[336] مەھر ھەققىنىڭ چېكى ۋە ھېكىمىتى

(1) مەھرنىڭ ھەققىنىڭ چېكى
مەھرنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن چېكى يوق. قىممەتكە ئىگە بولغان ياكى ھەققى ھېسابلىنىدىغان توغرا بولغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ مەھر ھەققى بولۇشى توغرىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا پۈتۈشكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا (يەنى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن ساقىت قىلىنغان مەھرى ئۈچۈن) سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.»(نىسا سۈرىسى، 24-ئايەت) ئاللاھ بۇ بۇيرۇقىدا «مال» لەۋزىنى مۇتلەق بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ مۇئەييەن چەك قويمىغان. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ مېھىر ھەققىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن چېكى يوقلىقىغا دەلىل بولىدۇ. سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغىنىدەك، رەسۇلۇللاھقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئايالنى رەسۇلۇللاھ سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىكاھلىماقچى بولۇپ «ئايالغا تۆمۈر ئۈزۈك چاغلىق نەرسە بولسىمۇ بەر» دېگەن.(بۇخارى 5149؛ مۇسلىم 1425) مانا بۇ مەھر ھەققى ئۈچۈن «مال» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ ئاز مىقدارنىڭمۇ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مەھر ھەققىنىڭ كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىدۇر:«ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىگە (مەھرى قىلىپ) كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار.»(سۈرە نىسا، 20-ئايەت)

Yorumlar