تەشەھھۇدتا بارمىقىنى مىدىرلىتىپ دىققىتىمنى چېچىۋەتتى




تەشەھھۇدتا بارمىقىنى مىدىرلىتىپ دىققىتىمنى چېچىۋەتتى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تور بېتىڭلاردىكى پەتىۋالاردىن ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت ئېلىۋاتىمەن. ئاللاھ تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرنى قىلىشىڭلارغا نېسىپ قىلسۇن. مېنىڭ بىر سوئالىم بار ئىدى:
مەن ئەنگىلىيىدە ياشايمەن، مەلۇم بىر مەسجىدكە جامائەت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كىردىم. نامازدا يېنىمدا تۇرغان كىشى تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بارمىقىنى مىدىرلىتىپ دىققىتىمنى چېچىۋەتتى ۋە مېنى بىئارام قىلدى. مەن ناماز قائىدىلىرى بايان قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتاپلاردىن تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرلىتىش توغرۇلۇق ھېچنەرسە كۆرمىگەن ئىدىم. يېنىمدا تۇرغان كىشىنىڭ بارمىقىنى مىدىرلىتىشى ماڭا بەكلا غەيرى تۇيۇلدى. تەشەھھۇدتا بارمىقىنى مىدىرلىتىش توغرىمۇ، مۇشۇ ھەقتە ماڭا دەلىللىك چۈشەنچە بەرگە بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب:
بارچە گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇئايى سالاملار بولسۇن.
ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، سودا-سېتىق ۋە مۇئامىلە قاتارلىق ھەر-بىر ئىشىدا ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشى پەرزدۇر. مۇسۇلماننىڭ پۇرسىتى يار بەرگەن دائىرىدە ئۆزى قىلىۋاتقان ئىبادەتلەرنىڭ دەلىللىرىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىشمۇ ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ. قىلىۋاتقان ئىبادەتلىرىنىڭ دەلىللىرىنى بىلمەستىن قارىسىغا ئىبادەت قىلىش، باشقىلارغا قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش قۇرئان ۋە سۈننەتتە، شۇنداقلا ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ تىلىدا ئەيىبلىنىدىغان، ئىنتايىن ناچار قىلمىش سانىلىدۇ.
سىزگە تەۋسىيەم، ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە، پىرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىشىڭىز سىز ئۈچۈن پەرز ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» دېگەن ھەدىسى كۇپايە. بۇ ھەدىسنى ئەھلى سۈننەتنىڭ ئالىملىرى چۈشەندۈرۈپ «كىشى ئۆزى دۇچ كېلىدىغان ئىبادەت، مۇئامىلات، سودا سېتىق قاتارلىقلاردىكى زۆرۈر دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشى پەرز ئەين بولىدۇ» دېگەن. شۇ ۋەجىدىن، سىزنىڭ ئەڭ كامىدا ناماز توغرىسىدا دەلىللىك يېزىلغان بىرەر پارچە ئەسەرنى ئوقۇۋېتىشىڭىز بەكمۇ زۆرۈر بولىدۇ. بىز ئىلگىرىكى يىللاردا مەشھۇر ھەدىس ئالىمى مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى» (چېكىڭ) ناملىق رىسالىسىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان ئىدۇق. مۇشۇ رىسالىنى ئوقۇش ئارقىلىق ناماز توغرىسىدا توغرا بىلىمگە ئېرىشەلىشىڭىز سۆزسىز. مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگىمىزدىن مۇشۇ رىسالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تاپالايسىز. يۇقارقى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى» ناملىق ماۋزۇنى چەكسىڭىز، بۇ رىسالە ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ.
ئەمدى، تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرلىتىش مەسلىسىگە كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مېنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغىنىمنى كۆرگەن بولساڭلار، شۇنداق ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن. مۇسۇلماننىڭ نامازلىرىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك ئوقۇشى مەجبۇرىيەتتۇر. ئۆزى خالىغان رەۋىشتە ناماز ئوقۇش، ياكى دەلىلسىز ھالدا ناماز قائىدىلىرىنى بەرپا قىلىش دىننى بۇزۇشتىن، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنىڭ تەشەھھۇدىدا بارمىقىنى مىدراتقانلىقى توغرۇلۇق كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ، سىزگە مۇشۇ ھەدىسلەردىن بەزىلىرى بايان قىلىش ئارقىلىق، تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىشنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ھەرىكەت بولۇشتىن ئەكسىچە، بۈيۈك ئىبادەت ۋە گۈزەل ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن.
سىزنىڭ نامازدا براۋنىڭ بارماق مىدىرىتىشى سەۋەبلىك دىققىتىڭىزنى چېچىلىشى براۋنىڭ ئەمەس، سىزنىڭ خاتالىقىڭىز. چۈنكى، سىز ناماز قائىدىسى توغرىسىدا يېزىلغان بۇرمىلانغان كىتاپلارنى ئوقۇش بىلەن بولدى قىلىپ، سەھىھ دەلىلەر ئاساسىدا يېزىلغان كىتاپلارنى ئوقۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەپسىز. بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان «شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» دېگەن سەھىھ ھەدىسنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئەمەس. كىشى بىر ئىبادەتنى، جۈملىدىن بىر سۈننەتنى تاشلىسا، ئۇنىڭ بىر بىدئەتكە مۇپتىلا بولۇشى، شۇ ئىبادەتنىڭ ھوزۇرىنى ۋە لەززىتىنى تېتىيالماسلىقى سەھىھ ئەسەرلەر ۋە تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر. تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرلىتىشنىڭ كۈچلۈك سۈننەت ئىكەنلىكى سىزگە يېتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، جۈملىدىن سىز بۇ ھەقتىكى دىنىي بىلىملەر توغرىسىدا ئىزدەنمىگىنىڭىز ئۈچۈن سىز توغرا رەۋىشتە ناماز ئوقۇغان مۇسۇلمان قېرىندىشىڭىزنىڭ نامىزى سەۋەبلىك نامىزىڭىزنى ياخشى ئوقۇيالماسلىقتەك مۇسىبەتكە دۇچار بوپسىز، ئاللاھ سىزنى، مېنى ۋە بارچە مۆمىن مۇسۇلمانلارنى مەغفىرەت قىلسۇن.
تۆۋەندە سىزگە تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرلىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى بايان قىلىمەن، ئاللاھ سىزگە بۇ ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرسا، ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا قويۇپ، ھەممە بارمىقىنى يۇمۇپ، باش بارمىقىنىڭ يېنىدىكى (كۆرسەتكۈچ) بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلاتتى. سول قولىنى سول يوتىسىغا قوياتتى. (مۇسلىم 508)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا، سول قولىنى سول يوتىسىغا (ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا) قوياتتى ۋە ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى مىدىرلىتىپ ئىشارە قىلاتتى. كۆزى بارمىقىدىن ئايرىلمايتتى. (ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھتىن نەسەئىي؛ئەبۇ داۋۇدمۇ مۇشۇ مەزمۇندا سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلغان)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوڭ جەينىكىننى ئوڭ يوتىسىغا قويدى. ئاندىن، ئىككى بارمىقىنى چەمبەر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆتۈردى ۋە ھەرىكەتلەندۈردى، شۇ ھالەتتە دۇئا قىلدى. (ئىمام نەسەئىي889؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ ئىبنى خۇزەيمەدە 1-354؛ ئىبنى ماجە، 5-170؛ ئەلبانى ئىراۋۇل غەلىل 367)

يۇقارقى ھەدىس چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال بارچە مۇسۇلمانغا ئورتاقتۇر.
بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلە، بارمىقىنى ھەددىدىن زىيادە مىدىراتماستىن، نورمال شەكىلدە ھەرىكەتلەندۈرۈشى يېتەرلىكتۇر.

ئاللاھ سىزنى رەسۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن سالىھلار جۈملىسىدىن قىلسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
ـ مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگى

Yorumlar