مۇھەممەد سالىھ داموللا


(1936-2018)

1936-يىلى ئاتۇش شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلامىي ئىلىملەردە ئاساس سالغان مۇھەممەد سالىھ 1955-يىلى، خىتاي پايتەختىنىڭ مەركىزى بېيجىڭغا بېرىپ جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى ، شەيخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسرورلارنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە ، تەپسىر ، ھەدىس ، فىقھى ، ئەقىدە ، ئىسلام پەلسەپىسى ، ئىسلام تارىخى ، ئىلمىي بالاغەت ، ئىلمىي كالام ، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىمىلىق ئۆگەندى. 1960 - يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى «شىنجاڭ» شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ھۆكۈمەت كادىرى بولۇپ ئورۇنلاشتى.
1992-يىلى مۇھەممەد سالىھ جۇڭگو - ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيىلەپ ئەرەپ تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇنغان. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەرگەن.
مۇھەممەد سالىھ ماراكەش پادىشاھىغا جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرغان ۋە «قۇرئان كەرىم» بىلەن « سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلغان.
«قۇرئان كەرىم» دىن باشقا يەنە «سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى»، «رىيازۇس سالىھىن» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتابلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنىڭ ساپلىشىشى ۋە كۈچىيىشىدە چوڭ رول ئوينىغان.
قىزى نەزىرە مۇھەممەد سالىھنى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقان. قىزى نەزىرە «شىنجاڭ» ئۇنۋېرسىتىتىنى مودا كىيىم-كېچەك ۋە يېرىم يالىڭاچلىق ھالەتتە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. كېيىن، خەلققە پايدىلىق بەزى ماقالىلەرنى يازغان؛ دادىسى بىلەن بىرلىكتە «رىيازۇس سالىھىن» تەرجىمىسىگە قاتناشقان.
(قىزىنى خىتاي ئالىي مەكتىۋىدە ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى بايان پەقەت بۇنداق قىلىشنىڭ ئېغىر باتىل قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش، ئوقۇرمەنلەرنى بۇنداق يامانلىقلارنى قىلماسلىققا، بولۇپمۇ داموللىلارنىڭ بۇنداق ئەسكىلىكنى سادىر قىلماسلىققا يېتەكلەش مەقسىدىدە قىستۇرۇلدى.)
كېرەم ئاتۇشنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزگەن چالغۇ-ئەسۋاب سورۇنىغا قەدەم تەشرىپ قىلىش، ئابلىكىم كەلكۈننىڭ ناخشا كېچىلىكىدە سورۇننىڭ تۆرىدە ئورۇن ئېلىش قاتارلىق باتىل قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خەلق ئارىسىدا يامان ئۈلگە تىكلىگەن.
خەلق دىنىي ئالىم دەپ تونۇيدىغان بىر داموللىنىڭ قىزىنى خىتاي ئالىي مەكتىۋىدە ئوقۇتۇشى؛ جاھىلىيەت سورۇنلىرىغا ئىشتىراك قىلىپ قۇتلۇقلىشى ئىنتايىن ئېچىنارلىق، خىيانەتكار قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي كومپارىيىسىگە باش ئېگىپ ياشاشنىڭ ئۆزىلا ئەقلى-ھوشى جايىدا بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېغىر باتىل قىلمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دىندا موللا بولغان بىر داموللىنىڭ خىتايدىن مائاش ئېلىشى، خىتاي بەرگەن مەنسەپلەرنى قوبۇل قىلىشى، مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، كومپارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئاجايىپ ئېغىر خائىنلىق. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇنداق ناچارلىقلاردىن ئۆزى ساقلىسۇن.
دىن ساھەسىدىكى ھەر قايسى زاتلارنىڭ خەلققە ھەر قانداق تۈردە يامان ئۈلگە بولۇپ قالماسلىقى، ھالبۇكى پەيغەمبەر ۋارىسى بولۇپ، بىرلا كېلىدىغان ھاياتلىقىنى ئاللاھنىڭ تەۋھىد كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىشقا ئاتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قانداقلا بىر داموللا دىننىڭ سىزىقىدىن چەتنەيدىكەن ۋە خەلققە يامان ئۈلگە بولىدىكەن، ئۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرى ھامان خەلق ئارىسىدا قارغىشقا دۇچار بولىدۇ. شۇڭا، ھايات ياشاۋاتقان داموللىلار كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتكەن قىلمىشلىرىنى جىددىي توغرىلاپ، ئۆلگەندە بولسىمۇ ياخشىلىق بىلەن تىلغا ئېلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچۈشى كېرەك.
ئون يىل خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلغان مۇھەممەد سالىھ داموللا 2018-يىلى بىرىنجى ئايدا خىتاي تۈرمىسدە ۋاپات بولغان.

Yorumlar