جۇنۇب كىشى قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟



جۇنۇب كىشى قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى 8859-نومۇرلۇق پەتىۋا
جاۋاب: جۇنۇبنىڭ غۇسل قىلماي تۇرۇپ قۇرئان ئوقۇشىغا بولمايدۇ. مەيلى يادقا ئوقۇسۇن، ياكى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسۇن ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەس. شۇنداقلا، كىشى تولۇق تاھارەتلىك ھالەتتە بولمىغانلا ئىكەن – مەيلى جۇنۇب بولسۇن ياكى تاھارەتسىز ھالدا بولسۇن – قۇرئانغا تۇتۇپ ياكى قاراپ تۇرۇپ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇسا بولمايدۇ. (تاھارەتسىز كىشى قۇرئاندا يادقا ئوقۇسا بولىدۇ. ھەيزدار ئايال قۇرئاننى يادقا ئوقۇسا، ياكى مۇسھەپ ‹قۇرئان› نى پەلەي، لاتا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ۋاسىتىلىك تۇتۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.) [«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]

Yorumlar