كىچىك گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرۇش گۇناھى كەبىردۇر


كىچىك گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرۇش گۇناھى كەبىردۇر

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 130711 – نومۇرلۇق سوئال
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: ئىسلامدا گۇناھلار كىچىك گۇناھ (گۇناھى سەغىر). چوڭ گۇناھ (گۇناھى كەبىر) دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇنداقتا، قولدا لەززەتلىنىش ۋە شەھۋانىي فىلىم – سۈرەتلەرنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى ۋە بۇنىڭ دوزاختىكى جازاسى نېمە؟

جاۋاب: ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ھەربىر مۇسۇلمان شەھۋەتنى قوزغايدىغان ۋە كىشىنى قولدا لەززەتلىنىش، زىنا قاتارلىق گۇناھلارغا ئۈندەيدىغان شەھۋانىي سۈرەت ۋە فىلىملەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. شۇنىسى شەكسىزكى، بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش گۇناھى كەبىردۇر. چۈنكى، داۋاملاشتۇرۇلغان گۇناھنىڭ كىچىكى يوق. بۇ خىل گۇناھلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ گۇناھتىكى ئەزۋەيلىشى (قول ئۈزمەسلىكى) سەۋەبلىك گۇناھى كەبىر ئۆتكۈزگەن دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇ خىل نەرسىلەرنى بىرەر قېتىم كۆرۈپ قالغانلارنىڭ ھۆكمىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، تاسادىپىيلىقتىن بىرەر قېتىم كۆرۈپ قېلىش كىچىك گۇناھلار جۈملىسىدىن بولىدۇ. قولدا لەززەتلىنىشمۇ شۇنىڭ ھۆكمىدە. ئەگەر بۇ خىل قىلمىش شەھۋەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن بىرەر قېتىم يۈز بېرىپ قالغان بولسا كىچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان بولسا گۇناھى كەبىرە بولىدۇ.
شەيخ ئابدۇللاھ ئىبن جىبرىن رەھىمەھۇللاھ.

Yorumlar