بۇلۇغۇلمەرام
مەشھۇر ئەھكام ھەدىسلىرى توپلىمى «بۇلۇغۇلمەرام» ئۇيغۇرچە
مۇئەللىپ:
ئىمام ئىبنى ھەجەر
شەرھلىگۈچى:
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى
(سەفىيۇرراھمان
مۇبارەكفۇرى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق «شېرىن بۇلاق» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ
ئاپتورىدۇر. ھىندىستانلىق بۇ سەلەفىي ئالىم 2007-يىلى ۋاپات بولغان)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(ھەدىسلەر داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىپ كۆپىيىپ ماڭىدۇ)
[157] رافىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بامدات
نامىزىنى سۈبھى يورۇغاندا ئوقۇڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش نامازنىڭ ساۋابىنى تېخىمۇ
ئاشۇرىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى ۋە ئىبنى ھىببان سەھىھ
دېگەن)
[166] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاڭ
ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر تۈرلۈكى تاماق يېيىشنى ھارام، ناماز ئوقۇشنى ھالال
قىلىدۇ. يەنە بىرى ناماز قىلىشنى ھارام، تاماق يېيىشنى ھالال قىلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى
ئىبنى خۇزەيمە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنى ئىككىلىسى سەھىھ دېگەن)
[168] ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، دەسلەپكى ۋاقتىدا قىلىنغان
نامازدۇر.» (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان. ئىككىلىسى
سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا مەۋجۇت)
[193] ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «ئى
رەسۇلۇللاھ! مېنى قەۋمىمگە ئىماملىققا تەيىنلىسەڭ!» دېدىم. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«سەن
ئۇلارنىڭ ئىمامىسەن. (نامازدا) ئەڭ ئاجىزلارنىڭ ئەھۋالىغا ماسلاش ۋە ئوقۇغان
ئەزىنى ئۈچۈن ھەق ئالمايدىغان بىرىنى مۇئەززىنلىككە قوي.» (بۇ ھەدىسنى بەش
ئىمام نەقىل قىلغان. ئىمام تىرمىزى ھەدىسنى ھەسەن دېگەن، ئىمام ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[241] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت
قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازدا ئوڭ سولغا
قاراشتىن ساقلان. چۈنكى بۇ ھالاك بولۇشتۇر. ئەگەر قارىشىڭ كېرەك بولسا، پەقەت
نەپلە نامىزىڭدا قارىغىن.»(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى سەھىھ ھالەتتە رىۋايەت قىلغان)
[245]
[246] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاماق تەييار
بولغاندا ۋە ئىككى نىجاسەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلماس.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم
رىۋايەت قىلغان)
[247] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەسنەش
شەيتاندىندۇر. سىلەردىن بىرىڭلار ئەسنىسە، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەسنەشنى يېڭىشكە
تىرىشسۇن.»(بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە
‹نامازدا› ئىپادىسى زىيادە كەلگەن.)
ئالتىنجى: مەسجىدلەر بۆلۈمى
[248] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆيلەردە مەسجىدلەر
بىنا قىلىنىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ پاكىزلىنىپ، خۇشپۇراق چېچلىشىنى ئەمىر قىلدى.»(بۇ
ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى بۇ
ھەدىسنىنىڭ مۇرسەل ھالدا سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان)
[249] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ
يەھۇدىيلارغا غەزەپ قىلسۇن! ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسجىد
قىلىۋالدى.» (بۇ ھەدىس بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە «ۋە
خىرىستىيانلارغا» دېگەن ئىبارە ئارتۇق كەلگەن)
[250]
[251]
[252] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دەيدۇ:«ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدتتە شېئىر ئوقۇغان ھەسسان ئىبنى سابىتنىڭ
يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا ھومايدى. بۇنىڭ بىلەن ھەسسان ‹مەن بۇ يەردە سەندىن ياخشىسى
(يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بار چاغدىمۇ شېئىر ئوقۇغانمەن›
دېدى.»(بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر)
[253] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم
بىر كىشىنىڭ يۈتۈپ كەتكەن نەرسىسىنى مەسجىدتە ئىزدەۋاتقىنىنى ئاڭلىسا ‹ئاللاھ ئۇ
نەرسەڭنى ساڭا تاپقۇزمىسۇن› دېگەي. چۈنكى، مەسجىدلەر بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن سېلىنغان
ئەمەس.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
[254] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر
كىشىنىڭ مەسجىدتتە بىر نەرسە ساتقىنىنى ياكى سېتىۋالغىنىنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا
‹ئاللاھ بۇ تىجارىتىڭگە مەنپەئەت بەرمىسۇن› دەڭلار.»(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە
نەسەئىي رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن.
[255] زەئىپ.
[256] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ:«سەئىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) خەندەك جېڭىدە يارىلاندى. رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنى تېخىمۇ يېقىندىن ۋە دائىم يوقلاپ تۇرالىشى
ئۈچۈن مەسجىدتە ئۇنىڭ بىر چېدىر قۇرۇپ بەردى.» (بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر.)
[257] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ:«مەن مەسجىدتە ھەبەشىلەرنىڭ ئويۇنىنى تاماشا قىلىۋاتقىنىمدا
رەسۇلۇللاھنىڭ مېنى يوشۇرغىنىنى كۆردۈم.» (بۇ ھەدىس مۇتتەفەقۇن ئەلەيھىدۇر)
شەرھ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆرە تۇرغان بولۇپ، ئائىشە ئانىمىز
ئۇ زاتنىڭ ئارقىسىدا ئىدى.
بۇ ھەدىس ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەرلەرگە
بىر-بىرلەپ ئەمەس، توپ ھالەتتىكى نامەھرەملەرگە قارىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى
كۆرسىتىدۇ. باشقا رىۋايەتلەر، ھەبەشىستانلىقلارنىڭ قالقان ۋە نەيزە بىلەن ئۇيۇن
ئوينىغانلىقىنى، بۇ كۈننىڭ ھېيىت كۈنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ئويۇنلار
بىر تۈرلۈك جەڭ تەلىمىدۇر. بۇ ھەدىس يەنە بۇ خىلدىكى ئۇيۇنلارنىڭ مەسجىدتە
ئوينىلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇ ھەدىستىن ئويۇنلارنى
ئومۇملاشتۇرۇپ مەسجىدتە پۈتۈن ئويۇنلارنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ھۆكۈمى چىقىرىلمايدۇ.
[258] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ:«قارا تەنلىك بىر دېدەكنىڭ مەسجىدتە چېدىرى بار ئىدى. يېنىمغا
كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشاتتى.» (بۇ ھەدىس مۇتتەفەقۇن ئەلەيھتۇر)
[259] ئەنەس رەزىيەلاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەسجىدكە
تۈكۈرۈش خاتالىق. ئۇنىڭ كافارىتى تۈكۈرۈكنى كۆمۈۋېتىش.»(بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)
[260] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىلەر مەسجىدلەردە
ماختىنىشىپ چوڭچىلىق قىلىشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ.» بۇ ھەدىسنى تىرمىزىدىن باشقا
بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.
[261] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن مەسجىدلەرنى
بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم.» (ئىمام ئەبۇ داۋۇد توپلىغان. ئىمام ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن.
ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام» 261-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇھەددىس شەيخ سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىسنى
شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: (چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىككى نۇقتىغا بۆلۈپ تەرجىمە قىلدۇق)
1.
ھاك تېشى ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم.
2.
بۇ ھەدىس مەسجىد بېزەشنىڭ ياخشى ئەمەللەردىن ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ
دىندا ماختىلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
[272] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز باشلىغاندا، رۇكۇغا ئېگىلگەندە، رۇكۇدىن
بېشىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى.»
(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ بۇلۇغۇلمەرام 272-نومۇرلۇق ھەدىس)
[273]
ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئەبۇ ھۇمەيدتىن رىۋايەت قىلغان
ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز باشلىغاندا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ
باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ، ئاندىن («ئاللاھۇ ئەكبەر») دەپ تەكبىر ئېيتقانلىقى بايان
قىلىنغان. (ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرام 273-نومۇرلۇق ھەدىس) مۇھەددىس سەفىيۇۇراھمان
مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس نامازنى باشلىغاندا
قوللارنى كۆتۈرگەندىن كېيىن («ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ) تەكبىر ئېيتىلىدىغانلىقىنى
بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئەكسىدە («ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرگەنلىكى
توغرۇلۇق) ھەدىسلەرمۇ بار. شۇ ۋەجىدىن، بۇ جەھەتتە ئىختىيارلىق بار. ئۇ يەنە مۇنداق
دېگەن: بۇ ھەدىستە يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا
قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام
شەرھى» 117-بەت)
ناماز كىتابى
[325] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ياستۇققا سەجدە
قىلىۋاتقان بىر كېسەلنىڭ ياستۇقىنى ئېلىۋېتىپ مۇنداق دېگەن:«كۈچۈڭ يەتسە يەرگە
سەجدە قىل، يەتمىسە ئىشارەت بىلەن سەجدە قىل. سەجدەڭ رۇكۇدىن پەس بولسۇن.»
(بۇ ھەدىسنى بەيھەقى كۈچلۈك سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ ھاتىم ھەدىسنىڭ
مەۋقۇف ھالەتتە سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان)
8-سەھۋەنلىك سەجدىسى ۋە باشقا سەجدىلەر
[326]
[331] ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي
ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەردىن مەرفۇ ھالەتتە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان:«كىم نامىزىدا شۈبھىگە چۈشكسە، سالام بەرگەندىن كېيىن ئىككى
سەجدە قىلسۇن.» (ئىبنى خۇزەيمە بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
[478] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم،
ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر ھېيىت نامازلىرىنى خۇتبىدىن ئىلگىرى ئوقۇيتتى.»
(ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[479] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
نەقىل قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ھېيىت كۈنى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكئەتلىك نامازدىن ئىلگىرىمۇ،
كېيىنمۇ ناماز ئوقۇمىدى.» (يەتتە ئىمام رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
[480] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
نەقىل قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ھېيىت نامىزىنى ئەزانسىز ۋە قامەتسىز ئوقۇدى.» (ھەدىس ئەبۇ
داۋۇتنىڭ؛ بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارىدا بار)
[481] ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ھېيىت نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى باشقا (نەپلە) ناماز ئوقۇمايتتى. ئۆيىگە قايتقاندا
ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.» (بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە ھەسەن سەنەد
بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[482] ئەبۇ سەئد رەزىيەللھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم روزا ھېيىت ۋە
قۇربان ھېيىتتا نامازگاھقا بېرىش ئۈچۈن (ئۆيىدىن) چىقاتتى. (نامازگاھتا) قىلىدىغان
تۇنجى ئىشى ناماز ئىدى. ئاندىن بېرىپ سەپلەردىكى كىشىلەرگە يۈزلىنىپ ئۆرە تۇرغان
ھالەتتە ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىپ، قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى بۇيرۇيتتى.»
(بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[483] ئەمىر ئىبنى شۇئەيىب دادىسىدىن، ئۇ چوڭ
دادىسىدىن مۇنداق نەقىل قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«روزا ھېيىت نامىزىدا تۇنجى رەكئەتتە يەتتە
قېتىم، ئىككىنجىسىدى بەش قېتىم تەكبىر ئوقۇلىدۇ. ھەر رەكئەتتىكى يۇقارقى
تەكبىرلەردىن كېيىن ئىككىلى رەكئەتتە قىرائەت قىلىنىدۇ.» (ھەدىس ئەبۇ
داۋۇدنىڭ؛ ئىمام تىرمىزى ئىمام بۇخارىنىڭ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەنلىكىنى نەقىل
قىلغان)
[484] ئەبۇ ۋاقىد ئەل لەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم قۇربان ھېيىت نامىزىدا ۋە روزا ھېيىت نامىزىدا قاف سۈرىسى بىلەن
ئىقتەرەبەت سۈرىسىنى ئوقۇيتتى.» (ھەدىس ئىمام مۇسلىمنىڭ)
[485] [486] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ھېيىت كۈنى نامازگاھقا بىر يولدىن باراتتى، باشقا بىر يول بىلەن قايتاتتى.»
(ھەدىس ئىمام بۇخارىنىڭ؛ ئەبۇ داۋۇدتا ئىبنى ئۇمەردىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەت
كەلگەن)
[487] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنەگە كەلدى. ئۇ چاغدا مەدىنە خەلقىنىڭ
بايرام قىلىدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئاللاھ بۇ ئىككى كۈننى
سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىك بولغان ئىككى كۈن بىلەن ئالماشتۇرۇپ بەردى. بۇلار
قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيىتتۇر.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي بۇ ھەدىسنى
سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[488] ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«ھېيىت نامىزىغا پىيادە بېرىش سۈننەت.» (بۇ
ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ ھەسەن دېگەن)
[489] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
نەقىل قىلىنغان:«ھېيىت كۈنى يامغۇر ياغدى. بۇ
سەۋەبلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇپ
بەردى.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇتتىن ئاجىز ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان)
جىنازا
كىتابى
[546] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر مۇسۇلمان ئۆلسە، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا ئاللاھقا ھېچنېمىنى
شېرىك كەلتۈرمىگەن قىرىق كىشى قاتناشسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆلۈك توغرىسىدىكى
شاپائىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
[547] سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت
قىلىنىدۇ:«نىفاس ھالىتىدە ۋاپات تاپقان بىر ئايالنىڭ
جىنازا نامىزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھ جىنازىنىڭ
ئوتتۇرىسىغا توغرىلىنىپ تۇرغان ئىدى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[548] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
بەيدانىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ جىنامازە نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇدى.» (مۇسلىم)
[549] ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: زەيد ئىبنى ئەرقەم (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) جىنازە نامازلىرىنى تۆت
تەكبىر بىلەن ئوقۇيتتى. بىر جىنازە نامىزىنى بەش تەكبىر بىلەن ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن بۇنداق
قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىۋىدىم «رەسۇلۇللاھ بەش تەكبىر ئېيتاتتى» دېدى.
(بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان)
[550] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇ زات سەھل ئىبنى ھۇنەيىفنىڭ نامىزىنى ئالتە تەكبىر بىلەن
قىلغان. ئۇ زات سەھلنىڭ بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان. (ھەدىسنى
سەئد ئىبنى مەنسۇر رىۋايەت قىلغان؛ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارىدا)
[551] جابىر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ
جىنازە نامىزىنى تۆت تەكبىر بىلەن ئوقۇيتتى. تۇنجى تەكبىردىن كېيىن سۈرە فاتىھەنى
ئوقۇيتتى.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام شافىي زەئىپ ئىسناد بىلەن رىۋايەت
قىلغان)
[552] تەلھە
ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامىزىدا بىر جىنازە
نامىزىغا قاتناشتىم. ئۇ جىنازە نامىزىدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇدى (نامازدىن كېيىن)،
‹بىلىنسۇنكى، بۇ سۈننەتتۇر› دېدى.» (بۇخارى)
سودا-سېتىق كىتابى
[797] ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئانا بىلەن بالىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتسە، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىدىن ئايرىۋېتىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد توپلىغان)
[818]
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جازانىنىڭ
يەتمىش ئۈچ تۈرى بار. جازانىنىڭ ئەڭ يېنىكى (گۇناھتا) بىر كىشىنىڭ ئۆز ئانىسى
بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغىنىغا ئوخشاش. جازانىنىڭ ئەڭ ئېغىرى بىر مۇسۇلماننىڭ
ئىززەت-ئابرۇيى (نى تۆكۈش) تۇر.» (ھەدىسنى ئىبنى ماجە قىسقىچە رىۋايەت
قىلغان، ھاكىم تولۇق رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 818)
[819] ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇننى
ئالتۇنغا پەقەت مىقدارى ئوخشاش بولغان ھالەتتە سېتىڭلار، بىر بىرىدىن ئۈستۈن تۆۋەن
قىلماڭلار. كۆمۈشنى كۆمۈشكە پەقەت مىقدارى ئوخشاش بولغان ھالەتتە سېتىڭلار،
بىر-بىرىدىن ئۈستۈن تۆۋەن قىلماڭلار. يوق نەرسىنى بار نەرسىگە ساتماڭلار.» (بۇخارى
ۋە مۇسلىم)
[821] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئالتۇن بىلەن
ئالتۇن ئېغىرلىقى ئېغىرلىقىغا، تۈرى تۈرىگە سېتىلىدۇ. كۆمۈش بىلەن كۆمۈش ئېغىرلىقى
ئېغىرلىقىغا، تۈرى تۈرىگە سېتىلىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا بۇ
جازانىدۇر.» (مۇسلىم)
[1457] ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ غەزىپى
ئاتا-ئانىنى غەزەپلەندۈرۈش بىلەن بولىدۇ.»(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 1457-نومۇرلۇق ھەدىس)
جىھاد كىتابى
[1258] عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَ ضِيَ اَللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ
اَللَّهِ - صلى الله عليه وسلم -{ " مَنْ مَاتَ وَلَمْ يَغْزُ, وَلَمْ
يُحَدِّثْ نَفْسَهُ بِهِ, مَاتَ عَلَى شُعْبَةٍ مِنْ نِفَاقٍ" } رَوَاهُ
مُسْلِمٌ(1910)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«كىمكى غازات قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن
ئۆلسە، نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم
رىۋايەت قىلغان؛ 1910-نومۇرلۇق ھەدىس)
شەرھ:
«جىھاد» نىڭ لۇغەت مەنىسى قىيىنچىلىق ۋە غەيرەت
كۆرسىتىشتە مۇبالىغە مەنىسىدە بولۇپ؛ جىھادنىڭ شەرئىي مەنىسى: دىننى مۇداپىئە
قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ ۋە ئاسىيلارنىڭ
ئۆلتۈرۈلۈشى جەھەتتە غەيرەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
«غازات قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ
قىلماستىن ئۆلسە» يەنى دىن دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشماستىن ئۆلسە ۋە ئۇلارغا قارشى
ئۇرۇشۇش ئىمكانى تېپىلغان، بۇنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمىسا
ۋە بۇنى نىيەت قىلمىسا «نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.»
[1259]
وَعَنْ
أَنَسٍ - رضى الله عنه - أَنَّ اَلنَّبِيَّ - صلى الله عليه وسلم -قَالَ: {
" جَاهِدُوا اَلْمُشْرِكِينَ بِأَمْوَالِكُمْ, وَأَنْفُسِكُمْ,
وَأَلْسِنَتِكُمْ" } رَوَاهُ أَحْمَدُ, وَالنَّسَائِيُّ, وَصَحَّحَهُ
اَلْحَاكِمُ 1 .
1 - صحيح. رواه أحمد ( 3 / 124 و 153 و 251 )، والنسائي ( 6 /
7 )، والحاكم ( 2 / 81 )، وهو عند أبي داود أيضا ( 2504 ).
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«مۇشرىكلارغا قارشى
ماللىرىڭلار بىلەن، جانلىرىڭلار بىلەن، ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار.»
(ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان؛ ئىمام ھاكىم سەھىھ دېگەن)
شەرھ: «تىلىڭلار بىلەن» يەنى، تىل بىلەن
قىلىنىدىغان جىھاد كاپىرلارغا قارشى دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇلارنى
ئاللاھنىڭ يولىغا دەئۋەت قىلىش، ھەجۋ قىلىش ۋە غەيرىتىنى يوقۇتۇپ ئۇرۇشتىن ۋاز
كېچىشى ئۈچۈن قۇرقۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«بىر
مۇسۇلماننىڭ دىنىي قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك ئېتىشى، ئۇچراشقىنىدا
بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى ھالال ئەمەس. ئۇ ئىككىسىدىن ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال سالام
بەرگىنىدۇر.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
شەرھ: «ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك ئېتىشى» بىر
مۆمىننىڭ يەنە بىر مۆمىن بىلەن ئۇچراشقىنىدا گەپلەشمەي بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى
دېمەكتۇر.
[«بۇلۇغۇلمەرام» 1462-نومۇرلۇق ھەدىس]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ھەر قانداق ياخشىلىق
سەدىقىدۇر.» (بۇخارى)
شەرھ: ھەدىستىكى «مەرفۇئ» ياخشىلىق جۈملىسىدىن
سانىلىدىغان ھەممە ئىش-ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندىكى
ھەدىس شۇ ياخشىلىقتىن بىرىنى ئىپادە قىلىدۇ.
[«بۇلۇغۇلمەرام»
1463-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ھەر قانداق
ياخشىلىقنى كىچىك كۆرمىگىن، دىنىي قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىگە كۈلۈپ قاراشمۇ شۇ
ياخشىلىقنىڭ ئىچىدە.» (مۇسلىم)
[«بۇلۇغۇلمەرام»
1464-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ زەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
بايان قىلغان:«شورپا سالساڭ سۈيىنى جىق قىلىپ قوشنىلىرىڭغىمۇ سۇن.» (مۇسلىم)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«كىم بىر
مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقىدىن بىرىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىيامەت
كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى يوق قىلىدۇ. كىم قىيىنچىلىقتا قالغان بىرى كىشىنىڭ
ئىشىنى ئاسانلاشتۇرسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
كىم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ ئاللاھمۇ ئۇنىڭ ئەيىبىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە
ياپىدۇ. بەندە دىنىي قېرىندىشىغا ياردەم قىلغانلىكى مۇددەتتە، ئاللاھ ئۇنىڭغا
ياردەم قىلىدۇ.» (مۇسلىم)
Yorumlar
Yorum Gönder