پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ ھۆكمى
پايپاققا مەسىھ
قىلىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: تاھارەت
ئالغاندا پايپاققا مەسھ قىلىش دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى
ئورۇن: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى
جاۋاب: بارلىق
ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. سالاۋات ۋە سالاملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە،
ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە-كراملارغا بولسۇن.
فەقىھلەر
تاھارەت ئالغاندا پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ ھۆكمىدە ئىختىلاپلاشقان. بەزىلەر بۇنى دۇرۇس
ئەمەس دېسە، بەزىلەر دۇرۇس دېگەن. بۇ ھەقتىكى توغرا قاراش شۇكى: پايپاق پۇتنىڭ تېرىسىنى
كۆرسىتىپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە قېلىن بولسا، ھوشۇقنى ياپسا ۋە تاھارەتلىك ھالدا پۇتقا
كىيىلگەن ھالەتتە، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرىدۇر. پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇق
مۇددىتى مۇقىم كىشىگە بىر كېچە-كۈندۈز، سەپەر قىلغۇچى-مۇساپىرغا ئۈچ-كېچە كۈندۈز
بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى سەھىھ ھەدىستە رىۋايەت
قىلىنغان. مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئېلىپ پايپىقىغا ۋە ئايىقىغا مەسىھ قىلغان.»(ئەبۇ داۋۇد
159؛ ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە؛ ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسكە «ھەسەن سەھىھ» دەپ
باھا بەرگەن.) كۆپلىگەن ساھابىلەر پايپاققا مەسىھ قىلغان. ئىمام ئەبۇ داۋۇد مۇنداق
دېگەن: «ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، بەررا ئىبنى ئازىب، ئەنەس
ئىبنى مالىك، ئەبۇ ئۇمامە، سەھل ئىبنى سەئد، ئامىر ئىبنى ھۇۋەيرىس قاتارلىق
ساھابىلەر پايپىقىغا مەسىھ قىلغان. ئۇمەر ئىبنى خەتتاب ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس
قاتارلىقلارنىڭمۇ پايپىقىغا مەسھ قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.»( أحمد 4 / 252 وأبو داود برقم 160) [يۇقارقى ساھابىلەرنىڭ
پايپىقىغا مەسھ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر باشقا ساھابىلەرنىڭ ئۇنداق
قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. پەقەت: ئىمام ئەبۇ داۋۇدقا يېتىپ كەلگەن پايپىقىغا مەسىھ
قىلغان ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرى يۇقارقىدىن ئىبارەت.-تەرجىماندىن.]
تەۋپىق
ئاللاھتىندۇر. سالاۋات ۋە سالاملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ
زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە-كراملارغا بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچىلەر:
باش مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ مۇپتىلار: پەزىلەتلىك شەيخ
ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ پەزىلەتلىك شەيخ؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ پەزىلەتلىك شەيخ؛
ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.
Yorumlar
Yorum Gönder