Kayıtlar

فىقھۇل مۇيەسسەر etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

فىقھۇل مۇيەسسەر [418] شەرىئەت بەلگىلىگۈچى (ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى) ھالال ياكى ھاراملىقىنى بايان قىلمىغان يېمەكلىكلەر

[418] تۆتىنجى مەسىلە: شەرىئەت بەلگىلىگۈچى (ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى) ھالال ياكى ھاراملىقىنى بايان قىلمىغان يېمەكلىكلەر شەرىئەت بەلگىلىگۈچى (ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى) ھەققىدە ھۆكۈم چىقارمىغان، ھاراملىقى توغرۇلۇق ئوچۇق دەلىل بولمىغان (ئىشلار ۋە) نەرسىلەر ھالالدۇر. چۈنكى، شەيئىيلەرگە ئائىت ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ مۇباھ بولۇشىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: «يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتقان زات ئاللاھتۇر.» (سۈرە بەقەرە، 29-ئايەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئۆز كىتابىدا ھالال قىلغان نەرسە ھالالدۇر. ھارام قىلغان نەرسە ھارامدۇر. ھەققىدە ئاللاھ سۈكۈت قىلغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ ئەپۇسىدۇر. بۇ ۋەجىدىن ئاللاھ سۈكۈت قىلغىنىنى قوبۇل قىلىڭلار. چۈنكى، ئاللاھ ھېچبىر ئىشنى ئۇنۇتمايدۇ.» رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق دەپ بولۇپ «رەببىڭ ئۇنتۇپ قالمايدۇ» (سۈرە مەريەم، 64-ئايەت) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. ( ھاكىم 2-375؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان )

[336] مەھر ھەققىنىڭ چېكى ۋە ھېكىمىتى

[336] ئىككىنجى مەسىلە: مەھرنىڭ ھەققىنىڭ چېكى ۋە ھېكىمىتى (1) مەھرنىڭ ھەققىنىڭ چېكى مەھرنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن چېكى يوق. قىممەتكە ئىگە بولغان ياكى ھەققى ھېسابلىنىدىغان توغرا بولغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ مەھر ھەققى بولۇشى توغرىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا پۈتۈشكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا (يەنى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن ساقىت قىلىنغان مەھرى ئۈچۈن) سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.» ( نىسا سۈرىسى، 24-ئايەت ) ئاللاھ بۇ بۇيرۇقىدا «مال» لەۋزىنى مۇتلەق بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ مۇئەييەن چەك قويمىغان. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ مېھىر ھەققىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن چېكى يوقلىقىغا دەلىل بولىدۇ. سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغىنىدەك، رەسۇلۇللاھقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئايالنى رەسۇلۇللاھ سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىكاھلىماقچى بولۇپ «ئايالغا تۆمۈر ئۈزۈك چاغلىق نەرسە بولسىمۇ بەر» دېگەن. ( بۇخارى 5149؛ مۇسلىم 1425 ) مانا بۇ مەھر ھەققى ئۈچۈن «مال» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ ئاز مىقدارنىڭمۇ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەھر ھەققىنىڭ كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ...

فىقھۇل مۇيەسسەر [208] ھەجنىڭ رۇكنلىرى ۋە ۋاجىپلىرى

ئىككىنجى باب: ھەجنىڭ رۇكۇنلىرى ۋە ۋاجىبلىرى [208] بىرىنجى مەسىلە: ھەجنىڭ رۇكنلىرى ھەجنىڭ تۆت رۇكنى بار، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئىھرام باغلاش. بۇ ھەجگە نىيەت قىلىش ۋە ھەج قىلىشنى مەقسەد قىلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ھەج ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت بولۇپ، ھەج پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائى بىلەن نىيەتسىز مەقبۇل بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر» دېگەن سۆزىدۇر. (بۇخارى 1؛ مۇسلىم 1907) نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولسىمۇ، ھەج ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بولغىنى قىلماقچى بولغان ھەج ئىبادىتىنى تەيىن قىلىپ، نىيىتىنى تىل بىلەن سۆزلەشتۇر. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق سابىت بولغان. (2) ئارافاتتا تۇرۇش. بۇنىڭ ھەجنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدە ئىجمائ بار. ئارافاتتا تۇرۇشنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ھەج ـــ ئارافاتتا تۇرۇشتۇر» دېگەن سۆزىدۇر. ( تىرمىزى 889؛ ئەبۇ داۋۇد 1949؛ نەسائى 5-256؛ ھاكىم-مۇستەدرەك 2-278؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. ئەلبانى، سەھىھ نەسائىي 2822-ھەدىس ) (3) زىيارەت تاۋىپى قىلىش. بۇ ئ...

فىقھۇل مۇيەسسەر [205~206} ھەج ۋە ئۆمرە

  [205] تۆتىنجى مەسىلە: ھەجنىڭ شەرتلىرى ھەجنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن بەش شەرت تېپىلىشى كېرەك بولىدۇ. (1) مۇسۇلمان بولۇش. كاپىرلارغا ھەج پەرز ئەمەس. كاپىرنىڭ ھەج قىلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، مۇسۇلمان بولۇش ئىبادەتنىڭ سەھىھ بولۇشىدىكى شەرتلەردىن بىرىدۇر. (2) ئەقىلگە ئىگە بولۇش. ساراڭغا (ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشىگە) ھەج پەرز ئەمەس، شۇنداقلا ساراڭنىڭ ھەج قىلىشىمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئەقىل دىنىي ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتىنىڭ شەرتىدىن بىرىدۇر. ساراڭنىڭ دىنىي ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتى يوق، ساراڭ (ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشى) دىن قەلەم كۆتۈرلۈپ كەتكەن (يەنى ئۇنىڭغا ھېچ ئىشتا گۇناھ يېزىلمايدۇ.) ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. ئۇخلاپ قالغۇچى ئويغانغانغا قەدەر، كىچىك بالا بالاغەت يېشىغا يەتكەگە قەدەر ۋە ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشى ئەقلىگە كەلگەنگە قەدەر.» ( ئەبۇ داۋۇد 4401؛ ئىبنى ماجە 2041؛ ئەلبانى ئەلئىرۋائ 297-دە سەھىھ دېگەن ) (3) بالاغەتكە يەتكەن بولۇش. كىچىك بالىغان ھەج پە...

فىقھۇل مۇيەسسەر [182] زاكات تارقىتىلىدىغاندا (ئايەتتە) تىلغا ئېلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە زاكاتتىن نېسىۋېسىنى بېرىش شەرتمۇ؟[183]زاكاتنىڭ بىر شەھەردىن باشقا شەھەرگە يۆتكۈلۈشى

[182] ئۈچىنجى مەسىلە: زاكات تارقىتىلىدىغاندا (ئايەتتە) تىلغا ئېلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە زاكاتتىن نېسىۋېسىنى بېرىش شەرتمۇ؟ سەھىھ كۆز قاراش شۇكى، زاكات تارقىلىغاندا (ئايەتتە) تىلغا ئېلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ ھەممىسىگە زاكات بېرىش شەرت ئەمەس. زاكات بۇ سەككىز تۈرلۈك كىشىدىن قايسى بىرىگە بېرىلسە يېتەرلىك بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: «سەدىقىلىڭلارنى (زاكىتىڭلارنى) ئاشكارا بەرسەڭلار بۇ ياخشىدۇر. ھالبۇكى، سەدىقىلىرىڭلارنى (زاكىتىڭلارنى) مەخپىي ھالدا پېقىرلارغا بەرسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىكتۇر.» ( سۈرە بەقەرە 271 ) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «زاكات بايلاردىن ئېلىنىپ نامراتلارغا بېرىلىدۇ» ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ) دېگەن سۆزى يۇقارقى سۆزىمىزنى قوللايدۇ، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «بىزگە زاكات كەلگۈچە ۋە بىز ساڭا زاكتتىن بېرىلىشىنى بۇيرۇغىنىمىزغا قەدەر يېنىمىزدا تۇر» ( مۇسلىم 1044 ) دېگەن سۆزىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ دەلىللەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ «سەدىقە (زاكات) پەقەت پېقىرلارغا...بېرىلىدۇ...

فىقھۇل مۇيەسسەر [179] فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇش ۋاقتى ۋە ئۇنى بېرىش ۋاقتى

[179] بەشىنجى مەسىلە: فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇش ۋاقتى ۋە ئۇنى بېرىش ۋاقتى فىتىر زاكىتى ھېيىت كېچىسى كۈننىڭ ئولتۇرىشى بىلەن ۋاجىپ بولىدۇ. (يەنى رامزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغان چاغدىكى ئىپتار ۋاقتىدىن باشلاپ ۋاجىپ بولىدۇ.) چۈنكى، رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشتىن توختاش مۇشۇ چاغدا باشلىنىدۇ. فىتىر زاكىتىنىڭ بېرىلىشىدە ئىككى ۋاقىت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى پەزىلەتلىك ھېسابلانغان ۋاقىت، يەنە بىرى دۇرۇس بولغان ۋاقىتتۇر. فىتىر زاكىتىنى بېرشىتىكى پەزىلەتلىك ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشتىن ئېتىبارەن باشلىنىپ، ھېيىت نامىزى ئوقۇلۇشتىن ئازراق ۋاقىت ئىلگىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنىڭ كىشىلەر ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىلىشىنى بۇيرۇدى.»(بۇخارى 1503؛ مۇسلىم 984) فىتىر زاكىتىنى بېرىشتىكى دۇرۇس ھېسابلانغان ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن ئاۋۋالدۇر. چۈنكى، ساھابە كىراملاردىن ئىبنى ئۇمەر ۋە بەزىلىرى مۇشۇنداق قىلغان. فىتىر زاكىتىنى ھېيىت نامىزىدىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش دۇرۇس...

فىقھۇل مۇيەسسەر [177] فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇشىنىڭ ھېكىمىتى

[177] ئۈچىنچى مەسىلە: فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇشىنىڭ ھېكىمىتى فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇشىنىڭ بەزى ھېكىمەتلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) روزا تۇتقان كىشىنىڭ روزىدار ھالەتتە سۆزلىگەنلىك ئېھتىمالى بولغان يامان سۆزلەردىن ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى. (2) پېقىر ۋە يوقسۇللارنىڭ ھېيىت كۈنىدە تىلەمچىلىك قىلىشتىن قۇتۇلۇش ۋە فىتىر زاكىتى ئارقىلىق خۇشال بولۇشىغا سەۋەب بولۇش. بۇنىڭ بىلەن ھېيىت كۈنى جەمئىيەتتىكى پۈتۈن كىشىلەر ئۈچۈن سۆيۈنۈش ۋە خۇشاللىق كۈنى بولىدۇ. بۇ ھال ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىستە ئىپادىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن يامان سۆزلەردىن ۋە قىلغان بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى؛ يوقسۇللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلغان.» ( ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ھاكىم 1-409، سەھىھ دېگەن؛ نەۋەۋى ‹ئەلمەجمۇئ› ناملىق ئەسىرىدە ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1492-دە ‹ھەسەن› دېگەن ) (3) فىتىر زاكىتى ئاللاھنىڭ بەندىگە رامزان روزىسىنى ۋە قىيامىنى (يەنى تەراۋىھ ...

فىقھۇل مۇيسسەر [170] كالىدىن ئېلىنىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى

[170] ئىككىنجى: كالىدىن ئېلىنىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى كالىنىڭ سانى 30 دىن 39 غىچە بولسا، بۇنىڭ زاكىتى ئۈچۈن بىر ياشلىق موزايدىن بىرى بېرىلىدۇ. كالىنىڭ سانى 40 تىن 59 غىچە بولسا، ئىككى ياشلىق كالىدىن بىرى بېرىلىدۇ. كالىنىڭ سانى 60 تىن 69 غىچە بولسا، بىر ياشلىق كالىدىن ئىككىسى زاكات ھېسابىدا بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر ئوتتۇز كالا ئۈچۈن بىر ياشلىق ئىنەكتىن بىرى، ھەر قىرىق كالا ئۈچۈن ئىككى ياشلىق ئىنەكتىن بىرى زاكات ھېسابىدا بېرىلىدۇ. كالىنىڭ سانى قانچە بولسا-بولسا، ھېساب مۇشۇ بويىچە بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:«ئاللاھنىڭ رەسۇلى ماڭا ھەر ئوتتۇز كالا ئۈچۈن بىر ياشلىق كالىدىن بىرنى، ھەر قىرىق كالا ئۈچۈن ئىككى ياشلىق كالىدىن بىرنى (زاكات ھېساۋىدا) ئېلىشىمنى بۇيرۇدى.» تۆۋەندە كالىنىڭ زاكىتىنىڭ قانداق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىمىز: 1-كالىنىڭ سانى 30 دىن 39 غىچە بولسا بىر ياشلىق كالىدىن بىرى 2-كالىنىڭ سانى 40 تىن 59 غىچە بولسا ئىككى ياشلىق كالىدىن بىرى 3-كالىنىڭ سانى 60 تىن 69 غىچە بولسا بىر ياشلىق كالىدىن ئىككىسى 4-كالىنىڭ سا...

فىقھۇل مۇيەسسەر [107~111] جۈمە نامىزى ۋە ھۆكۈملىرى

[107] ئۈچىنجى مەسىلە: جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىغا ئوخشاش. جۈمە نامىزى قۇياش تىكلىنىپ غەربكە قىيسىيشتىن باشلىنىپ، جىسىمنىڭ سايىسى ئۆز باراۋىرىدە ئۇزارغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. چۈنكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزىنى قۇياش غەربكە قىيسايغاندا ئوقۇيتتى. ( بۇخارى 904 ) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يولىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش بولغان. (فەتھۇل بارى، 2-450) بۇنىڭغا ئاساسەن، جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى جۈمە نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن كىشى جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرەلىگەن ھېسابلىنىدۇ. كىشى جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا پېشى نامىزى ئوقۇيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «نامازنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرەلىگەن كىشى ئۇ نامازغا ئۈلگۈرگەن ھېسابلىنىدۇ.» () [108] تۆتىنجى مەسىلە: جۈمە خۇتبىسى خۇتبە ـــ جۈمە نامىزىنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرىدۇر. خۇتبىسىز ئوقۇلغان جۈمە نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھ...

فىقھۇل مۇيەسسەر [103] نامازنى جۈپلەپ ئوقۇش

ئىككىنجى باب: نامازنى جۈپلەپ ئوقۇش [103] بىرىنجى مەسىلە: ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇشنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنى ۋە نامازنى جۈپلەپ ئوقۇشى مۇباھ ھېسابلىنىدىغان كىشىلەر نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس بولغان سەپەرلەردە پېشىن نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ـــ مەيلى قايسى نامازنىڭ ۋاقتى ئىچىدە ـــ جۈپلەپ ئوقۇش دۇرۇستۇر. چۈنكى، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەبۇك غازىتىدا ئەگەر قۇياش چىڭقى چۈشتىن قايرىلىشتىن ئاۋۋال يولغا چىقسا، پېشىن نامىزىنى ئەسىر نامىزىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇيتتى. ئەگەر قۇياش چىقڭى چۈشتىن قايرىلغاندىن كېيىن يولغا چىقسا، پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن يولىنى داۋام قىلاتتى. شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى يۇقارقىدەك قىلاتتى. ( ئەبۇ داۋۇد 1208؛ تىرمىزى 553؛ ئەلبانى ‹ئىراۋۇل غەلىل› 578-دە ‹سەھىھ› دېگەن ) [جۈپلەپ ئوقۇش دېگەندە: مەسىلەن، سەپەردە ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇماقچى بولغان تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازنى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇيدۇ. ھەر نامازنى ئوقۇشتىن...

فىقھۇل مۇيەسسەر [98~100] يولۇچى نامىزى ۋە ئۇنى قەسىر قىلىش

يولۇچىنىڭ نامىزى تۆت رەكئەتلىك (پەرز) نامازنى (ئىككى رەكئەتكە) قىسقارتىپ ئوقۇش [98] بىرىنجى مەسىلە: نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇشنىڭ (قەسىر قىلىشنىڭ) ھۆكمى يولۇچىنىڭ تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ ئوقۇيدىغانلىقىنىڭ شەرىئتتە بەلگىلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئەھلى ئىلىم ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. يولۇچىنىڭ نامىزىنى قىسقارتىپ ئوقۇشىنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكىگە قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجمائ دەلىلدۇر. قۇرئاندىن دەلىل: «يەر يۈزىدە سەپەرگە چىققىنىڭلاردا ئەگەر كاپىرلارنىڭ سىلەرگە يامانلىق قىلىشىدىن قورقساڭلار، نامىزىڭلارنى قىسقارتىپ ئوقۇشۇڭلاردا ھېچ گۇناھ يوق.» (سۈرە نىسا، 101-ئايەت) قورقۇنچ ھالىتىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس. ساھابىلەر ئەمىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش توغرىسىدا سوئال سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «(نامازنى قەسىر قىلىش) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن سەدىقىسىدۇر. ئاللاھنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىڭلار» دېدى.(مۇسلىم 686) ئەسلىدىنلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئۇ زاتن...