ئىسلام رۇبائىيلىرى
1
تاشلىما رەببىم مېنى ئارزۇ-ھەۋەس زىندانىغا،
باشلىما ئاسىي-گۇناھكار، بەدبەختلەر يانىغا.
بەر ماڭا كۈچلۈك ئىمان، ئۈستۈن ھىدايەت تائەبەد،
مەرھەمەت قىل، قوش مېنى سالىھ-سەلەپ كارۋانىغا.
-ھەقيار
-ھەقيار
2
دۇنيادىن ئىزدىمە راھەت-پاراغەت،
بۇ پەقەت شەقىيلەر قالدۇرغان ئادەت.
يارالدىڭ دۇنياغا ئىبادەت ئۈچۈن،
بەختنىڭ ئاچقۇچى ـــ رەبكە ئىتائەت.
-ھەقيار
-ھەقيار
3
سەبرنى ئات قىلىپ مىنگىن ئەي ئوغۇل،
يەتكۈزەر ئۇ سېنى رەببىڭگە ئۇدۇل.
گەر بولساڭ نەپسىڭگە مالاي ۋەيا قۇل،
سائادەت قورغىنىڭ بولغۇسى چۇلچۇل.
-ھەقيار
-ھەقيار
4
ھىدايەتنىڭ رەھبىرى پەيغەمبىرىم مۇھەممەد
ئۇنى ئۈلگە تۇتمىغان ئازغۇن شەيتاندۇر پەقەت.
قۇرئان بىلەن سۈننەتنى ھاكىم قىلغان قەلبىدە،
ھەر ئىككىلى ئالەمدە ئەزىز ياشار تائەبەد.
-ھەقيار
-ھەقيار
5
رەسۇل ئېيتتتى «ئاياللار باشتىن ئاياق ئەۋرەتتۇر»*،
ئەۋرىتىنى ياپمىغان جەننەت كۆرمەس بەرھەقتۇر.
ئىپپەت تونى جىلبابتا ياپ ئەۋرەتنى ياتلاردىن،
ناپاكلارنى دورىماق ساڭا مەڭگۈ ھەسرەتتۇر.
-ھەقيار
-ھەقيار
* سۇنەن تىرمىزى 1173
Yorumlar
Yorum Gönder