ئەلىنىڭ خىجىللىقى-ئىسلامىي ھېكايە

ئەلىنىڭ خىجىللىقى
 

    ئەسىر نامىزىغا ئەزان چىققان بولسىمۇ، ئوغلىنىڭ مەكتەپتىن تېخىچە قايتىپ كەلمەسلىكى ئابدۇراھمان ئاكىنى ئەندىشىگە سالدى.
    ـــ بالىنىڭ مەكتىۋىگە بېرىپ باقاي، قايتىپ كەلگۈچە تاماقنى تەييار قىلىپ تۇرۇڭ،ـــ دېدى ئابدۇراھمان ئاكا ئايالى ھاجەر ئاچىغا.
    ـــ ماقۇل، مەكتەپكە بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇدۇل بىنادىكى مۇرات ئۇستىنىڭ ئۆيىگە بىر دوقۇرۇپ باقسىلا، ئوغلىمىز مۇرات ئۇستىنىڭ ئوغلى بىلەن بىر سىنىپتا بولغاندىكىن، شۇلارنىڭ ئۆيىدە بولۇشى مۇمكىن،ـــ دېدى ھاجەر ئاچا.
    ئابدۇراھمان ئاكا يارىشىملىق ساقىلىنى تارغاقتا تۈجۈپىلەپ تارىۋېلىپ، ئىشىكتىن چىقتى. بىنا ئىچىدىكى پەشتاقلاردا ئاندا-ساندا ئۇچىرىغان يېمەكلىك خالتىلىرىنى تېرىۋېتىشنى ئۇنۇتمىدى. ئابدۇراھمان ئاكا سىرتلارغا چىقسا، ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق تۈردىكى ئەخلەتلەرنى تېرىپ ئېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاشنى ئادەت قىلغان ئىدى. كۆزىگە نەدە ئەخلەت كۆرۈنگەن ھامان، ھەر قانچە جىددىي ئىشى بولسىمۇ، ئەخلەتلەرنى تېرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىمىغۇچە بولدى قىلمايتتى. ئوغلى ئەلى بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا «ئوغلۇم، دىنىمىز پاكىزلىق دىنىدۇر. ئاللاھ پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، مەينەتچىلىك، مالىماتاڭچىلىقنى ئۆچ كۆرىدۇ. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ‹پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر› دېگەن. شۇڭا، سەنمۇ ئۆيىمىزنىڭ، سىنىپىڭنىڭ ۋە كوچا-كويلارنىڭ پاكىز تۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغىن» دەپ نەسىھەت قىلاتتى.
    ئابدۇراھمان ئاكا ھاجەر ئاچىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، ئوغلىنى ئىزدەش ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇدۇل بىنادىكى مۇرات ئۇستىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. «سۇبھاناللاھى، ۋەلھەمدۇلىللاھى، ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر...» ئابدۇراھمان ئاكا يول ماڭغان، بىكار تۇرۇپ قالغان، بىرەرسىنى ساقلىغان ۋاقىتلاردا مۇشۇ خىلدىكى زىكىرلەرنى ئوقۇيتتى. بۈگۈنمۇ، ئۆيىدىن «بىسمىللاھ» دەپ چىقىپ تاكى مۇرات ئۇستىنىڭنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگۈچە مۇشۇ زىكىرنى قايتا-قايتىلاپ پىچىرلاپ ئوقۇپ ماڭدى. ئۇ بۇ خىلدىكى زىكىرلەرنى قانچە كۆپ ئوقۇغانسېرى، قەلبى شۇنچە راھەتلىنىپ تېنى يايراپ كېتەتتى. بۇ زىكىرىلەرنى ئوقۇۋاتقاچ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ ئاللاھنىڭ پۈتۈن نۇقسانلاردىن پاكلىقىنى، پۈتۈن ئەسلى ۋەسلىنىڭ ئاللاھقا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئاللاھقا تەڭ كېلىدىغان ھېچقانداق كۈچنىڭ يوقلىقىنى ئويلىغىنىدا ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ، يىغا تۇتۇپ كېتەتتى. ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى بىلەن نۇرلانغان، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن تىترىگەن قەلبى ئۇنى ھەر قاچان يامان خىيال، ناچار ئىشلاردىن توسۇپ تۇراتتى.
    ئابدۇراھمان ئاكا مۇرات ئۇستىنىڭ ئۆيى جايلاشقان قەۋەتكە چىقىپ، بىر ھازا تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئىشىكنى يېنىك چەكتى. ئىشىكنى يەنە بىر قېتىم چېكەي دەپ تۇرۇشىغا، مۇرات ئەپەندىنڭ ئوغلى فارۇق ئىشىكنى ئاچتى.
    ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوغلۇم! ـــ سالام بەردى ئابدۇراھمان ئاكا.
    ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئابدۇراھمان تاغا، ئۆيگە كىرىڭ، ئەلىمۇ بىزنىڭ ئۆيدە.
    ئابدۇراھمان ئاكا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا، ئەلىمۇ دادىسىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
    ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دادا!
ـ    ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوغلۇم. بىزنى ئەنسىرىتىپ قويدۇڭ. بۇ ئۆيدە بولمىساڭ سېنى ئىزدەپ مەكتىۋىڭگە بارماقچى ئىدىم.
    ـــ كەچۈرۈڭ دادا! فارۇقتا «ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ» نىڭ فىلىمى بار ئىكەنتۇق، شۇ فىلىمنىڭ دېسكىسىنى ئۆيگە ئالغاچ كېتىپ سىلەر بىلەن بىللە كۆرەي دەپ فارۇقنىڭ ئۆيىگە كىرگە ئىدىم، كىرىپ تۇرسام سىز ئىشىك چەكتىڭىز.
    ـــ ئۇ فىلىمنى كۆرسەڭ بولمايدۇ. يۈر ئوغلۇم، ئۆيدە ئاناڭ تاماق ئېتىپ بىزنى ساقلاۋاتىدۇ.
    ـــ نېمىشقا كۆرسەم بولمايدۇ، دادا؟
    ـــ توغرا، نېمىشقا كۆرسەك بولمايدۇ، ئابدۇراھمان تاغا؟
    ـــ ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىندۇر. ئۇ زات پەزىلەتتە، ئىلىمدە، ئىبادەتتە، قەيسەرلىكتە ۋە مەرتلىكتە يۇقىرى چەككە يەتكەن. فىلىمدە ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رولىنى ئالغانلار ئۇنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ. فىلىم ھەر قانچە ياخشى ئىشلەنگەن، فىلىمدە ھەر قانچە ياخشى رول ئېلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رولىنى ئېلىپ كىنو ئىشلەش توغرا ئەمەس. بۇ كىنولارنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەقىقىي ئۆزىنى ئەمەس، ئارتىسنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەپ تونۇۋالىدۇ، نەتىجىدە ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىمۇ ئادەتتىكى كىشىلەردەك ساناپ قالىدۇ، ساھابىلەرگە بولغان مۇھەببىتى، غايىۋى ئىنتىلىشى تۆۋەنلەپ قالىدۇ. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋال. ساھابىلەرگە مۇھەببەت باغلاش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھەقىقىي تونۇيمەن دېگەنلەر تايىنى يوق ئارتىسلار رول ئالغان بولمىغۇر كىنولارنى ئەمەس، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتى خاتىرىلەنگەن كىتابلارنى ئوقۇسۇن. سومكاڭنى ئېلىپ، ئايىقىڭنى كىيگىن ئوغلۇم، ئۆيگە كېتىمىز.
ـــ ماقۇل دادا، بىر ئوقۇتقۇچىمىز ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 63 يېشىدا ۋاپات بولغان دېگەن ئىدى، مەن بۇ فىلىمدىن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زادى قانداق ۋاپات بولغىنى كۆرۈپ باقاي دېگەن.
ـــ ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەسكى نىيەتلىك كىشىلەر شەھىد قىلىۋەتكەن ئوغلۇم. بۇ ۋەقەلىكنى ساڭا ئەتىگىچە تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەي، ئىنشائاللاھ.
ـــ ماقۇل دادا، كەچتىلا سۆزلەپ بېرىڭە بولسا.
ـــ ئەھۋالغا قارايلى ئوغلۇم.
ـــ فارۇق، مەن چىقاي ئوغلۇم، سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم. ئەسساللامۇ ئەلەيكۇم.
ـــ ماقۇل، ئەتىگەنلىككە بىنا ئالدىدا ئۇچرىشىپ مەكتەپكە بىللە ماڭايلى، سېنىمۇ ئاللاھقا تاپشۇردۇم، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئابدۇراھمان ئاكا بىلەن ئەلى ئۆيگە كىرگىنىدە مېزىلىك سۈيقاشنىڭ پۇرىقى ئۆينى بىر ئالغان ئىدى. ئىككىلەيلەن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بېرىپ ئۆيگە كىردى. ئەلى ئۇدۇل ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ ئانىسىغا سالام بەردى ۋە ئانىسىنى قۇچاقلىدى.
ـــ مېنى سېغىنىپ كەتتىڭمۇ، ئوغلۇم.
ـــ ھەئە، ئانا سىزنى سېغىندىم.
ـــ ئوغلۇم مېنى سېغىنغىنىڭ، مېنى ئەسلىگىنىڭ ياخشى ئەھۋال، بۇنىڭدىن مەن خۇش. ئەمما، ئاللاھنى تېخىمۇ كۆپ ئەسلىشىمىز كېرەك. ئاللاھ قۇرئاندا «ئاللاھنى ئاتا-بوۋاڭلاردىنمۇ كۆپ ئەسلەڭلار» دېگەن. شۇڭا، ئاللاھنى كۆپ ئەسلىگىن ئوغلۇم، بولامدۇ؟
ـــ ئاللاھنى ئەسلەش دېگەنلىك ئاللاھنى زىكىر قىلىش دېگەنلىك بولامدۇ، ئانا؟
ـــ شۇنداق ئوغلۇم. «سۇبھاناللاھ»،«ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر»، «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەنلەرنىڭ قايسى بىرىنى دېسەڭ ئاللاھنى ئەسلىگەن بولىسەن، بۇ كەلىمىلەرنى كۆپ دېيىش ئارقىلىق ئاللاھنى ئەسلىگىن، شۇنداق قىلساڭ ئاللاھمۇ سېنى ئەسلەيدۇ، ئوغلۇم.
ـــ بولىدۇ، ئانا، مەن بۇلارنى ئەتىگەنلىككە فارۇققىمۇ دەپ بېرىمەن، ئىنشائاللاھ.
ھاجەر ئاچا سۈيقاشنى چىنىلەرگە ئۇسۇۋاتقاندا، ئابدۇراھمان ئاكا بىلەن ئەلى قوللىرىنى يۇيۇپ، تاماق يېيىش ئۈچۈن داستىخانغا كېلىپ ئولتۇردى. سۈيقاش بىر ئاز سوۋىغاندىن كېيىن، ئۈچەيلەن بىرلىكتە «بىسمىللاھ» دەپ سۈيقاشنى ئىچىشكە باشلىدى.
ـــ ئەمدى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ فىلىمىنى ھەرگىز كۆرمەيمەن، دادا ___ دېدى ئەلى خىجىللىق بىلەن.
___ ماشائاللاھ، ئوغلۇم. دوستلىرىڭغىمۇ كۆرمەسلىك توغرۇلۇق تەۋسىيە قىلغىن.
ھاجەر ئاچا ئاتا-بالىنىڭ سۆزلىرىدىن ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە، ئوغلىنىڭ مەڭزىگە سۆيدى.

Yorumlar