فىتىر زاكىتى چاقىرىقى
فىتىر زاكىتى
چاقىرىقى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
فىتىر زاكىتىنى روزا ھېيتقا بىر ئىككى كۈن قالغاندىن باشلاپ بەرسەڭلار
بولىدۇ. رامزاننىڭ 29-ئاخشىمى يېڭى ئاي كۆرۈلسە ئەتىسى روزا بولىدۇ. 29-ئاخشامدا يېڭى
ئاي كۆرۈلمىسە رامزاننىڭ 30-كۈنىمۇ بىر كۈن روزا تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئەتىسى روزا ھېيىت بولىدۇ. فىتىر زاكىتىنى بېرىش ئۈچۈن جان
سانىغا ئۈچ كىلو ئەتراپىدا يېمەكلىك تاپالىغانلىكى ھەر بىر جان ئىگىسىگە پەرز. بۇنى
نەپلە سەدىقە دەپ ئويلاپ قالغۇچى قاتتىق ئازغان بولىدۇ.
ھېيىت كۈنى
نامازغىچە بېرىش ئەۋزەل. ھېيتتىن ئىككى ئۈچ كۈن بۇرۇن بېرىش دۇرۇس. پېقىر مىسكىنلەرمۇ
ھېيت ئۈچۈن ئۆزىگە يارىشا چىقىمدار بولىدىغان بولغاچقا ھېيىتتىن بىر ئىككى كۈن ئاۋۋال
فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك بېرىش ئۇلارنى شۇ يېمەكلىكلەر ئۈچۈن پۇل چىقىم قىلىشتىن ساقلاپ
قالىدۇ. پىتىر زاكىتىنى پەقەت جان سانىغا ئۈچ كىلو ئەتراپىدىكى يېمەكلىك ئېلىشقا قۇربى
يەتمەيدىغان ياكى ئۆيىدىكى قايسى بىر تۈردىكى نورمال يېمەكلىكنى فىتىر زاكىتىغا بېرىۋەتسە
يەيدىغان ئۇزۇقلۇقى قالمايدىغان پېقىر كىشىلەرلا بەرمىسە رۇخسەت. تۇل ئاياللار، ئوقۇغۇچىلار
يېنىدا بىرەر يۈز لىرالا پۇلى بار تەقدىردىمۇ فىتىر زاكىتى بېرىدۇ. فىتىر زاكىتىغا
پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئاشلىققا بۇيرۇغان، ئۆزىمۇ ساھابە
كراملارمۇ ئاشلىق يېمەكلىك بەرگەن. پۇل بېرىش توغرا بولسا شۇ زاتلار دىنار دەرھەملەرنى
بېرىپ بىزگە ئۈلگە بولغان بولاتتى. شۇڭا،
فىتىر زاكىتىغا ھەر قانداق تۈردىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى بار، شۇ يۇرت خەلقى ئوزۇقلۇق
سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىدىغان ھەر قانداق يېمەكلىكتىن بېرىشكە بولىدۇ. گۆش، سۈت، قېتىق،
قايماق، ياغ، سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە، نان قاتارلىقلاردىن قايسى بىرىدىن بەرسە،
ياكى ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە- مەسىلەن بىر ئائىلىدە تۆت جان بولسا ئون ئىككى كىلو ئەتراپىدىكى
يېمەكلىكنى فىتىر زاكىتى بېرىش بۇ ئائىلىگە پەرز بولىدۇ، بۇ ئائىلە مەلۇم پېقىر مۇسۇلمانغا
تەخمىنەن ئۈچ كىلو گۆش، ئۈچ كىلو گۈرۈچ، ئۈچ كىلو سەي كۆكتات، ئۈچ كىلو تۇخۇم بولۇپ
جەمئىي ئون ئىككى كىلو يېمەكلىكنى - ئارىلاش بەرسە بۇمۇ ياخشى. ئىقتىسادىي
ياخشىلار گۆش قاتارلىقلاردىن بەرسە تازا ياخشى بولىدۇ، چۈنكى خېلى بىر قىسىم مۇھاجىر
ئائىلىلەر گۆش يېيەلمەيدۇ. سەۋزە قاتارلىق
قىممەتلەپ كەتكەن كۆكتاتلاردىن بەرسىمۇ بولىدۇ، ناندىن ئادەم بېشىغا ئىككى
لىرالىقىدىن بەش تال ئەتراپتا كامىدا ئۈچ
كىلوغا توغرلاش شەرتى بىلەن بەرسە بولىدۇ.
فىتىر
زاكىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى كىشى بېشىغا ئۈچ كىلو ئەتراپىدا بېرىش بولۇپ، قۇربى يەتكەن
كىشى كىشى بېشىغا يۈز كىلولاپ ھەتتا توننىلاپ بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ كاتتا ئىبادەت.
ئى بايلار! مال
دۇنيارىڭلارنى گۆرگە ئېلىپ كېتەلمەيسىلەر. مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈنلەردە، قىلدەك
ياخشىلىققا نەچچە يۈز ھەسسە ساۋاب بېرىلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇل خوتۇن ۋە يېتىم
ئوغۇللار، كېسەل ئاغرىق، ئاخىز غېرىپ مۇھاجىرلار، يۇرتىنى تاشلاپ غېرىپ بولغانلاركۆڭلىنى
يېمەك ئىچمەك بېرىش پەرز بولغان بۇ ئىبادەت ئارقىلىق ئۇتۇۋالغايسىلەر.
ئۇلار ھېيىتتا
بولسىمۇ كەڭتاشا يەپ ئىچسۇن. پېقىر مىسكىنلەرگە ئۇن ياغ گۈرۈچ، گۆش، سەي كۆكتات قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ
ئېسىللىرىدىن كۆپلەپ بېرىڭلار. بۇ ئارقىلىق ھەدىستە كەلگىنىدەك قىيامەتتە سىلەرنىڭ
سەدىقە زاكىتىڭلار بېشىڭلارغا سايە تاشلىسۇن.
ئەسلى ئىلىم
فىتىر زاكىتىغا مېۋە چېۋە بېرىشنىمۇمۇ دۇرۇس دېگەن. چۈنكى، ئۇمۇ يېمەكلىك تۈرىدىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ياز ئايلىرىدا مېۋە چېۋە ياخشى ئوزۇقلۇق لەززەتلىك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
قىممەتچچىلىك ئەللەردە پېقىر نامراتلار ئۇنى ئېلىپ يېيەلمەيدۇ، شۇڭا مېۋە چېۋە بېرىشمۇ
ئەۋزەل. تۆۋەن چەن فىتىر زاكىتى بېرىش گەردىنىگە پەرز بولغان ھەر بىر جان ئېگىسى ئۈچۈن
ئۈچ كىلو ئەتراپىدا بولىدۇ.
-مۇجتەھىدلەر
پەتىۋالىرى بلوگى
Mujtehid.blogspot.com
Yorumlar
Yorum Gönder