زاكات بېرىشكە بولمايدىغان ئالتە خىل كىشى




زاكات بېرىشكە بولمايدىغان ئالتە خىل كىشى

 «فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكىچە:
(1) بايلارغا ۋە ئۆز كۈچى ئارقىلىق پۇل تاپالايدىغان كىشىلەرگە زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۇنىڭدا (يەنى زاكاتتا) باينىڭ ۋە ئۆز كۈچى ئارقىلىق پۇل تاپالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەققى يوق.»(ئەھمەد 5-362؛ ئەبۇ داۋۇد 1633؛ نەسائى 5-99؛ ئەلبانى: سەھىھ نەسائىي 2435 تە ‹سەھىھ› دېگەن) بىراق، زاكات خادىمى بىلەن قەرزار بولۇپ قالغان كىشى ـــ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ـــ باي بولغان تەقدىردىمۇ زاكات ئالسا بولىدۇ. شۇنداقلا، پۇل تاپالايدىغان كىشى ئەگەر شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئۆزىنى ئاتىغان بولسا ۋە پۇل-مېلى بولمىسا، ئۇنىڭغا زاكات بېرىلىدۇ. چۈنكى، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئاللاھ يولىدىكى جىھادتۇر. ئەگەر، پۇل تاپالايدىغان بىر كىشى نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ئىشلەشنى تەرك قىلغان ئابىد كىشى بولسا، بۇنداق كىشىگە زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئىبادەتنىڭ پايدىسى ئىلىمنىڭ پايدىسىنىڭ ئەكسىچە ئىبادەت قىلغان كىشىگىلا بولىدۇ. (ئىلىمنىڭ پايدىسى بولسا ئۇنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلغۇچى ۋە شۇ ئىلىمدىن مەنپەئەتلەنگۈچى ھەممە مۇسۇلمانلارغا بولىدۇ.)
(2) كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىشى مەجبۇرىيەت ھېسابلانغان يېقىن ئۇرۇق تۇغقانلارغا ۋە ئايالىغا زاكات بېرىشى دۇرۇس ئەمەس. مۇسۇلماننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدىغان دادا، ئانا، چوڭ دادا، چوڭ ئانا، بالا ۋە نەۋرە قاتارلىق تۇغقانلىرىغا زاكات بېرىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇلارغا بېرىلىدىغان زاكات ئۇلارنى نەپىقىگە موھتاج ھالدا قالدۇرمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نەپىقىسىنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىدىنمۇ خالاس بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، زاكاتنىڭ پايدىسى ئۆزىگە قايتىدۇ، يەنى (كىشى يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە زاكات بېرىش بىلەن) زاكاتنى ئۆزىگە بەرگەندەك بولىدۇ.
(3) قەلبى ئىسلامغا مايىل قىلىنمايدىغان كاپىرلارغا زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. زاكاتىنى كاپىرلارغا بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «زاكات بايلاردىن ئېلىنىپ نامراتلارغا بېرىلىدۇ» دېگەن. يەنى، زاكات باي مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنىپ نامرات مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدۇ. باشقىلار بۇنىڭغا داخىل ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زاكاتنىڭ مەقسەدلىرىنىڭ بىر نەچچىسى نامرات مۇسۇلمانلارنى ئېھتىياجتىن قۇتقۇزۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. كاپىرلار بىلەن يۇقارقىدەك ھالەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش دۇرۇس ئەمەس.
(4) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىگە زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. بۇنداق بولۇشى پەيغەمبەر سەللەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ شان-شەرىپى يۈزىسىدىن ئۇلارغا قىلىنغان ھۆرمەتتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«زاكات مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ نەسەبىدىن كەلگەنلەرگە ھالال ئەمەس. چۈنكى، زاكات ئىنسانلارنىڭ كىرىدۇر.»(مۇسلىم 1072) (بەزى ئالىملار) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىب جەمەتىگە تەۋە كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ دېگەن؛ بەزى (ئالىملار) ئۇلارنىڭ يالغۇزلا بەنى ھاشىم جەمەتىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. توغرىسىكى كېيىنكى قاراشتۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بەنى مۇتەللىب جەمەتىگە تەۋە كىشىلەرگە زاكات بېرىش دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىلەر ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقلا، «سەدىقە پەقەت پېقىرلارغا... بېرىلىدۇ.» (تەۋبە سۈرىسى، 60-ئايەت) ئايىتىنىڭ ئومۇمىي مەنىسىگە بەنى مۇتەللىپ جەمەتىمۇ كىرىدۇر.
(5) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغانلارغا زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەدىقە (زاكات) بىزگە ھالال ئەمەس؛ شۈبىھسىزكى، بىر قەۋەمنىڭ ئازادگەردىلىرى ئۇلاردىن سانىلىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 1650؛ تىرمىزى 652؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى تىرمىزىنىڭ؛ ھاكىم 1-404؛ تىرمىزى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن. ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. زەھەبى ھاكىمنىڭ باھاسىغا قوشۇلغان. ئەلبانى ‹سەھىھ تىرمىزى› 530- دا سەھىھ دېگەن) بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىلەر ئازاد قىلىۋەتكەن كىشىلەرگە زاكات (ۋە سەدىقە) بېرىلمەيدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. بىر قەۋمنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇللىرى ـــ ئۇلار ئازادلىققا چىقارغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلاردىن سانىلىدۇ» دېگەنلىك «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھۆكۈمى قانداق بولسا، ئازادگەردىلىرىنىڭ ھۆكۈمىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر. شۇ ۋەجىدىن، بەنى ھاشىم جەمەتىدىكلەر ئازاد قىلىۋەتكەن كىشىلەرگە زاكات بېرىلمەيدۇ.
(6) قۇللارغا زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، قۇلنىڭ مېلى خوجايىنىغا تەۋەدۇر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇللارغا زاكات بېرىلسە ئۇ زاكات خوجايىنىنىڭ مۈلكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، قۇلنىڭ نەپىقىسىنى قىلىپ بېرىش خوجايىنىنىڭ مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ. خوجايىنى بىلەن ئازادلىق توختامى تۈزۈشكەن قۇللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ھالەتتىكى قۇلغا توختامدىكى قەرزنى تۆلىگۈدەك مىقداردا زاكات بېرىش دۇرۇس. شۇنداقلا، ( قۇل ھالەتتىكى) زاكات خادىملىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر، قۇل زاكات يىغىش خىزمتىنى قىلىدىغان بولسا ـــ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن ھەق ئېلىش دۇرۇس بولغانلىقتىن ـــ ئۇنىڭغا زاكات بېرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خوجايىنى رۇخسەت قىلغان ھالەتتە قۇلنىڭ ھەق ئېلىپ ئىشلىشى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ.
كىمكى يۇقىرىدىكى زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلەرگە ـــ زاكات بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ــــ زاكات بەرسە گۇناھكار بولىدۇ.

Yorumlar