قۇرئان ۋە پاك سۈننەتنى تاشلاپ، ئىنسان تۈزگەن قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشنىڭ ھۆكمى
قۇرئان ۋە
پاك سۈننەتنى تاشلاپ، ئىنسان تۈزگەن قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا
بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئبىنى باز
رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى-ھىجرىيە:1420-يىلى؛ مىلادىيە 1999-يىلى) «فۇرقان دەئۋەت
مەركىزى» تەرجىمە قىلدى
سوئال: كۆز
ئالدىدا قۇرئان كەرىم ۋە پاك سۈننەت بولۇشىغا قارىماستىن ئىنسان تۈزگەن قانۇننى
ئىجرا قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى قانداق؟
جاۋاب: ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ
ئاتىغان بۇ پىرقە كىشىلىرى توغرىسدىكى كۆز قارىشىم شۇكى: كىشى ئاللاھنىڭ نازىل
قىلغىنى بويىچە (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەت بويىچە) ھۆكۈم قىلمىغىنىدا ئاللاھنىڭ
شەرىئىتىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، بۇ ئەسىردە شەرئىي ھۆكۈملەرنىڭ ھۆكۈم قىلىش
سالاھىيىتىگە ئەمەسلىكى قانائىتىدە بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ
ھالىتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:«ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.
پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى
دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە
ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى غۇم تامامەن يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە
ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.»(سۈرە نىسا 65-ئايەت) ئاللاھ سۇبھانەھۇ
ۋەتائالا يەنە مۇنداق دېگەن:«كىم ئاللاھنىڭ نازىل
قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىسا، ئەنە شۇلار كاپىرلاردۇر.»(مائىدە سۈرىسى
44-ئايەت)«كىم ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم
قىلمىسا، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر.»(مائىدە سۈرىسى 45-ئايەت) «كىم ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىسا، ئەنە
شۇلار پاسىقلاردۇر.»(سۈرە مائىدە 47-ئايەت) بۇنداق بولغان ئىكەن،
ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ تېشىدىكى قانۇنلار بىلەن ھۆكۈم قىلغانلار، ئۆزى ھۆكمىنى
ئالغان بۇ قانۇنلارنى ئۆزى ئۈچۈن دۇرۇس ھېسابلايدۇ، بۇ قانۇنلارنى ئاللاھنىڭ
شەرىئىتىدىن تېخىمۇ ئەۋزەل ھېسابلايدۇ، شۈبھىسىزكى، بۇ ھالەتتە ئىسلام دىنىدىن
چىقىپ كېتىدۇ. يۇقارقى ئايەتلەردە ۋە باشقا ئايەتلەردە دېيىلگىنىدەك (ئاللاھنىڭ
شەرىئىتىنىڭ سىرتىدىكى قانۇنلار بىلەن ھۆكۈم قىلغانلار) كاپىر، زالىم ۋە پاسىق
بولىدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ:«ياكى
ئۇلار جاھىلىيەتنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ياخشى چۈشىنىدىغان بىر قەۋم ئۈچۈن،
ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىنمۇ ياخشى كىم بار؟»(مائىد
سۈرىسى، 50-ئايەت)
دۇرۇت ۋە سالاملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە ساھابە كراملارغا بولسۇن. (ئەللامە ئىبنى باز
پەتىۋالىرى، 1\271)
Yorumlar
Yorum Gönder