جۈمە كۈنى قىلىش ھارام ھېسابلىنىدىغان ئىشلار
جۈمە كۈنى قىلىش ھارام ھېسابلىنىدىغان ئىشلار
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا گەپ قىلىش ھارام. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جۈمە كۈنى ئىمام
خۇتبە بېرىۋاتقاندا گەپ قىلغان كىشى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ.»(ئەھمەد 1-230؛ ئىبنى ھەجەر ‹بۇلۇغۇلمەرام› دا ‹(بۇ ھەدىسنىڭ) سەنەدىدە مەسىلە
يوق› دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا ھەمراھىڭغا ‹جىم تۇر› دېسەڭمۇ،
ئورۇنسىز سۆز قىلغان بولىسەن.»(بۇخارى 394؛ مۇسلىم 851) يەنى، سەن قوبۇل
قىلىنمايدىغان، رەت قىلىنىدىغان باتىل گەپ قىلغان بولىسەن.
ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كىشىلەرنىڭ مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ھارام. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرەيلەننىڭ
جامائەتنىڭ مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا «ئولتۇر، ئەزىيەت
بېرىۋاتىسەن» دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد 1118؛
نەسائى 3-103؛ ھاكىم 1-288؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان.
ئەلبانى ‹سەھىھۇل ئىبنى ماجە› 916-دە ‹سەھىھ› دېگەن) چۈنكى، بۇنداق قىلىش جامائەتكە ئەزىيەت بېرىدۇ، بۇنداق قىلىش جامائەتنىڭ
خۇتبە تىڭشىشىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ. ئىمامغا ـــ خۇتبىگە چىقىش ئۈچۈن جامائەتنىڭ
مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتمىگۈچە خۇتبىگە چىقىش ئىمكانىيىتى بولمايدىغان بولسا ـــ
جامائەتنى ئاتلاپ ئۆتۈش دۇرۇس.
ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش مەكرۇھ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى جۈمە كۈنى غۇسل
قىلسا ... ئاندىن بېرىپ ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەستىن ئۆزى ئۈچۈن تەقدىر
قىلىنغىنى بويىچە ناماز ئوقۇسا ... بۇ جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگىچە بولغان (كىچىك)
گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.»(بۇخارى 910)
Yorumlar
Yorum Gönder