ئىمامغا رۇكۇدا يېتىشكەن نامازخان قانداق قىلىدۇ؟

ئىمامغا رۇكۇدا يېتىشكەن نامازخان قانداق قىلىدۇ؟

(ئىمامغا ئۇ رۇكۇ قىلىۋاتقاندا يېتىشكەن نامازخاننىڭ تەكبىرەتۇل ئىھرام ئوقۇپ ئاندىن ئىمامغا ئەگىشىشى پەرز)
سوئال: ئىمام رۇكۇدىكى چاغدا ئۇنىڭغا يېتىشكەن بەزى مۇسۇلمانلار (قانداق قىلىدۇ)؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن (ۋاپاتى: ھ-1423؛ م:2001)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: ئىمامغا سەجدە ھالىتىدە يېتىشكەن نامازخاننىڭ ئۆرە تۇرغان ھالەتتە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىرەتۇل ئىھرام (نامازغا كىرىش تەكبىرى) ئوقۇپ ئاندىن ئىمامغا ئەگىشىشى پەرز. ئاندىن، خالىسا رۇكۇغا بېرىش ئۈچۈن (‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ تەكبىر ئېيتىپ – خالىسا باشتىكى نامازغا كىرىش تەكبىرى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ – رۇكۇغا بارىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەب. مانا بۇ ئىلىم ئەھلىلىرى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن) نىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىدۇر. (مەنبە: لقاء الباب المفتوح – ئادرېس: http://audio.islamweb.net/audio/index.php?page=FullContent&audioid=111088#111088)

پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: رۇكۇ قىلغان ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭغا يېتىشكەن كىشى ئىمامغا قوشۇلۇپ رۇكۇ قىلسا، ئۇ بىر رەكئەتنى تولۇق تاماملىغان ھېسابلىنىدۇ. [پەتىۋا كومېتىتى 1689]

Yorumlar