ساۋاب كۆزلىمەستىن ياخشى ئىش قىلغۇچى ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟
ساۋاب
كۆزلىمەستىن ياخشى ئىش قىلغۇچى ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟
سوئال: كىشى
ساۋابقا ئېرىشىشنى نىيەت قىلماستىن ياخشى ئىش قىلسا، بۇ ئىشى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟
سەئۇدىي
پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 7289-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: كىشى
قىلغان ئەمىلىدە ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىلا كۆزلىگەن بولسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمىلى
ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن بولسا، ئۇ ھالدا كىشى ئۆزى قىلغان بۇ ئەمىلى ئارقىلىق
ئاللاھ تەقدىر قىلغان ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇ ئەمىلىدىن ساۋابقا
ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ شۇنداق.
[مەسىلەن:
بىرەيلەن بىر سەھىھ ھەدىسنى توپلاردا تارقاتتى ۋە بۇنى ياخشى ئىش دەپ بىلدى.
ئەمما، ھەدىسنى تارقاتقاندا ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلمىدى. بۇ ھالدا كىشى يەنىلا
ساۋابقا ئېرىشىدۇ. شەرىئەتكە ئۇيغۇن ياخشى ئىشنى قىلغاندا ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد
قىلىپ تۇرۇپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى تېخىمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكىدە شەك يوق.-تەرجىماندىن]
تەۋپىق
ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا
دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا
بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى
غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد
menhej.blogspot.com
mujtehid.blogspot.com
Yorumlar
Yorum Gönder