مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى
مۆمىننىڭ
مومىغا چىقىشى
(نۇر روزى)
بەقەسەم تون
كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن
ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە
، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپسوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ،
ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ
ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ
ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى :
– تىنچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟دېدى ئۇ ئېگىلىپ تۇرۇپ .
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ
ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى .
– خوش ، بۈگۈن نېمە بولدى ؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ ؟
– مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىنىڭ تۆگەدۆڭ دىكى
قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى .
مۇدىرنىڭ چوڭ
كۆزلىرى قىسىلىپ ، چىرايى سەل ئېچىلدى . سېمىز قوللىرى بىلەن شاپ بۇرۇتىنى ئىككى
يانغا تاراپ قويدى . خىزمەتچى ئالا يوللۇق بەلۋېغىغا قىستۇرۇۋالغان كىچىككىنە مىس
چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى . تاماكىنى ئۈگدەپ ، سەيخانىغا
تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇنى چوغلاپ مۇدىرغا تۇتتى . ئۆزى بولسا ئاتنى سوۋۇتۇشقا تۇتۇندى
. مۇدىر تۇرغان يېرىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇردىدە ، خىزمەتچىنىڭ ئاتنى سوۋۇتۇشىغا نەزەر
سالغاچ ، چىلىمنى خورۇلدىتىپ چېكىشكە باشلىدى . خىزمەتچى ئاتنى يىتلەپ ئۇنىڭ
ئالدىغا كەلگەندە ، چىلىمنى ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەردىدە ، تۇيۇقسىز سورىدى :
– تەرتىپ مۇدىرىچۇ ؟
– ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتتى .
– ئادەم ئۇقۇشقىلى ؟ نېمە ئىش قىلماقچىكەن ؟
خىزمەتچىنىڭ
رەڭگى سارغىيىپ كەتتىدە ، دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى .
– بايراقنىڭ تانىسى غالتەكتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ،دېدى ئۇ ئېڭىكى
بىلەن مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى موما ياغىچىنى كۆرسىتىپ ،مومىغا چىقىپ
تانىنى غالتەككە يۆگىيەلەيدىغان ئادەم تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتىگەنلا چىقىپ كەتكەن
ئىدى .
– ھە ؟!
مۇدىر بېشىغا
كالتەك تەگكەندەك چۆچۈپ كەتتى . ئۇ سېرىق تاماكىسىنىڭ تەسىرىدىن سىرقىراپ تۇرغان بەدىنىنى
ئوڭلاپ ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا قارىغان ئىدى ، مومىنىڭ
ئوتتۇرىسىدا ئېسىلىپ تۇرغان گومىنداڭ بايرىقىغا كۆزى چۈشتى . ھەر كۈنلۈكى 20 غۇلاچلىق
مومىنىڭ ئۇچىدا ھەيۋەت بىلەن لەپىلدەپ تۇرىدىغان 12 بۇرجەكلىك ، ئاق كۈن نۇرى چۈشۈرۈلگەن
ھاۋارەڭ بايراق ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئالاپاساق ئۈكلىنىپ قورۇلۇپ قالغان تېرىدەك كۆرۈنۈپ
كەتتى . يۈرىكى بىردىنلا پىژژىدە ئېچىشتىدە ، يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ ، سېمىز گۆشلىرى
لىپلىپ تىترىدى ، بۇرۇتى لىكىلداپ ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى .
ئۇ ، بايراقتىن كۆزىنى ئالمايلا ئارقىسىدا قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتچىسىدىن سورىدى
:
– نەچچە كۈن بولدى ؟
– تۈنۈگۈن شۇنداق بولغان ئىكەن .
مۇدىر خۇددى
بىر كىشى چۆرگلىتۋەتكەندەك پىررىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلدىدە ، يوتىسىغا بىرنى
شاپىلاقلاپ ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتچىمۇ ئاتنى ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى
، ئاندىن مىس چىلىمنى دەرھال چوغلاپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردى ۋە
قوللىرى تىترىگەن ھالدا ئىككى قوللاپ چىلىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى . مۇدىر چىلىمنى
قاتتىققاتتىق ئىككىنى شورىدىدە ، ۋارقىرىدى :
– ئاتقا مىنىپ تىز ماڭ ! بېرىپ تەرتىپ مۇدىرىنى تېپىپ كەل !
– خوپ !
خىزمەتچى
چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇيانبۇيان ماڭغىلى
تۇردى . ئارىدىن بىر چاي قاينىغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تەرتىپ مۇدىرى كىرىپ كەلدىدە ،
پۇتلىرىنى جۈپلەپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى .
– خوش ، نۇسرەت ئەپەندى .مەكتەپ مۇدىرى قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا
تىكىلدى ،مەن ئۇيۇشمىغا يىغىنغا كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى ؟
– بىر ھەپتە .
– ئۇنداق بولسا ، بىر ھەپتىدىن بېرى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟
– كۆرسەتمىلىرى بويىچە ، بىرىچىدىن ، بەگلىكىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق
پىرقە(پارتىيە) ئەزالىرىنى يىغىپ ، جاھاننىڭ دۆڭچوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات
ئالدىم . ئۇلار ئاڭلىغان بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى دوكلات قىلىشتى . ئىككىنچىدىن .
50 ئائىلىگە بىردىن پىرقە ئەزاسىنى نازارەتچىگە قويساق ، يەنە 4 پىرقە ئەزاسى كەملەيدىكەن
، بىز نىشانلىغان ئونبېشىلارغا ئانكىتنى توشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئۇلار قول قۇيۇشنى
ئارقىغا سوزۇۋاتىدۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇلارنى تاپالمىدىم ، يەنە 10 ئانكىتقا تېخى
ئادەم يوق .
– خوش ، ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتىگەنگىچە مۇشۇ كەم 4 ئادەمنى قەتئىي
تولدۇرۇش كېرەك ! ئەتە مۇشۇ ئىشلارنى تەكشۈرگىلى زۇڭبۇدىن ئادەم كەلمەكچى . ئۆلگەننىڭ
ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك تېخى بايراقنىمۇ چىقىرالماپسىلەر ، ئادەم ئۇقۇشتۇڭمۇ ؟ قېنى
ئۇ ئادەم ؟
– ئۇقۇشتۇم ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى .
– قانداق ئادەم ئىكەن ئۇ ؟
– 13 ياشلىق بىر بالا .
– 13 ياشلىق بالا ؟ كىچىك بالا 20 غۇلاچلىق مومىغا قانداق چىقالايدۇ
؟
– چوڭ ئادەم ئەسلا چىقالمايدۇ . موما ياغىچى ئىنچىكە ، يېرىمىغا
چىقىپ بولغۇچە سۇنۇپ كېتىدۇ ،- تەرتىپ مۇدىرى دۇدۇقلىدى ،نا… ناۋادا چىقالمىسا ،
مومىنى ئۆ….ئۆرۈپ ، قايتا تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ .
– قاپاقۋاش !مۇدىر شىرەگە داققىدە مۇشتلىدىدە ، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ
بىگىز قولىنى تەرتىپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى ،ئەتە زۇڭبۇدىن تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدۇ
دەۋاتسام ، سىززە يەنە مومىنى ئۆرۈپ قايتا تىكلەيلى دەۋاتىسىز . نېمە دېگەن دۆتلۈك
بۇ ؟ سۇپىنى چۇۋۇپ ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغۇچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ ؟!تېخى كۆمۈلگەن
بېشى سېسىپ كەتكەن بولسىچۇ ؟! سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار ماڭا مەلۇم ! مېنىڭ ئېشىمغا
توپا سالماقچى ! ئىناۋىتىمنى تۆكمەكچى !
تەرتىپ مۇدىرى
تىترەپ كەتتى ؛ ئۇ ، پېشانىسىدىن چىققان تەر كۆزلىرىگە چىپىلداپ ئېقىپ كىرىپ ئېچىشتۇرۇۋەتكەن
بولسىمۇ ، سۇرۇتۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، كۆزىنى چىمىلدىتاتتى .
– كەچۈرسىلە مۇدىر ، مەن خاتا سۆزلەپ سالدىم .
– ھىم ! خاتا سۆزلەپ سالغانمىش ! سىزنىڭ كاللىڭىزدا شۇنداق ئوي بار
! قالغان گەپنى كىيىن سۆزلىشەيلى ! مومىغا قانداقلا بولمىسۇن بىرسىنى چىقىرىش كېرەك
! زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلۇغ پىرقىمىز بايرىقىنىڭ ھەمىشە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۈچۈن
بىرەر ئادەمنىڭ خۇنىدىن كەچسەكمۇ مەيلى !
– ئۇقتۇم .
– ئۇ بالا مومىغا چىقالامدىكەن ؟
– چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ . ئۇ دەرەخكە يامىشىشتا مەھەللە بويىچە
داڭ چىقارغان بالا ئىكەن . ئۆزىمۇ چىقالايمەن دەپ ھۆددە قىلدى . لېكىن ئۇ ھارامزادە
بىزگە بىر شەرت قۇيۇۋاتىدۇ ، يالغاندىن ماقۇل بولۇپ ئەكەلدىم .
– شەرت ؟! قانداق شەرتكەن ئۇ ؟
– دادىسىنى قاماقتىن قۇيۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى .
– دادىسى كىمكەن ؟ نېمە ئۈچۈن قامىلىپتىكەن ؟
– سوپاخۇن باينىڭ ئۆيىدە نىمكار بولۇپ ئىشلەيدىغان بەش تۈگمەنلىك
بىر كۆنچى . ئەسلىدە ئۇ ئىلىلىق ئوغرىلارغا قوشۇلۇپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نەچچە
يىل ئۇرۇش قىلغان قىزىل پاچاق ئىكەن . بېتىمدىن كىيىن قولغا چۈشۈپتۇ .
– ھە ، ئۇنىڭ بالىسىغا نېمە دەپ ۋەدە بەردىڭىز ؟;
– داداڭنى بوشىتىپ بېرىمىز دەپ .
– ئوبدان دەپسىز ، ئىشنى كېچىكتۈرمەي تېزرەك ھەرىكەت قىلىڭ ! قاراڭ
! مەن بىر رايوننىڭ پىرقە شۇجىسى ، سىز بولسىڭىز بىر ھەيئەت . ھەر ئىككىمىز چاقىرسا
ئېتى بار ، تۇتسا سېپى بار ئادەملەر ، قېرىشقاندەك بىز تۇرغان مەكتەپتىكى پىرقە
بايرىقى چىقىرىلماي مومىنىڭ يېرىمىدا ئەسكى پالازدەك ساڭگىلاپ تۇرسا . بۇنىڭغا
قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟! بۇ بايراقپىرقىمىزنىڭ جېنى . يەنە شۇنى ئەستىن
چىقارماسلىق كېرەككى ، بۇ بايراق چىقىرىلماي مۇشۇنداق سالپىيىپ تۇرۇۋەرسە ،
كاللىمىزغا سەگەك بولساق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بايراقنى جېنىمىزنى تىكىپ
قوغدىشىمىز كېرەك . مەن پىرقىمىزنى قىزىل پاچاقلاردىن قوغدايمەن دەپ تېخى تۈنۈگۈنكى
يىغىندا يەنە بىر قېتىم قەسەمياد قىلدىم . مانا بۇ مىنىڭ قەسىمىمنىڭ گۇۋاسى ،ئۇ
شايى كۆينىكىنىڭ تۈگىمىسىنى يېشىپ ، يۇڭلۇق مەيدىسىنى كۆرسەتتى . تەرتىپ مۇدىرى چۆچۈپ
كەتتى . ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق بىلەن X بەلگىسى سىزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ قان چىقىپ تۇراتتى . مۇدىر
ئالدىرىماي ، خۇددى قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك چوڭ قەدەم بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا بىر
نەچچە قېتىم ماڭدى ، ئاندىن تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا
پىچىرلىدى :
– مۇنداق ئادەمنى يامۇلغا كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بۈگۈنكى مۇشۇ
بايراق چىقىرىش يولىدا نەزىر قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ…ئايھاي! بۇ پىرقىمىز ئۈچۈن زور
ساداقەت …تىلىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ .
– خوش ، سىز چىقىپ ، ئۇ بالىنى كىرگۈزۈۋېتىڭ . ئەھۋالنى داۋۇتبەككە
مەلۇم قىلىپ قۇيۇڭ .
ماتادىن
تىكىلگەن كۆڭلەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالايېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ
، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا
كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى .
– ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كېلىپ ئولتۇر .
بالا ئولتۇرمىدى
، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ
ئالدىغا كەلدىدە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىگە
يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . “ يە ئوغلۇم“ دېدى ئۇ
تۇمشۇقىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭچوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ
پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ
كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ تاپانلىرىغا
قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك
ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارىشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر
ئىچىدە ”مومىغا چىقالايدۇ“ دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك
قىلىپ كۆرسىتىپ :
– ئىسمىڭ نېمە ؟دەپ سورىدى .
– مۆمىن .
– داداڭنىڭچۇ ؟
– مۇسا .
– ئۆزۈڭ نېمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟
– سوپاخۇن باينىڭ ئۇيكالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن .
– نەچچە كالا باقىسەن ؟
– يىگىرمە .
– يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا ياقتۇرامدۇ
!تۈزۈكرەك كىيىمكىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ
چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارنىڭ
جاجىسىنى بېرىش كېرەك !
ئۇ كارىۋاتنىڭ
تېگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى :
– مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن .
بالا كەشكە
كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدىدە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى :
– بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بېرەمسىلەر ؟
– قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتابالا ئىككىڭلار يەنە بىللە
بولىسىلەر .
– راستما ؟
– راست بولمايچۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ،مۇدىرنىڭ كۆزلىرى
بالىغا تىكىلدى .
– ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە .
– مۇنداق دېگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر .
مۇدىر
قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى :
”تىلخەت
مەنكى بەشتۈگمەن
كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇۋ توغرىسىدا ھۆججەت
بېرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز
ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش
يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىسام پىرقە ئۈچۈن شېھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا
ھېچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر .
تىلخەت بەرگۈچى
: مۆمىن مۇسا .
شاھىتلار :
مەكتەپ مۇدىرى
ئوسمان ئەسھەدۇللا .
تەرتىپ مۇدىرى
نۇسرەت ئەخمىدى .
جۇڭخۇا
مىنگونىڭ 37يىلى 9ئاي .
مۇدىر تىلخەتنى
مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى .
– خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە .
– خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقىرىقى خەتنى
مۇنداق ئوقۇشقا باشلىدى :
”تىلخەت
مەنكى مەكتەپ
مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ
يىللىقچىسى مۆمىن دېگەن بالا مەكتەپ بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان
بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق .
تىلخەت بەرگۈچى
: ئوسمان ئەسھەدۇللا.)
– قانداق بوپتۇمۇ ؟سورىدى مۇدىر .
ساددا مۆمىننىڭ
چىرايىغا شادلىق كۈلكىسى يامرىدى .
– بوپتۇ ،دېدى ئۇ خۇشاللىقىنى باسالماي .
– بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى .
مۇدىر سۇرۇقنى
بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى
. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق
ئەگرىبۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى
ئىمىرچىمىر بولۇپ ، بۇ ئىلمەكتوقۇناق سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ
، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندىدە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە
ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خۇشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىكى
پەلەمپەيلەردىن سەكرەپسەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى :
– قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە .
– ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن
، داداڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ،مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى
،تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ
قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن !
خىزمەتچى يۈگۈرۈپ
چىقىپ كېتى . بالا خاتىرجەم بولدى-دە ، مومىغا قارىدى . كۆك سىرلانغان 20 غۇلاچلىق
بۇ موما ئىككى يەردىن ئۇلاغلىق بولۇپ ، ھەر بىر ئۇلىغى ئۈچتىن چەمبەر بىلەن مەھكەملەنگەن
ئىدى . ئۇ ، مومىغا بىردەم كۆز تىكىپ تۇردىدە ، شىپپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىنى سۇپىنىڭ
پىششىق خىشلىرىغا سۈركىدى . ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇدىردىن يەنە سورىدى :
– دادام نېمىشقا كەلمەيدۇ ؟
– سەن چىقىۋەر ، داداڭ ھازىرلا كېلىدۇ .
موما مۆمىننىڭ
قۇچىقىغا پاتمىدى . لېكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ مومىنى پۇتلىرى بىلەن يۆگەپ
چىرماق سېلىپ قوللىرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ ، مومىنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ يالمانتاقتەك
يامىشىشقا باشلىدى . ھايت-ھۇيت دېگۈچە ، يەتتە غۇلاچلىق تۆۋەنكى ئۇلاقىنىڭ چەمبىرىگە
چىقىۋالدى . مۇدىر تۆۋەندە تۇرۇپ ۋارقىرىدى :
– يىگىت ! غەيرەت قىل ! ئاز قالدى !
مۆمىن بىر
ئىلىك قېلىنلىقتىكى چەمبەرگە دەسسەپ بىر پەس دېمىنى ئېلىۋالدىدە ، يەنە يۇقىرىغا
يامىشىشقا باشلىدى .
ئىككىنچى ئۇلاققا
يەنە ئىككى غۇلاچلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى سىرقىراپ كەتتى .
ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ تىنالماي قالدى . ئاران دېگەندە ئىككىنچى ئۇلاقىنىڭ تۆۋەنكى
چەمبىرىگە چىقىۋالدىدە ، مومىغا مەھكەم چاپلاشتى . ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە
قارىدى . دادىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاغزىلىرىنى كاككۇكتەك ئېچىشىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان
كىشىلەرنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ پۇرقىرىتىپ چىلىم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى :
– مۇدىر ، دادام تېخىچە كەلمەپتىغۇ ؟
– كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ، غەيرەت قىل ، يىگىت ! دادىسىنىڭ بېشىغا
كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان ئوغۇلنى ئوغۇل دەپ نېمە قىلىدۇ ؟ مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساڭلا
، داداڭنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ .
”مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساملا دادامنى قۇتۇلدۇرالايمەن “ دېگەن خىيال ئۇنىڭغا
يېڭى كۈچ بېغىشلىغاندەك بولدى ..
ئۇ يەنە
مومىغا يامىشىشقا باشلىدى . يۇقىرىلىغانسېرى موما ئىنچىكىلەپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا بىمالال
پاتقۇدەك بولدى . لېكىن ئىرغاڭلىشى كۈچىيىپ ، تېخىمۇ سىلىقلاشتى ، شۇنچە كۈچىسىمۇ
چىرماقلىرى تۇتماي ، بىر نەچچە قېتىم تۆۋەنگە سىيرىلىپ كېتىشكە قىل قالدى . ئۇ
ھاسىراپ دېمى تۇتۇلۇپ قالغاندا ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ئېڭىكىنى مومىغا چىڭ تىرەپ
، بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سەل توختايتتىدە ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالاتتى . مۇشۇ
مومىدەك ئېگىز بولغان قاپاق تىرەكلەرگە چىقىپ ، قاغا چاڭگىلىرىنى چۇۋۇشلىرى ،
ئانىلىرى قاناتلىرى بىلەن شاپىلاقلاپ تۇرسىمۇ قورقماي كۆكىنەك باللىرىنى ئېلىپ چۈشۈشلىرىغىلپاللا
قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتتى . تىرەكلەرگە چىقىش بۇ مومىغا چىقىشقا ئەلۋەتتە
ئوخشىمايدۇ . بۇ موما ئېگىز ۋە بەك سىيلىق ئىدى.
ئۇ تەر
كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . ”مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش
كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . “ دادا!دادا!“ ئۇ ھەر قېتىم
”دادا“ دېگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرىۋاتقاندەك بىلىنەتتىدە ، كۈچلىنىپ
قالغاندەك يەنە بىر قېتىم يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى . ئۇ يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى موما خۇددى
قارا بوران سوققان زىلۋا سۇۋادان تىرەكتەك ئىرغاڭلايتتى . تۆۋەندىن مۇدىرنىڭ ”غەيرەت
قىل ! تىز بول ! ئاز قالدى ! داداڭنى قۇتقۇز !“ دەپ ۋارقىراشلىرىنى ، جامائەتنىڭ “
ئۆزۈڭگە پەخەس بول ! سىلكىنمە ! يېنىپ چۈش !“ دېگەن چۇقانلىرى بېسىپ چۈشتى . مۆمىن
يەنە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يۇقىرىغا ئۆرلىدى . ئەنە ! يەنە 3 غۇلاچ، 2 غۇلاچ، بىر غۇلاچ..موما
ئىرغاڭلايتى، سۇنۇپ كەتسە مۆمىننىڭ ئىشى تۈگەيدۇ..
مانا ، ئۇنىڭ
قولى موما تۆشۈكىدىن ئىككى تەرەپكە بىر غېرىچ چىقىپ تۇرغان غالتەكنىڭ چۈلۈكىگە تەگدى-دە
، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ ، ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ،
چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى . سول قولى بىلەن تانىنى تارتىپ پۇتىغا ئۈزەڭگە
قىلىپ دەسسەپ سەل دېمىنى ئالدى . ئۇ ، غالتەككە قارىدى تانا غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىدىن
چىقىپ كېتىپ ، چۈلۈككە يۆگىشىپ قالغان ئىكەن . ئۇ ، بىر قولى بىلەن تانىنى سىلكىپ
تارتىپ ، غالتەكنى ئارقىسىغا ياندۇردى . موما ھەدەپ لەپپەڭشىپ ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ
تۇرسىمۇ ، ئۇ تانىنى غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىغا سالدى . شۇ ئاندىلا ئۇ ئەتراپقا قارىدى
: ۋاي ۋۇي ! نېمە دېگەن ئېگىز ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن . ئەنە ،
كۈنپېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ
، جاھان ئەجەب كەڭرى ئىكەن . شۇنچە كەڭ جاھان بىزگە نېمانچە تار ! ھەي ! كۈن
ئالماقنىڭ تەسلىكى ! شۇنداق ئاقكۆڭۈل دادامنى ”قوي ئوغرىسى“ قىلىپ سولىتىپ قويدى تېخى
! ياق ! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك . دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ! ئۇ تۆۋەنگە
قاراپ توۋلىدى :
– مۇدىر ، بايراقنى چىقارسىلا !
مۇدىر
تانىنىڭ بىر قېتىنى تارتتى . بايراق كۆتۈرۈلدى . ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى دە
، تانىنى سىيرىپ تارتىشقا باشلىدى . . بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى دە ، بايراقنىڭ
كالتىكى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى . مۇدىر خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى :
– بىزنىڭ بايراق يەنە مومىنىڭ ئۇچىدا لەپىلدىدى ! ھەي بالا ، سەل تەخىر
قىلغىن ! يەنە بىر سىناپ باقاي !
دەل شۇ
چاغدا ، ئۈچ ئادەم پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ، يۈزكۆزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ، ئۇرۇق ۋىجىككىنە
، كەكە ساقال بىر بوۋاينى ئالدىغا سېلىپ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى . بوۋاي توپلىنىپ تۇرغان
جامائەتكە ئىڭشىپ سالام قىلدىدە ، يوغان كۆزلىرىنى نەشتەردەك تىكىپ مۇدىرغا قادالدى
. مۇدىر بىر قەدەم داجىدى . كىشىلەر مومىنىڭ ئۇچىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى ،
بوۋايمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مومىنىڭ ئۇچىدا تۇرغان ئوغلىنى كۆردىدە ، چۆچۈپ كېتىپ ۋارقىرىدى
:
– مۆمىنجان ! نېمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ ؟
– مۆمىن دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدىدە ، خۇشاللىقىدىن
توۋلىۋەتتى .
– دادا ! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم .
بوۋاي ئەھۋالنى
تېزلا چۈشەندى . ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىدە ، قاتتىق ۋارقىرىدى
:
– توختا ! …چۈشمە !
مۆمىن بۇ
چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدىدە
، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى . دادىسى يەنە ۋارقىرىدى :
– ئوغلۇم ! ئاناڭنى ئۆلتۈرۈشكەندە ، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ ، ئۇنى
نېمە دەپ ئۇرغان ؟!
– قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر ، دەپ !
– قانداق ئۆلتۈرگەن ؟
– ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن .
– ئاناڭنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئىدى ؟
بالا بېشى
بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى :
– ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى .
– بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە
مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى ؟
– مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .
– بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا
خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ ؟
– ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى .
– ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان
ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن
، قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە
قانداق قارايسەن ؟
بالا شۈككىدە
بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ
ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى
.
بالا
بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقىرىغا ياماشتىدە ، ھايت ھۇيت دېگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى .
مۇدىر ۋارقىرىدى :
– يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت !
لېكىن بالا
مومىدىن چۈشمىدى ، ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى :
– دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول !-
ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ ، مومىنى شۇنداق
قاتتىق لىڭشىتتىكى ، موما ئىرغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غاراسلاپ كەتتى . تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار
ئىچىدە ئاللا-چۇقان كۆتۈرۈلدى . مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ، غەزەپ بىلەن تاپانچىسىنى
چىقاردىدە ، بالىغا قارىتىپ ئارقائارقىدىن ئوق ئۈزدى . دەل شۇ چاغدا ، مۇسا بوۋاي
ئۇنىڭغا قاتتىق كاللا قۇيۇپ ، تاپانچىسىنى چۈشۈرۈۋەتتىدە ، ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ
سىلكىدى . مۇدىر جان ئاچچىقىدا ”ۋايجان!“ دەپ چوشقىدەك چىقىراپ كەتتى . يالاقچىلار
مۇسانى سىلكىشلەپ ، مۇدىرنى قۇتقۇزۇۋالدى . مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ ، مۇساغا
ئالايماقچى بولۇۋېدى ، بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇدىرنىڭ
بىر چىشلەم گۆشى يەرگە شالاققىدە چۈشتى . مۇدىرنىڭ ئۈزۈلگەن بويۇن تومۇرلىرىدىن
قاپقارا قان جىغاپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇ لىغىلداپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەردىكى
تاپانچىسىنى ئالدىدە ، تۆت ئادەم يەرگە بېسىپ تۇرغان بوۋايغا قارىتىپ ئىككى پاي
ئوق ئۈزدى دەل شۇ چاغدا ، قاراسقۇرۇس قىلىپ موما سۇندىدە ، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ
بايراق بىلەن گۈرسۈلدەپ يەرگە چۈشتى . چۈشتىيۇ ، بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ يەنە يەرگە
قويدىئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى . بىر-بىرىگە سىغداپ يىقىلغان ئاتا
بالىدىن بۇلدۇقلاپ ئاققان قان ئۆز- ئارا قوشۇلدى . بۇ چاغدا غەربكە پېتىۋاتقان كەچكى
قۇياش نۇرى شۇ قاندىن رەڭ ئالغاندەك ئاسماننىڭ غەربى ئېتىكىنى قىپقىزىلىققا پۈركىگەن
ئېدى...
Yorumlar
Yorum Gönder