قەسىر قىلىش دۇرۇس بولغان نامازلار
قەسىر قىلىش دۇرۇس بولغان نامازلار
قىسقارتىپ قىلىنىشى دۇرۇس بولغان نامازلار تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلار بولۇپ،
ئۇلار پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامىزىدىن ئىبارەت. بامدات ۋە شام نامىزىنىڭ قەسىر
قىلىنمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىجمائ بار. چۈنكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلىرىنىڭ پېئىلىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ
«ئاللاھ نامازنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن مۇقىم تۇرغاندا تۆت رەكئەت، سەپەر
ھالىدە ئىكى رەكئەت قەسىر قىلىپ پەرز قىلدى» دېگەنلىكىمۇ بۇنىڭ دەلىلىدۇر.(مۇسلىم
687) مانا بۇلار قەسىر قىلىنىشى كېرەك بولغىنىنىڭ تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلار
ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
Yorumlar
Yorum Gönder