تۇغۇلغان بالىغا ئىسىم قويۇش، چېچىنى چۈشۈرۈش، ئېغىزلاندۇرۇشتا شەرئىي بەلگىلىمە
تۇغۇلغان بالىغا ئىسىم قويۇش، چېچىنى چۈشۈرۈش، ئېغىزلاندۇرۇشتا شەرئىي بەلگىلىمە
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(1) بالىغا ئىسىم قويۇش
بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنجى كۈنى بالىغا ئىسىم قويۇش سۈننەت. چۈنكى، سەمۇرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«ھەر بىر بالا ئەقىقىسى بەدىلىگە
رەنىگە ئېلىنغاندۇر. بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنجى كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىقە قىلىنىدۇ،
ئىسم قويۇلىدى ۋە بېشى چۈشۈرۈلىدۇ.»(ئەھمەد 5-7؛ ئەبۇ داۋۇد 2837؛ تىرمىزى 1522؛ نەسائىي 7-166؛ ھاكىم-مۇستەدرەك
4-237؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. ئەلبانى ‹سەھىھ نەسائىي›
3936-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
شۇنداقلا، بالىغا چىرايلىق ئىسىم قويۇشمۇ سۈننەتتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەت ئىسىملارنى ئۆزگەرتىۋېتەتتى، ھەم شۇنداق قىلىشنى
بۇيرۇيتتى.(بەتھۇل بارى 10-577) ئىسىملارنىڭ ئەڭ چىرايلىقى ئابدۇللاھ ۋە
ئابدۇرراھماندۇر. چۈنكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بايان قىلغان ھەدىستە،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىسىملىرىڭلار ئارىسىدا
ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇرراھماندۇر.»(مۇسلىم 1682)
(2) تۇغۇلغان بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش
تۇغۇلغان بالا قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن بولغاندا ئەقىقىسى
قىلىنغاندىن كېيىن بېشى چۈشۈرىلىشى ۋە چېچىنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىش
سۈننەت. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ ھەسەن ئۈچۈن بىر قوي ئەقىقە قىلدى ۋە ‹ئى پاتىمە! ئۇنىڭ
چېچىنى چۈشۈرۈڭ ۋە چېچىنىڭ ئېغىرلىقى مىقدارىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىڭ› دەپ بۇيرۇدى.»(ئەھمەد 6-390؛ مالىك- مۇۋەتتائ 259-بەت؛ تىرمىزى 1519؛ ھاكىم 4-237؛ بەيھەقى
9-304؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇت تىرمىزى› 1226-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
(3) تۇغۇلغان بالىنى ئېغىزلاندۇرۇش
تۇغۇلغان بالىنى - مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن – خورما بىلەن ئېغىزلاندۇرۇش
سۈننەت.
ئېغىزلاندۇرۇش: خورمىنى چايناپ تاكى
ئاشقازىنىغا خورمىنىڭ يېتىپ بارغانغا قەدەر چاينالغان خورمىنى بالىنىڭ تامىقىغا
سۈركەشتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىغان مۇنۇ ھەدىستۇر. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
مۇنداق دەيدۇ: بىر ئوغلۇم تۇغۇلدى، ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ئېلىپ باردىم. ئۇنىڭغا
ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويدى ۋە بىر خورمىنى چايناپ بالىنىڭ تامىقىغا سۈركۈدى.(بۇخارى 6-216؛ مۇسلىم 2145)
(4) تۇغۇلغان بالىنىڭ قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇش
بالا تۇغۇلغان چاغدا قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇش سۈننەت. «ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول
قۇلىقىغا قامەت ئوقۇلىدۇ» مۇ دېيىلىدۇ. ئەبۇ رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دەيدۇ:«فاتىمە ھەسەننى تۇغقاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ ھەسەننىڭ قۇلىقىغا نامازغا ئوقۇلغاندا ئەزان ئوقۇغىنىنى كۆردۈم.»(تىرمىزى
1514؛ تىرمىزى ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇت تىرمىزى› 1224-ھەدىستە ‹ھەسەن›
دېگەن)
Yorumlar
Yorum Gönder