بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن ئايىتىنىڭ تەپسىرى

بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» ئايىتىنىڭ تەپسىرى»


 
﴿اهدنا الصراط المستقيم﴾«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» ئايىتىنىڭ تەپسىرى:
تەپسىرۇل مۇيەسسەردە بۇ ئايەت مۇنداق تەپسىر قىلىنغان:
بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتكىن، بىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگىن ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن؛ بىزنى سېنىڭ شۇ توغرا يولۇڭدا تاكى ساڭا ئۇچراشقۇچە مۇستەھكەم تۇرغۇزغىن. بۇ توغرا يول ئىسلامدۇر. بۇ يول (ئۆزىدە ماڭغۇچىنى) ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە جەننەتكە ئاپىرىدۇ. بۇ يولغا باشلىغۇچى (بۇ يولنى كۆرسەتكۈچى) ئاللاھنىڭ رەسۇل ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدۇر. بەندىنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان يول پەقەتلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولى بولۇپ، بۇ يولدىن باشقا يولدا قەتئىي سائادەت يوق.(مەنبە: تفسير الميسر) تەپسىرنىڭ ئەرەپچىسى[دُلَّنا، وأرشدنا، ووفقنا إلى الطريق المستقيم، وثبتنا عليه حتى نلقاك، وهو الإسلام، الذي هو الطريق الواضح الموصل إلى رضوان الله وإلى جنته، الذي دلّ عليه خاتم رسله وأنبيائه محمد صلى الله عليه وسلم، فلا سبيل إلى سعادة العبد إلا بالاستقامة عليه.]

Yorumlar