سالىھلارنىڭ باغچىسى
سالىھلارنىڭ باغچىسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(ھەدىسلەر كۈنسىرى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ)
[سالىھلارنىڭ باغچىسى 791-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى يەرگە سۆرەلدۈرۈپ
كىيگەن كىشىنىڭ يۈزىگە (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ
بىلەن ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىققەت قىلمىسام مېنىڭ
كىيىمىمنىڭ ئېتىكى يەرگە سۈرۈلۈپ قالىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ئۇنىڭغا «سەن چوڭچىلىق يۈزىسىدىن شۇنداق
قىلىدىغانلاردىن ئەمەس» دېدى.(بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 3665، ئىمام مۇسلىم
2087 رىۋايەت قىلغان)
[سالىھلارنىڭ
باغچىسى 792-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ قىيامەت كۈنى كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) چوڭچىلىق
قىلىش يۈزىسىدىن يەرگە سۆرەلدۈرۈۋالىدىغان كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ،»
(بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 5788، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)
[سالىھلارنىڭ
باغچىسى 793-نومۇرلۇق ھەدىس]
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئەرلەر ئۈچۈن) كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاختىدۇر.»(بۇخارى
5787-نومۇرلۇق ھەدىس)
[سالىھلارنىڭ
باغچىسى 794-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ
قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن
دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ
زەر «بۇ كىشىلەر ئازابقا ئۇچراپ ھالاك بولدى. (بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى) كىم ئەي
ئاللاھنىڭ رەسۇلى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
(ئۇلار)
«ئىشتاننى ئۇزۇن كىيگۈچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت
قىلغۇچى، مالىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغان كىشىدۇر» دېدى.
ئىمام مۇسلىمدىن كەلگەن رىۋايەتتە «ئاستىغا كىيگەن كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) يەرگە سۆرەپ
كىيگۈچى» دېيىلگەن.(مۇسلىم 106-نومۇرلۇق ھەدىس)
[سالىھلارنىڭ
باغچىسى 795-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«كىيىمنى ئۇزۇن كىيىش بەلنىڭ تۆۋىنىگە كىيىلىدىغان كىيىملەردە، كۆڭلەك
ۋە سەللىدە بولىدۇ. كىمكى، بۇلاردىن بىرىنى چوڭچىلىق قىلىش نىيىتىدە يەرگە سۆرىۋالىدىكەن،
ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنداق كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4094؛ نەسائى 5327)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسلەرنى
شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ:
كىيىمنى يەرگە سۆرەپ كىيىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنجىسى: چوڭچىلىق قىلىش، كىبىرلىنىش سەۋەبلىك
كىيىمىنى سۆرەپ كىيىش.
ئىككىنجىسى: چوڭچىلىق قىلىش، كىبىرلىنىش مەقسىدى
بولمىسىمۇ، كىيىمىنى (ئىشتاننى) ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىش.
چوڭچىلىق قىلىش، كىبىرلىنىش سەۋەبلىك كىيىمىنى
ئۇزۇن كېيىش توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆت تۈرلۈك جازانى
بايان قىلغان بولۇپ، بۇ جازالار ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىگە سۆز قىلماسلىقى،
ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىماسلىقى، ئۇنى گۇناھلىرىدىن پاكلىماسلىقى (يەنى
مەغفىرەت قىلماسلىقى) ۋە ئۇنى دەھشەتلىك ئازابنىڭ كۈتۈك تۇرۇشى قاتارلىقلار.
چوڭچىلىق قىلىش ۋە كىبىرلىنىش يۈزىسىدىن كىيىمىنى سۆرەلدۈرۈپ كىيگۈچىلەرنى
ساقلاۋاتقان تۆت تۈرلۈك جازا مانا شۇدۇر.
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ
«ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىققەت قىلمىسام كىيىمىمنىڭ بىر تەرىپى ساڭگىلىۋالىدۇ؟
ئەجەبا بۇ تەھدىت مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سەن چوچڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى سۆرەلدۈرۈۋالىدىغانلاردىن
ئەمەسسەن» دەپ، ئەبۇ بەكرىنىڭ دىققەت قىلمىسا كىيىمىنىڭ سۆرۈلۈپ قېلىشىنىڭ كىبىر
يۈزىسىدىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان جازا چوڭچىلىق قىلىپ
كىبىرلەنگەنلەر ئۈچۈن.
چوڭچىلىق قىلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، ئىشتاننى
ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىدىغانلارغا بېرىلىدىغان جازا چوڭچىلىق قىلىپ ئىشتاننى
ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يېنىكتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان «ئىشتاننىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاخ
ئوتىدا»(بۇخارى 5787-نومۇرلۇق ھەدىس) دېگەن ھەدىستە پەقەت بىرلا جازا بايان
قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ جازا بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە بېرىلمەستىن، پەقەتلا
ئىشتاننى ھوشۇقنىڭ ئۈستىدە كىيىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھوشۇقىنىڭ ئاستىغا
بېرىلىدۇ. كىيىمنىڭ ئېتىكى ياكى پۇچقىقى ھوشۇقتىن ئېشىپ كەتسە، دوزاختا كۆيىدىغىنى
پەقەتلا ھوشۇقنىڭ ئاستىنقى قىسىمى بولىدۇ. دېمەك، چوڭچىلىق قىلماستىن ئىشتاننى
ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيگەنلەرگە بېرىلىدىغان جازا پۈتۈن بەدەنگە ئەمەس، پەقەت
ھوشۇقنىڭ ئاستىغا بولىدۇ.
بەدەننىڭ پەقەتلا مەلۇم بىر قىسىمىنىڭ
ئازابلىنىدىغانلىقى مەسىلىسىگە ھەيران قالماسلىق لازىم. چۈنكى، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا
كەلگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (بەزى) ساھابىلەرنىڭ
(سەپەردە) تاھارەت ئېلىپ ھوشۇقلارنى كامىل يۇماي قالغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا يۇقىرى
ئاۋازدا «(يۇيۇلماي چالا قالغان) ھوشۇقلارغا دوزاخ
ئازابىدىن ۋاي» دېگەن.(بۇخارى 163؛ مۇسلىم 240) بۇ يەردە جازانىڭ
پەقەتلا ھوشۇق بىلەن، يەنى كامىل يۇيۇلمىغان ھوشۇق سۆڭىكى بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى
بىلىنمەكتە. دوزاخ ئازابىدا جالاش بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى تولۇق كۆيدۈرۈش بىلەنمۇ
بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك، چەكلەنگەن ياكى بۇيرۇلغان مەلۇم بىر ئىشقا خىلاپلىق قىلىش
سەۋەبلىك پەقەتلا بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسىمىنى كۆيدۈرۈش بىلەنمۇ بولىدۇ. شۇ
ۋەجىدىن، يالغۇز ھوشۇقنىڭلا كۆيدۈرۈلۈشىنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھېچ يېرى يوق.
بۇ يۈزدىن، «ئىشتاننى كىبىر سەۋەبلىك ئۇزۇن كىيىش
ھارام، كىبىرسىز ھالدا ئۇزۇن كىيىش مەكرۇھ» دېگەن ھۆكۈمنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى
كۆرۈۋالىمىز. توغرىسى شۇكى، كىيىمنى مەيلى كىبىرلىنىپ، چوڭچىلىق قىلىش سەۋەبلىك
ئۇزۇن كىيگەن بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىش
بەرىبىر ھارام. چۈنكى، ئاللاھ بەزى ئالاھىدە جازالارنى بەلگىلىگەن گۇناھلار چوڭ
گۇناھلار ھېسابلىنىدۇ. كىيىمنى ئۇزۇن كىيىش مەسىلىسىدە دەل بەزى ئالاھىدە جازالار
بايان قىلىنغان. ئىشتاننى چوڭچىلىق قىلىش نىيىتىدە بولماستىن ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كەيسە،
بۇنىڭ جازاسى (ھوشۇقنىڭ) دوزاخ ئوتىدا كۆيۈشىدۇر. چوڭچىلىق قىلىش ۋە كىبىرلىنىش
مەقسىدىدە ئۇزۇن كىيگەن بولسا، بۇنىڭ جازاسى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا سۆز
قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرىدە باقماسلىقى، ئۇنى گۇناھلىرىدىن پاكلىماسلىقى
ۋە ئۇنىڭ دەھشەتلىك ئازابقا دۇچار بولۇشىدىن ئىبارەت جەمئىي تۆت جازا بولىدۇ.
مۇئەللىم ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ
ئاخىرىدا ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى بايان قىلغان. بۇ ھەدىستە
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى
ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى
(گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم
تەكرارلىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۇقارقى سۆزىنى ئۈچ قېتىم
تەكرارلىشىدىكى سەۋەب ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، سۆزنى
ئايىقى ئۈزۈلگەن ھالەتتە ئېيتىش، بولۇپمۇ تەكرار ئېيتىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى
تېخىمۇ بەك تارتىدۇ. دىققىتى سۆزلەنمەكچى بولغان سۆزگە تارتىلغاندا، ئىنسانلار
سۆزنىڭ ئاخىرىنى-تەپسىلاتىنى ۋە چۈشەندۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ سەۋەبلىك، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «زىيانغان
ئۇچراپ ھالاك بولغان بۇ كىشىلەر كىملەر ئىي ئاللاھنىڭ رەسۇلى!» دەپ سورىغان.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (ئۇلار) «ئىشتىنىنى
ئۇزۇن كىيگەن (ئەر) لەر، قىلغان ياخشى ئىشىغا مىننەت قىلغانلار ۋە مېلىنى يالغان
قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغانلاردۇر» دېگەن. (مۇسلىم 106-نومۇرلۇق
ھەدىس)
بىرىنجىسى: چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى يەرگە سۆرەپ
كىيگەن كىشىدۇر.
ئىككىنجىسى: بەرگەن نەرسىسىگە مىننەت قىلغان
كىشىدۇر. مەسىلەن، بىرسىگە بىر ياخشىلىق قىلغان بولسا «ساڭا مۇنداق مۇنداق
ياخشىلىق قىلغان ئىدىم» دەيدىغانلاردۇر. مىننەت قىلىش گۇناھى كەبىرىدۇر. چۈنكى،
يۇقارقى ھەدىستە بۇنىڭ بېرىلىدىغان تەھدىت ۋە جازا بايان قىلىنغان. شۇنداقلا،
مىننەت قولغان كېلىپ بولغان ساۋابنى يوق قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ئايەتتە «بەرگەن
سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە (قوبۇل قىلغۇچىنىڭ) كۆڭلىنى رەنجىتىش بىلەن
بىكار قىلىۋەتمەڭلار» دېىلگەن.
ئۈچىنجىسى، مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا
ئورۇنۇشتۇر. يالغاندىن قەسەم قىلىش بىلەن مېلىنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇشقا ئورۇنۇشتۇر.
مەسىلەن، سەككىز لىراغا ئالغان بىر نەرسىنى «ۋاللاھى، ئون لىراغا ئالغانتىم»
دەيدىغانلاردۇر. ياكى، «ۋاللاھى، مالنى ئون لىرا قىلدى، بەرمىدىم» دېگەندەك يالغان
قەسەم بىلەن مېلىنى ساتماقچى بولغانلاردۇر. بۇلار يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان تۆت
جازاغا (بىراقلا) ئۇچرايدىغان كىشىلەردۇر. (قىيامەتتە) ئاللاھ بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى
بىلەن گەپلەشمەيدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار
دەھشەتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ بىزنى بۇنداق گۇناھلارنى قىلىشتىن ۋە
بۇنداق جازالارغا ئۇچراشتىن مۇھاپىزە قىلسۇن.
[ئەللامە
ئىبنى ئۇسەيمىن «سالىھلارنىڭ باغچىسى شەرھى» 3-جىلد، 444 ~ 448-بەتلەر]
[1392] وعن عبد
الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما قال: سمعت رسول
الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إن الله
لا يقبض العلم انتزاعًا ينتزعه من الناس ولكن يقبض العلم بقبض العلماء حتى
إذا لم يبقِ عالمًا، اتخذ الناس رءوسًا جهالا، فسئلوا فأفتوا بغير علم،
فضلوا وأضلوا.»
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇمادىن مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئاللاھ تائالا ئىلىمنى
ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدىن تارتىۋېلىش بىلەن ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئالىملارنىڭ
ۋاپاتى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ. ئالىم قالمىغان چاغدا، كىشىلەر جاھىل داموللاملارنى
باشچى قىلۋالىدۇ. ئۇ جاھىل داموللاملاردىن پەتىۋا سورالسا ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا
بېرىپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.» (بۇخارى 98؛ مۇسلىم 4828؛ سالىھلارنىڭ
باغچىسى 1392؛ تىرمىزى 2652؛ ئىبنى ماجە)
ئىمام نەۋەۋىنىڭ «سالىھلار باغچىسى» ناملىق
ھەدىس كىتابىنىڭ «چەكلەنگەن ئىشلار بۆلۈمى»، غەيۋەتنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى تىلنى
ساقلاش بۇيرۇقى بابىدىن
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
وعن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله
عليه وسلم قال: «من كان يؤمن بالله واليوم الآخر،
فليقل خيرًا، أو ليصمت.» ((متفق عليه)).
[1511] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتسا ياخشى سۆز
قىلسۇن، بولمىسا جىم تۇرسۇن.» (بۇخارى 5994؛ مۇسلىم 67؛ سالىھلار
باغچىسى 1511)
ئىمام
نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: (وهذا صريح أنه ينبغي أن لا يتكلم إلا إذا كان
الكلام خيرًا، وهو الذي ظهرت مصلحته، ومتى شك في ظهور المصلحة، فلا يتكلم.) بۇ ھەدىس سۆزنىڭ ياخشى سۆز بولغاندىلا ئاندىن سۆزلىنىشى
كېرەكلىكىگە ئېنىق دەلىل بولىدۇ. ياخشى سۆز دېگەن پايدىسى ئېنىق بولغان سۆزدۇر.
پايدىسى بولۇش ياكى بولماسلىقى توغرىسىدا ئىككىلىنىلگەن سۆز سۆزلەنمەسلىكى كېرەك.
ئىبنى
ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە ئېيتقانلىرىدىن بەزىلىرى
تۆۋەندىكىچە: سۆزنىڭ ياخشى بولىشى ئىككى شەكىلدە بولىدۇ. بىرىنجى: ئەسلى
زاتىدىنلا ياخشى ھېسابلىنىدىغان سۆز. مەسىلەن، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، تەسبىھ
ئېيتىش، تەكبىر ئېيتىش، لائىلاھە ئىللەللاھ ۋە باشقا زىكىرلەر، ئىلىم ئۆگىنىش...
(قاتارلىقلار)
ئىككىنجى:
سۆزنىڭ ئۆزى ياخشى سۆز ھېسابلانماستىن (مۇباھ) ھېسابلىنىدىغان، شۇ سۆزدىن
كېلىدىغان نەتىجە ياخشىلىق بولىدىغان سۆز. بۇ مۇباھ
ھېسابلانغان بىر سۆزنىڭ پايدىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ھېسابلىنىدۇ. (مەسىلەن)
يېنىڭدا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ ئىللىشىغا، خوش بولۇشىغا ۋە ئارىسدا
دوستلۇقنىڭ ئورنىتىلىپ، يېيىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان سۆزلەر.... (مۇشۇ تۈردىندۇر.)
چۈنكى، ئىنسان بىر يەردە ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاكى ئايرىلغۇچە گەپ قىلماي جىم
تۇرۇۋالسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زېرىكىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە «بۇ ئادەم بەك توڭ،
چىرايلىق پاراڭلىشىشنى بىلمەيدۇ» دەيدۇ. مۇباھ ھېسابلانغان گەپلەرنى دېيىشىڭ
قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىسى بولىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە شۇنىڭغا
دىققەت قىلىنىشى كېرەككى، ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش توغرا ئەمەس.
چۈنكى، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگۈچىنىڭ ھالىغا ۋاي،
ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي.» (مۇسنەد ئەھمەد 5\7؛ ئەبۇ داۋۇد 4388؛
تىرمىزى 2237)(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «سالىھلار باغچىسى شەرھى»5\90)
وعن سفيان بن عبد الله رضي الله عنه قال: قلت يا رسول
الله حدثني بأمر أعتصم به قال: «قل ربي
الله ثم استقم» قلت: يا رسول الله ما أخوف ما تخاف علي؟ فأخذ بلسان
نفسه، ثم قال: «هذا». رواه
الترمذي وقال حديث حسن صحيح.
[1517]
سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن
(رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا مەھكەم
ئېسىلىشىم كېرەك بولغان بىر ئىشنى دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدىم. رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «رەببىم ئاللاھتۇر
دېگىن. ئاندىن توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىن» دېدى. مەن «ئى ئاللاھنىڭ
رەسۇلى، مەن ئۈچۈن ھەممىدىن بەك قورقىدىغانلىرى قايسى» دەپ سورىۋىدىم، تىلىنى
تۇتۇپ تۇرۇپ «مانا بۇ» دېدى. (مۇسنەد
ئەھمەد 3\413؛ تىرمىزى 2334؛ ئىبنى ماجە؛ ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت
قىلىپ ھەسەن سەھىھ دېگەن دەپ قەيت قىلغان؛ سالىھلار باغچىسى 1517-نومۇرلۇق ھەدىس)
وعن أبي موسى رضي الله عنه قال:
قلت: يا رسول الله أي المسلمين أفضل؟ قال: "من سلم المسلمون من لسانه
ويده". ((متفق عليه)).
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت
قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى مۇسۇلمان ئەڭ ئۈستۈن؟» دەپ سورىدىم.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«مۇسۇلمانلار
ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن سالامەت قالغان مۇسۇلمان (ئەڭ ئۈستۈن)»
دېدى.(بۇخارى 10؛ مۇسلىم 57؛ سالىھلار باغچىسى 1512)
وعن سهل بن سعد قال: قال رسول
الله صلى الله عليه وسلم: "من يضمن لي ما بين لحييه،
وما بين رجليه أضمن له الجنة" ((متفق عليه)).
[1513] سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىككى ئېڭىكى ئارىسىدىكى (يەنى تىلى) بىلەن ئىككى
پاچىقى ئارىسىدىكى (جىنسىي ئەزاسىنى) ساقلاشقا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى
ۋەدە بېرىمەن.» (بۇخارى 5993؛ سالىھلار باغچىسى 1514)
[1578] ۋاسىلە ئىبنى ئەسىائ رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قېرىندىشىڭنىڭ
بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتتىن خۇش بولما! (ئۇنداق قىلساڭ) ئاللاھ ئۇنىڭغا مەرھەمەت
قىلىپ (ئۇ مۇسىبەتتىن ئۇنى قۇتقۇزىدۇ)، ساڭا بىر مۇسىبەت بېرىدۇ.»(تىرمىزى 2430)
مۇئەييەن بىر نەسەبكە تىل ئۇزۇتىشنىڭ ھارام
ئىكەنلىكى
[1579] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىىشلەر ئارىسىدا
تارالغان ئىككى ئىش باركى، بۇلار كۇفۇر (ئەھلىگە ئائىت ئىشلاردىندۇر): نەسەبكە تىل
تەگكۈزۈش ۋە ئۆلۈككە ئاھ-پەرياد ئۇرۇش.» (مۇسلىم 100)
ئالدامچىلىقنىڭ ۋە ھىيلە ئىشلىتىشنىڭ ھارام
ئىكەنلىكى
[1580] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىزگە
قارشى قورال كۆتۈرگەن بىزدىن ئەمەس. بىزنى ئالدىغانمۇ بىزدىن ئەمەس.»(مۇسلىم
146)
[1581] يەنە ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يالغان خېرىدار بولماڭلار.» (بۇخارى
1996؛ مۇسلىم 2533)
[1582] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يالغاندىن خېرىدار
بولۇشنى چەكلىدى.» (بۇخارى 1998؛ مۇسلىم 2792)
[1583] يەنە ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە
سودىدا ئالدانغانلىقىنى ئېيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا
«كىم بىلەن سودىلاشساڭ ‹ھىيلە ئىشلىتىش بولمىسۇن› دېگىن» دېدى. (بۇخارى 2230؛
مۇسلىم 2863)
[1584] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىرىنىڭ
ئايالىنى (يولدىشىغا قارشى) كۈشكۈرتسە، ۋەيا قۇلىنى (خوجايىنىغا قارشى) كۈشكۈرتسە
بىزدىن ئەمەس.» (ئەبۇ داۋۇد 4502)
(دىنىي قېرىندىشىغا ئاداۋەت ساقلىغۇچى ئاداۋىتىدىن يانمىغۇچە مەغفىرەت قىلىنمايدۇ)
[1594] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قوشمىغان ھەر بىر بەندە مەغفىرەت قىلىنىدۇ. بىراق دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا دۈشمەنلىك-ئاداۋەت بولغانلار مەغفىرەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى يارىشىپ قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈڭلار.» (مۇسلىم 4652)
(دىنىي قېرىندىشىغا ئاداۋەت ساقلىغۇچى ئاداۋىتىدىن يانمىغۇچە مەغفىرەت قىلىنمايدۇ)
[1594] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قوشمىغان ھەر بىر بەندە مەغفىرەت قىلىنىدۇ. بىراق دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا دۈشمەنلىك-ئاداۋەت بولغانلار مەغفىرەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى يارىشىپ قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈڭلار.» (مۇسلىم 4652)
(قوشۇمچە ماۋزۇ: ئاجىزلارنى بوزەك قىلماسقلىق، قۇل
ئازاد قىلىش)
بىر كۈنى قۇلۇمنى قامچام بىلەن ئۇرۇۋاتاتتىم،
ئارقا تەرىپىمدىن «ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى...» دېگەن بىر ئاۋازنى
ئاڭلىدىم. بىراق، غەزەپناكلىقىم سەۋەبلىك ئۇ سۆزنى تولۇق ئاڭلىيالمىدىم. ئاۋاز
يېقىنلاشقىنىدا، كۆردۈمكى رەسۇلۇللاھ قارىشىمدا تۇرۇپ ماڭا شۇنداق دەۋاتاتتى:«ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى، ئاللاھنىڭ كۈچى ساڭا سېنىڭ
بۇ قۇلغا كۈچۈڭ يەتكىنىدىن بەكراق يېتىدۇ.» مەن شۇندىلا «بۇنىڭدىن
كېيىن ھېچبىر قۇلنى ئەسلا ئۇرمايمەن» دېدىم.
بىر رىۋايەتتە «رەسۇلۇللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قامچا
قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى» دېگەن لەۋىز ئارتۇق كەلگەن. (مۇسلىم 3135)
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: مەن «ئى
ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەمدى بۇ قۇل ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازادتۇر» دېدىم.
رەسۇلۇللاھ ماڭا مۇنداق دېدى:«ئەگەر بۇنداق
قىلمىغان بولساڭ جەھەننەم ئوتى سېنى ئورىۋالاتتى-ياكى سېنى كۆيدۈرەتتى-دېدى.»
(مۇسلىم 3136)
[1606] ئىبنى ئۇمەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«كىم قۇلى گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن تۇرۇقلۇق
ئۇنى جازالاش نىيىتىدە ئۇرسا ياكى ئۇنى شاپىلاقلىسا، قىلغان بۇ (يامان) ئىشىنىڭ
كاففارىتى ئۇ قۇلىنى ئازاد قىلىۋېتىشتۇر.»(مۇسلىم 3131)
Yorumlar
Yorum Gönder