Kayıtlar

سۈرە ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

ئاللاھنىڭ ئاسماندا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق بىر ئايەت، بىر ھەدىس

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: سۈرە تەكۋىرنىڭ تەپسىرى

فاتىھە سۈرىسىنى مۇنداق چۈشىنىمىز

[4:5] سۈرە نىسا 5-ئايەتنىڭ تەپسىرى

[4:5] وَلَا تُؤْتُوا السُّفَهَاءَ أَمْوَالَكُمُ الَّتِي جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ قِيَامًا وَارْزُقُوهُمْ فِيهَا وَاكْسُوهُمْ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا (5) ولا تؤتوا -أيها الأولياء- من يُبَذِّر من الرجال والنساء والصبيان أموالهم التي تحت أيديكم فيضعوها في غير وجهها، فهذه الأموال هي التي عليها قيام حياة الناس، وأنفقوا عليهم منها واكسوهم، وقولوا لهم قولا معروفًا من الكلام الطيب والخلق الحسن. [4:5] ئەي ۋەلىيلەر! پۇل-مالنى بۇزۇپ چاچىدىغان ئەر، ئايال ۋە بالىلارنىڭ سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردىكى پۇل-مېلىنى ئۇلارغا بەرمەڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۇلار ئۇ پۇل-مالنى بىھۇدە يەرلەرگە سەرپ قىلىپ زايە قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۇ پۇل-ماللار ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ئۇ پۇل-مالدىن سەرپ قىلىپ ئۇلارنىڭ خىراجەتلىرىنى تەمىنلەڭلار ۋە ئۇلارغا كىيىم-كېچەك قىلىپ بېرىڭلار. ئۇلارغا ياخشى سۆز قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار. (تەپسىرۇل مۇيەسسەر، 4-سۈرە نىسا، 5-ئايەت) mujtehid.blogspot.com

[4:3] سۈرە نىسا 3-ئايەتنىڭ تەپسىرى

[4:3] وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَى فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَثْنَى وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ذَلِكَ أَدْنَى أَلَّا تَعُولُوا (3) وإن خفتم ألا تعدلوا في يتامى النساء اللاتي تحت أيديكم بأن لا تعطوهن مهورهن كغيرهن، فاتركوهن وانكحوا ما طاب لكم من النساء من غيرهن: اثنتين أو ثلاثًا أو أربعًا، فإن خشيتم ألا تعدلوا بينهن فاكتفوا بواحدة، أو بما عندكم من الإماء. ذلك الذي شرعته لكم في اليتيمات والزواج من واحدة إلى أربع، أو الاقتصار على واحدة أو ملك اليمين، أقرب إلى عدم الجَوْرِ والتعدي. [4:3] ھىمايەڭلار ئاستىدىكى يېتىم ئاياللارغا ـــ ئۇلارنىڭ مەھرىنى باشقا ئاياللارغا بەرگەندەك بەرمەسلىك بىلەن ـــ ئادىل مۇئامىلە قىلالماسلىقتىن قورقساڭلار ئۇلارنى قويۇپ ئېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولغان ۋە سىلەر ياقتۇرغان باشقا ئاياللاردن ئىككىسى، ئۈچى ياكى تۆتى بىلەن ئۆيلىنىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەتلىك بولالماي قېلىشتىن قورقساڭلار بىر ئايال بىلەن نىكاھلىنىڭلار ياكى ئىلىكىڭلاردىكى چۆ...

[4:14] سۈرە نىسا 14-ئايەتنىڭ تەپسىرى

[4:14] وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَتَعَدَّ حُدُودَهُ يُدْخِلْهُ نَارًا خَالِدًا فِيهَا وَلَهُ عَذَابٌ مُهِينٌ (14) ومَن يَعْصِ الله ورسوله، بإنكاره لأحكام الله، وتجاوزه ما شرعه الله لعباده بتغييرها، أو تعطيل العمل بها، يدخله نارًا ماكثًا فيها، وله عذاب يخزيه ويهينه. كىمكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ۋە ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن بەلگىلىگەن ھۆكۈملەرنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۇ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق ئاياق ئاستى قىلىپ ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئاللاھ ئۇنى مەڭگۈلۈك دوزاخ ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇنى رەسۋا قىلىپ، خارلاشتۇرىدىغان بىر ئازاپ ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: كەۋسەر سۈرىسى تەپسىرى

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: كەۋسەر سۈرىسى تەپسىرى مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگى تەرجىمە قىلدى [108:1] إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ (1) إنا أعطيناك -أيها النبي- الخير الكثير في الدنيا والآخرة، ومن ذلك نهر الكوثر في الجنة الذي حافتاه خيام اللؤلؤ المجوَّف، وطينه المسك. [108:1] ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق. جەننەتتە ئاقىدىغان، ئىككى قىرى ئىچى كاۋاك مەرۋايىت چېدىرلار بىلەن بېزەلگەن، لېيى مىسىكتىن بولغان كەۋسەر ئۆستىڭىمۇ ساڭا بېرىلگەن ياخشىلىقلار جۈملىسىدىندۇر. فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ (2) فأخلص لربك صلاتك كلها، واذبح ذبيحتك له وعلى اسمه وحده. [108:2] شۇنداق بولغان ئىكەن، سەن نامىزىڭنى پۈتۈنلەي رەببىڭ ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن ئوقۇ ۋە قۇربانلىقىڭنىمۇ پەقەتلا رەببىنىڭ ئۈچۈن قىل، قۇربانلىقىڭنى ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بوغۇزلا. إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ (3) إن مبغضك ومبغض ما جئت به من الهدى والنور، هو المنقطع أثره، المقطوع من كل خير. [108:3] ھەقىقىي نام-نىشانسىز قالغۇچى \ نامى ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە لايىق بولغۇچى ۋە ھەر تۈرلۈك ياخش...

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: بەيينە سۈرىسى تەپسىرى

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: بەيينە سۈرىسى تەپسىرى مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگى تەرجىمە قىلدى [98:1] يەھۇدىي، خىرىستىئان ۋە مۇشرىكلاردىن تەشكىل تاپقان كاپىرلار قۇرئاندىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلاردا ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئالامەت ئۆزلىرىگە كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن يانغۇچى بولمىدى. (ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئالامەتمۇ كەلدى، ئەمما ئۇلار يەنىلا كۇفرىدا چىڭ تۇردى.) [98:2] بۇ ئالامەت پاك سەھىپىلەردىكى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدىغان ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدۇر. [98:3] ئۇ سەھىپىلەردە ھەققە ۋە توغرا يولغا يەتكۈزىدىغان توغرا خەۋەرلەر ۋە ئادىل ھۆكۈملەر بار. [98:4] ئۆزىگە كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي ۋە خىرستىئانلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى كىتابلىرىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈپەتلىرى تاپقانلىقى ئۈچۈن ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەقەت ئۇ زاتنىڭ تەۋرات ۋە ئىنجىلدا ئۆزىلىرىگە خۇش خەۋەر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىلگەندىن كېيىن ئىختىلاپقا چۈشتى. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەي...

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: سۈرە قەدرنىڭ تەپسىرى

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: سۈرە قەدرنىڭ تەپسىرى مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگى تەرجىمە قىلدى [97:1] بىز قۇرئاننى شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق. بۇ كېچە رامزان ئېيىدىكى كېچىلەردىن بىرىدۇر. [97:2] ئى پەيغەمبەر! قەدر ۋە شەرەپ كېچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ [97:3] قەدر كېچىسى مۇبارەك كېچە بولۇپ، قەدر كېچىسى قىلىنغان سالىھ ئەمەل قەدر كېچىسى بولمىغان مىڭ ئايلىق ئەمەلدىن ياخشىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان پەزلىدۇر. [97:4] بۇ كېچىدە پەرىشتىلەر ۋە جىبرىل رەببى بۇ يىلدا يۈز بېرىشىنى تەقدىر قىلغان ھەر بىر ئىش ئۈچۈن رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەكرار تەكرار چۈشىدۇ. [97:5] بۇ كېچىدە تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر ئەمىنلىك-تېنىچلىق بولۇپ، بۇ كېچىدە ھېچبىر يامانلىق يوقتۇر.

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: تەكاسۇر سۈرىسى تەپسىرى

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: تەكاسۇر سۈرىسى تەپسىرى مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگى تەرجىمە قىلدى [102:1] پۇل-مېلىڭلارنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىڭلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى مەشغۇل قىلىپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن مەھرۇم قويدى. [102:2] سىلەرنىڭ پۇل-مال ۋە ئەۋلاتلار بىلەن گول بولۇشۇڭلار تاكى قەبرىلەرگە دەپنە قىلىنغىنىڭلارغا قەدەر داۋاملاشتى. [102:3] پۇل-مالنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى بۇنداق گوللىمىسۇن! سىلەر يېقىندا ئاخىرەت يۇرتىنىڭ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىلەر. [102:4] شۇنداق؛ پۇل-مال ۋە ئەۋلادلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، گوللىنىشتىن ساقلىنىڭلار! كەلگۈسىدە ئاخىرەتكە كۆڭۈلۈشىمىگەنلىكىڭلارنىڭ يامان نەتىجىسىنى كۆرىسىلەر. [102:5،6،7،8] پۇل-مالنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى بۇنداق گوللىمىسۇن! ئەگەر ئېنىق بىلىمگە ئىگە بولغان بولساڭلار بۇنداق قىلمايتتىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشقا يۈگۈرگەن بولاتتىڭلار. قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەھەننەمنى كۆرىسىلەر. يەنە قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەھەننەمنى شەك-شۈبھىسىز كۆرىسىلەر. ئاندىن يەنە قەسەم قىلىمەنكى، قىيامە...

تەپسىر: «ئاللاھ بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋېتىدۇ»

بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن ئايىتىنىڭ تەپسىرى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەقۋاسى ۋە يىغىسى

پەتىۋا كومېتىتى:«سەفۋاتۇت تەفاسىر» ناملىق كىتاب ناچار كىتاب

دوزاخ توغرىسىدىكى ئايەتلەر ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى

{كاپىرلار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر. ئەگەر بۇنى قىلمىساڭلار يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ} ئايىتىنىڭ تەپسىرى