززاپ پەتىۋاچىلارنىڭ كاززاپلىقىنى ئاشكارىلايدىغان كۈچلۈك دەلىلدۇر.

Yorumlar
Yorum Gönder