دۈشمەنگە خىزمەت قىلىشنىڭ باش ئاخىرى


ئىمانلىق ۋە ئىلىملىك كىشىلەر دۇنيانىڭ غېمىدە يۈگۈرگەنلەر سېپىگە  قوشۇلۇپ قالسا (مەيلى بۇ سەپتىكىلەر قانچىلىك ئۇلۇغۋار داۋانى كۆتۈرۈۋالغان بولسۇن)، دىن دەپسەندە بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.
سەۋەبى: دىنىي ئىلىم ساھەسىدە خىزمەت قىلالايدىغانلار (مەدداھلار ۋە تەبلىغچىلارنى نەزەردە تۇتمىدىم) دىنىي ئىلىم ساھەسىدە خىزمەت قىلمىسا، بۇ ساھەدە خىزمەت قىلالمايدىغانلار ۋە قىلىشنىمۇ خالىمايدىغانلار بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ قىلمايدۇ. شۇنداق قىلىپ تەۋھىد-سۈننەت دەۋىتى سۇسلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى كۇفرى، نىفاق تەشۋىقاتى ئالىدۇ. شەرىئەت ئىلىمى كۈتۈپخانا، مۇزىيلارنىڭ كىتاپ جاھازىلىرىغىلا قاپسىلىپ قېلىپ، مۇسۇلمانلار ئارىسدا خۇراپاتلار، ھاراملار ۋە بۇزۇق پىكىرلەر بازار تېپىپ كېتىدۇ. مۇسۇلمانلار دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ئاجىزلاپ، خارلىققا مەھكۇم بولىدۇ. ئەڭ كامىدا بىز شۇنداق بولدۇق. (ئاز بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇستەسنا) دۈشمەنگە پۈتۈن ساھە بويىچە تالىشىپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى خارلىققا مەھكۇم بولماي يەنە قانداق بولسا بولاتتى؟ (مۇجتەھىدلەر بلوگى)

Yorumlar