جىنسىي يولغا دورا سالغان ئايال كىشىگە غۇسل ۋاجىپمۇ؟



جىنسىي يولغا دورا سالغان ئايال كىشىگە غۇسل ۋاجىپمۇ؟

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سوئال: ئايال كىشى داۋالىنىش يۈزىسىدىن جىنسىي ئەزاسىغا مەلھەم ياكى كاپسۇل دورىلارنى سالسا، بۇ سەۋەبلىك غۇسل قىلىشى ۋاجىپ بولامدۇ؟

 
بارچە مەدھىيىلەر-ماختاشلار ئاللاھقا خاس. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.
جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن جىنسىي يولغا (بالىياتقۇغا) دورا سېلىشى تۆۋەندىكى ئىككى خىل ھالەتتىن بىرى بويىچە بولىدۇ.
بىرىنچى: دورىنى جىنسىي يولنىڭ تېشىدىن تېمىتىش.
ئىككىنجى: شۇ خىلدىكى ماشىنا بىلەن دورىنى كۆزلەنگەن نىشانغا ئېتىش.
بىرىنچى خىل ھالەتكە كەلسەك، بۇ خىل ھالەتتە ئايال كىشى پەقەتلا ئەۋرىتىنى تۇتىدۇ، ياكى دورىنىڭ بەزى قىسىمى جىنسىي يولدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ھالەتتە، پەقەت تاھارەت ئېلىشلا كۇپايە قىلىدۇ، غۇسل قىلىش كېرەك ئەمەس. ئىككىنچى خىل ھالەتكە كەلسەك، بۇ خىل ھالەتتە-دورا مەيلى جىنسىي يولدىن ئېقىپ چىقىپ كەتسۇن ياكى چىقىپ كەتمىسۇن، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا- تاھارەت ئېلىشتىن باشقىسى كېرەك ئەمەس.
ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئەگەر جىنسىي يولغا دورا سالغان بولۇپ، دورا جىنسىي يولدىن سىرتقا چىقىپ كەتسە، بۇنداق كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى جىنسىي يولدا سىرتقا بىر نەرسە چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدەك، ئەگەر كىشى جىنسىي يولغا بىر نەيچە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر نەرسىنى تىقىپ چىقارغان بولسا، تاھارىتى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى، ئۇ نەرسىمۇ جىنسىي يولدىن چىقتى (جىنسىي يولدىن چىققان ھەر قانداق نەرسە تاھارەتنى بۇزىدۇ). يۇقارقى ئىشلارنىڭ ھۆكمى جىنسىي ئورگاندىن ئېقىپ چىققان نەرسىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.»(ئىمام ئىبنى قۇدامە ‹ئەلمۇغنى› 1\192)
شۇنىڭغا ئوخشاش، ھامىلدار ئايالنى تەكشۈرۈش يۈزىسىدىن ئايال دوختۇر ياكى باشقا ئايال ھامىلدار ئايالنىڭ جىنسىي يولىغا قولىنى تىققان بولسا، ھامىلدار ئايالنىڭ تاھارىتى بۇزۇلىدۇ.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە: دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك پەتىۋالار تور بېكىتىدىن بىرى ھېسابلانغان «ئىسلام ۋېب» تورى.
پەتىۋانىڭ ئەرەبچە ئادرېسى: http://fatwa.islamweb.net/fatwa/index.php?page=showfatwa&Option=FatwaId&Id=36959

Yorumlar