ساھابە ھەققىدە يامان سۆز قىلغۇچى زىندىق
ساھابە
ھەققىدە يامان سۆز قىلغۇچى زىندىق
زىندىق: كۆرۈنۈشتە
مۇسۇلمان، ئەمەلىيەتتە كۇفۇرغا چۈشكەن دىندىن نېسىۋىسى يوق كىشىدۇر.
رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ساھابىلىرىم تىلغا ئېلىنسا (ئۇلار
توغرىىسدا يامان سۆز قىلىشتىن) تىلىڭلارنى يىغىڭلار. يۇلتۇزلار تىلغا ئېلىنسا
(پالانچى يۇلتۇز سەۋەبلىك بىزگە بۇنداق بولدى دەپ كۇفۇر سۆزلەپ قېلىشتىن) تىلىڭلارنى
تارتىڭلار. تەقدىر تىلغا ئېلىنسا (تەقدىر توغرۇلۇق قۇرئان ھەدىستە بولمىغاننى سۆزلەپ
تالاش-تارتىش قىلىشتىن) تىلىڭلارنى تارتىڭلار.»(تەبرانى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس)
ساھابىلەر ھەققىدە
يامان سۆز قىلىش ئېغىر دەرىجىدىكى ئازغۇنلۇقتۇر.
ئەبۇ زەرئە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سەن بىرىنىڭ
ساھابىلەر توغرىسىدا يامان گەپ قىلغىنىنى كۆرسەڭ، بىلگىنكى بۇنداق كىشى زىندىقتۇر.
چۈنكى، قۇرئان ھەق، رەسۇلۇللاھ ھەق. رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن نەرسە ھەق. قۇرئان ۋە
سۈننەت بىزگە پەقەت ساھابىلەر ئارقىلىقلا يېتىپ كەلگەن. شۇڭا، كىمدە كىم ساھابىلەر
ھەققىدە يامان سۆز قىلسا، ئۇلارنى سۆكسە، تەنقىد قىلسا قۇرئان ۋە سۈننەتنى
يالغانغا چىقارغانلىق ھۆكمىدە بولىدۇ. شۇڭا، ساھابە ھەققىدە سەلبىي سۆز قىلغۇچى تەنقىد
قىلىشقا ئەڭ لايىق، بۇنداقلار ئازغۇن زىندىق ھۆكمىدىدۇر. " الصواعق
المحرقة على أهل الرفض والضلال والزندقة " ( 2 / 608 ) .
شەيخ سالىھ
ئەلفەۋزان مۇنداق دېگەن: كىمكى ساھابىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلسا، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك
قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىسلامنىڭ توشۇغۇچىلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىردۇر.
شۇڭا، كىم ئۇلارنى ئۆچ كۆرسە ئىسلامنى ئۆچ كۆرگەن بولىدۇ. ساھابىلەردىن قايسى بىرىنى
ئۆچ كۆرگۈچىنىڭ قەلبىدە ئىمان يوق. بۇنداقلار ئىسلامنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ ھەر بىر
مۇسۇلمان بىلىشى كېرەك بولغان، ئىماننىڭ مۇھىم پىرىنسىپىدۇر. يەنى، ساھابىلەرنى
ياخشى كۆرۈش ۋە ھۆرمەتلەش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. ساھابىلەرنى يامان كۆرۈش، ياكى
ئۇلاردىن بىرىنى يامان كۆرۈش كۇفۇر ۋە مۇناپىقلىقتۇر. چۈنكى، ساھابىلەرنى ياخشى كۆرۈش
رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈش جۈملىسىدىن. ساھابىلەرنى يامان كۆرۈش رەسۇلۇللاھنى يامان
كۆرۈش جۈملىسىدىن.(ئەلفەۋزان: ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە شەرھى)
ئىمام ئەھمەد
مۇنداق دېگەن: بىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىسىنى يامان سۆز بىلەن تىلغا ئالغىنىنى
كۆرسەڭ، ئۇنىڭ ئىسلامىنى سوراققا تارت.
تېخىمۇ
تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن: [https://islamqa.info/ar/45563]
مۇناسىۋەتلىك
تېما: سەئىد قۇتۇپنىڭ ساھابىگە تىل سېلىشى ۋە بىن بازنىڭ ئۇنى رەت قىلىشى (تۈركچە)
Yorumlar
Yorum Gönder