فىقھۇل مۇيەسسەر: تاھارەتنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ دەلىلى ۋە تاھارەت ئېلىش كىمگە، قانداق چاغدا پەرز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
بەشىنجى باب: تاھارەت
[21] بىرىنجى مەسىلە: تاھارەتنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ھۆكمى
تاھارەتنىڭ شەرئىي مەنىسى: ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش مەقسىدىدە يۈز،
قوللار، باش ۋە پۇتلاردىن ئىبارەت تۆت ئەزانى شەرىئەت بەلگىلىگەن شەكىلدە يۇيۇشتىن
ئىبارەت.
تاھارەتنىڭ ھۆكمى: ناماز ئوقۇش ۋە نامازنىڭ ھۆكمىدە ھېسابلانغان ئەمەللەرنى
قىلىش، كەئبىنى تاۋاپ قىلىش، قۇرئاننى تۇتۇش نىيىتىدە بولغان كىشى تاھارەتسىز
بولسا، تاھارەت ئېلىشى پەرز.
[22] ئىككىنجى مەسىلە: تاھارەتنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ دەلىلى ۋە تاھارەت ئېلىش
كىمگە، قانداق چاغدا پەرز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
تاھارەتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ مۇنۇ
بۇيرۇقىدۇر:«ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ)
ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار
بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن
قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)، ئەگەر
كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ
تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان)
بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن)
سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا
مەسھى قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن اﷲ شۈكۈر قىلىشىڭلار
ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە
تاماملاشنى خالايدۇ.»(سۈرە مائىدە، 6-ئايەت)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسلىرىمۇ تاھارەت ئېلىشنىڭ
پەرزلىكىگە دەلىل بولىدۇ:«ئاللاھ تاھارەتسىز ئوقۇلغان
نامازنى ۋە غەنىمەت مالدىن ئوغرىلانغان سەدىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 224) «تاھارىتىنى سۇندۇرغان
كىشى تاكى تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 223)
تاھارەتنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا يۇقارقى دەلىللەرگە زىت ھېچقانداق ھۆكۈم مەۋجۇت
ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن، تاھارەت ئېلىشنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكى كىتاب، سۈننەت ۋە
ئىجمائ بىلەن سابىتتۇر.
تاھارەت ئېلىش كىمگە پەرز؟
ناماز ئوقۇماقچى بولغان ياكى ناماز ھۆكمىدە بولغان بىر ئەمەلنى قىلماقچى
بولغان، ئەقلى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلمانغا تاھارەت ئېلىش پەرز.
تاھارەت ئېلىش قانداق چاغدا پەرز بولىدۇ؟
ناماز ۋاقتى كىرگەندە ياكى كىشىگە تاھارەت ئېلىش شەرت بولغان چاغدا ـــ
كەئبىنى تاۋاب قىلىش، قۇرئاننى تۇتۇش قاتارلىق مۇئەييەن ۋاقىتقا تەئەللۇق بولمىغان
ئىشنى قىلماقچى بولغان تەقدىردىمۇ ـــ تاھارەت ئېلىش پەرز ھېسابلىنىدۇ.
[23] ئۈچىنجى مەسىلە: تاھارەتنىڭ شەرتلىرى
تاھارەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن مۇنۇ شەرتلەر تېپىلىشى لازىم:
(1) مۇسۇلمان بولۇش، ئەقىلگە ئىگە بولۇش، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش كۈچىگە ئىگە
بولۇش. بۇ ۋەجىدىن، كاپىرنىڭ ۋە ساراڭنىڭ ئالغان تاھارىتى دۇرۇس ئەمەس. ئاق-قارىنى
ئايرىش ئىقتىدارى بولمىغان كىچىك بالىنىڭمۇ ئالغان تاھارىتى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ.
(2) نىيەت. «ئەمەللەر پەقەت نىيەتكە باغلىقتۇر»
ھەدىسى نىيەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم نىيەتنى تىلى بىلەن تەلەپپۇز قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر قانداق بىرىنىڭ
نىيەتنى تىلى بىلەن تەلەپپۇز قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. (بۇنداق قىلىش بىدئەت. ھەر
قانداق بىدئەت گۇناھى كەبىرە.)
(3) پاك سۇ. ئىلگىرىكى سۇغا مۇناسىۋەتلىك بابلاردا سۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بايان
قىلغان ئىدۇق. پاسكىنا سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىش ئەسلىدىنلا دۇرۇس ئەمەس.
(4) سۇنىڭ تەنگە يېتىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ يوق
قىلىنىشى. مەسىلەن، خېمىر ۋە كۈنىمىزدە قىز-ئاياللارنىڭ قوللىنىدىغان تىرنىقىغا
ئىشلىتىدىغان بوياقلار قاتارلىقلارنىڭ تازىلاپ چىقىرىۋېتىلىشى.
(5) باشتىكى بابلاردا بايان قىلىنغان ئېنىقلىمىلارنى بايان قىلىنغىنىدەك، (چوڭ
كىچىك تەرەت قىلغان كىشىنىڭ) ئىستىنجا ياكى ئىستىجمار قىلغان بولۇشى.
(6) تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇيۇلۇشى.
(7) تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالارنىڭ تەرتىپ بويىچە يۇيۇلۇشى. بىر نەچچە
ماۋزۇدىن كېيىن بۇ ئىككى شەرت توغرىسىدا ئىزاھاتلار كېلىدۇ.
(8) يۇيۇلۇشى پەرز بولغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇش.
[24] تۆتىنجى مەسىلە: تاھارەتنىڭ
پەرزلىرى
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
تاھارەتنىڭ پەرزى ئالتە:
(1) يۈزنى پۈتۈنلەي يۇيۇش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «(تاھارتسىز
بولساڭلار) ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغاندا يۈزۈڭلارنى ... يۇيۇڭلار»
دېگەن.(سۈرە مائىدە، 6-ئايەت) ئېغىزغا ۋە بۇرۇنغا سۇ ئېلىپ چايقاشمۇ يۈز يۇيۇش
دائىرىسىدە. چۈنكى، ئېغىز بىلەن بۇرۇن يۈزنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىنىدۇ.
(2) ئىككى قولنى ئىككى جەينەككە قەدەر يۇيۇش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «ئىككى قولۇڭلارنى ئىككى جەينىكىڭلارغىچە يۇيۇڭلار»(سۈرە مائىدە، 6-ئايەت) دېگەن.
(3) قۇلاقنى قوشۇپ باشنىڭ ھەممە يېرىگە مەسىھ قىلىش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار» (سۈرە مائىدە،
6-ئايەت) دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «قۇلاق باشنىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن.(تىرمىزى 37؛
ئىبنى ماجە 443؛ ئەلبانى ‹سىلسىلەتۇس سەھىھە› 36-دە سەھىھ دېگەن) بۇ ۋەجىدىن،
باشنىڭ بىر قىسىمىغا مەسىھ قىلىپ بىر قىسىمىغا مەسىھ قىلماسلىق يېتەرلىك ئەمەس.
(4) ئىككى پۇتنى ھوشۇققىچە يۇيۇش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «ئىككى پۇتۇڭلارنى ھوشۇقىڭلارغىچە يۇيۇڭلار» (سۈرە مائىدە، 6-ئايەت) دېگەن.
(5) تەرتىپكە رىئايە قىلىش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا تاھارەت ئېلىش شەكلىنى ئېنىق
تەرتىپ بىلەن بايان قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئالاھ بايان
قىلغان تەرتىپ بويىچە تاھارەت ئالغان: ئاۋۋال يۈزىنى، ئاندىن قوللىرىنى (جەينىكى
بىلەن قوشۇپ)يۇيغان، ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلغان. ئاندىن، ئىككى پۇتىنى يۇيغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلغان (مۇسلىم 235-ھەدىس) بىلەن باشقا ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلى بىلەن
مۇناسىۋەتلىك نەقىللەردە مۇشۇنداق بايان قىلىنغان.
(6) تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان بىر ئەزانى يەنە بىرىنى يۇيۇپ بولغان ھامانلا
كېچىكتۈرمەستىن ئارقا-ئارقىدىن يۇيۇش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يۇياتتى. شۇنداقلا،
خالىد ئىبنى مەدئان رىۋايەت قىلغان ھەدىسمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئېلىۋاتقان
بىرەيلەننى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن تاھارەت ئېلىشنى بۇيرۇدى.(ئىمام ئەھمەد 3-424؛ ئەبۇ داۋۇد 175؛ ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل›1-127-دە سەھىھ
دېگەن) ئەگەر تاھارەتتە
ئەزالارنى ئارقا-ئارقىدىن يۇيۇش پەرز بولمىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا پەقەتلا
يۇيۇلماي قالغان ئەزانى قايتا يۇيۇشنىلا بۇيرۇپ، تاھارەتىن قايتا ئېلىشنى
بۇيرۇمىغان بولاتتى.
[25] بەشىنجى مەسىلە: تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
تاھارەت ئالغاندا قىلىنىشى
مۇستەھەب ھېسابلىنىدىغان، قىلىنماسلىقى گۇناھ بولمايدىغان بىر تۈركۈم ئەمەللەر بار
بولۇپ، بۇ ئەمەللەر تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى
مۇنۇلاردۇر:
(1) تاھارەت ئېلىشنى
باشلىماقچى بولغاندا «بىسمىللاھ» دېيىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى
تىلغا ئالمىغۇچىغا تاھارەت يوق.»(ئىمام ئەھمەد 2-424؛ ئەبۇ داۋۇد 175؛
ئەلبانى ‹سەھىھ› دېگەن. ئىرۋائۇل غەلىل 1-127)
(2) مىسۋاك ئىشلىتىش.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىمنى
مۇشەققەتكە سېلىپ قويماي دېمىسەم، ئۇلارنى ھەر تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە
بۇيرۇيتتۇم.»(بۇخارى؛ فەتھۇلبارى 4-159)
(3) تاھارەت ئېلىشتىن
ئاۋۋال قوللارنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇشۇنداق قىلغان.
(4) روزىدار بولمىغان
ھالەتتە كىشىنىڭ تاھارەت ئۈچۈن ئاغزى-بۇرنىغا سۇ ئالغاندا سۇنى ئېغىز ۋە بۇرنىنىڭ
ئىچكىرىگىچە سۈمۈرۈشى. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت
ئېلىش شەكلى بايان قىلىنغان ھەدىستە «(پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ئاغزىنى بەلەن چايقاپ، بۇرنىغا ئالغان سۇنىمۇ كۈچەپ
سىرتقا چىقىراتتى» دېيىلگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بۇرنۇڭغا سۇ ئالغاندا –روزىدار بولمىغانلا ھالەتتە- سۇنى
بۇرنىڭغا بەك سۈمۈرت» دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد 142؛ نەسائىي 87؛ ئەلابنى سەھىھ نەسائىي
85-تە ‹سەھىھ› دېگەن)
(5) ئەزالارنى ئۇۋۇلاپ
يۇيۇش؛ ساقىلى قويۇق بولغان كىشى سۇنىڭ ساقىلىنىڭ ئارىسىغا كىرىشى ئۈچۈن ساقىلىنى
ھۆل بارمىقى بىلەن ئارىلاش. چۈنكى، «پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالغاندا بىلەكلىرىنى ياخشى ئۇۋلاپ
يۇياتتى.»(ئىبنى ھىببان 1082؛ بەيھەقى-سۈنەن كۇبرا 1-196؛ ھاكىم 1-243؛ ئىبنى خۇزەيمە
1-62؛ ئىمام ئەھمەد 4-39) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
(تاھارەت ئالغاندا) سۇنى ئېڭىكى ئاستىغا يەتكۈزەتتى ۋە سۇ بىلەن ساقىلىنى
ئارىلايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 145؛ ئەلبانى-ئەلئىرۋائ-92-دە سەھىھ دېگەن)
(6) ئەزالارنى يۇيۇشتا
ئاۋۋال ئوڭدىن باشلاپ يۇيۇش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇشۇنداق قىلاتتى. ئۇ زات ئايىقىنى كىيىش، چاچ تاراش، تاھارەت ئېلىش، جۈملىدىن
پۈتۈن ئىشلىرىنى ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى.(بۇخارى 168؛ مۇسلىم 26)
(7) يۈز، قول ۋە
پۇتلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش. ئەزالارنى بىر قېتىم يۇيۇش پەرز، ئۈچ قېتىم يۇيۇش
مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «(بۇ
ئەزالىرىنى) بىر قېتىمدىن، ئىككى قېتىمدىن، ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالغانلىقى
بايان قىلىنغان.»(بۇخارى 157؛ مۇسلىم 226)
(8) تاھارەتتىن كېيىن
مۇنۇ زىكىرنى ئوقۇش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھەر كىم ئەزالىرىنى ياخشى يۇيۇپ تاھارەت ئالغاندىن
كېيىن ‹ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىيكە لەھۇ، ۋە ئەشھەدۇ
ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ› دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكى
ئېچىلىدۇ، بۇ ئىشىكلەردىن قايسىسىدىن كىرىشنى خالىسا ئۇ ئارقىلىق جەننەتكە
كىرىدۇ.»(مۇسلىم 234)
[26] ئالتىنجى مەسىلە:
تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلار
تۆۋەندىكى ئالتە خىل
ھالەتتە تاھارەت بۇزىلىدۇ:
(1) ئالدى ۋە ئارقىدىن
چىققان نەرسىلەر ـــ يەنى چوڭ تەرەت ۋە كىچىك تەرەت ئورگانلىرىدىن چىققان نەرسىلەر
ـــ تاھارەتنى بۇزىدۇ. بۇ نەرسىلەر سۈيدۈك، نىجاسەت، مەنى، مەزىي، ئىستىھازە قېنى،
ئاز يەل بولسۇن ياكى كۆپ يەل بولسۇن يۇقارقىلارنىڭ ھەر قايسى بىرى تاھارەتنى
بۇزىدۇ (مەنىي بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، مەنىي چىققان كىشى غۇسل قىلمىغۇچە
ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرەلمەيدۇ.) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:«ياكى
سىلەردىن قايسى بىرىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلسە (تاھارەت ئالسۇن)»(سۈرە نىسا،
43-ئايەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «سىلەردىن
ھەر كىمنىڭ تاھارىتى سۇنغان بولسا، قايتا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ ئۇنىڭ نامىزىنى
قوبۇل قىلمايدۇ» ۋە «چوڭ تەرەت، كىچىك
تەرەت ۋە ئۇيقۇ سەۋەبلىك (تاھارىتى بۇزۇلىدۇ»(ئىمام ئەھمەد 4-239؛
نەسائىي 1-83؛ تىرمىزى 96؛ ئەلبانى ئەلئىرۋائ 1-141-دە ھەسەن دېگەن) دېگەن ھەدىسلىرى بۇنى
ئىپادىلەيدۇ.
شۇنداقلا، ئۆزىدىن يەل
كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىدە شۈبھىلەنگەن كىشى ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئاۋازنى ياكى پۇراقنى
سەزمىگۈچە نامىزىدىن ئايرىلمىسۇن» (بۇخارى 137؛ مۇسلىم 361) دېگەن سۆزىمۇ يەل
(ئوسۇرۇق) نىڭ تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
(2) بەدەننىڭ باشقا
يېرىدىن نىجاسەتنىڭ چىقىشى تاھارەتنى بۇزىدۇ. ئەگەر چىققىنى سۈيدۈك ياكى تەرەت
بولسا، بۇ ھال يۇقىردا بايان قىلىنغان دەلىللەر دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن
شەرتسىز ھالدا تاھارەت بۇزۇلىدۇ. ئەگەر، بەدەننىڭ باشقا يېرىدىن چىققان نەرسە قان
ياكى قۇسۇن قاتارلىق نەرسىلەر بولغان تەقدىردە، ئەگەر بۇلارنىڭ مىقدارى كۆپ بولسا
ـــ ئېھتىيات يولىنى تۇتۇش يۈزىسىدىن ـــ تاھارەت ئېلىنىدۇ. ئەگەر مىقدارى ئاز
بولسا ـــ ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، تاھارەت ئېلىش كېرەك
بولمايدۇ.
(3) ھوشسىزلىنىش ياكى
ئۇخلاش سەۋەبلىك ئەقىلنىڭ پەردىلىنىشى تاھارەتنى بۇزىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«چوڭ-كىچىك تەرەت
قىلىش سەۋەبلىك، ياكى ئۇيقۇ سەۋەبلىك (تاھارەت بۇزىلىدۇ).»
«كۆز
مەقئەتنىڭ بوغۇچىدۇر. بۇ سەۋەبلىك، كىم ئۇخلىسا تاھارەت ئالسۇن.»(ئەبۇ داۋۇد 203؛ ئىبنى
ماجە 477؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 1-148-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئەقىلدىن ئادىشىش،
ھوشسىزلىنىش، مەستلىك ۋە بۇنىڭ ئوخشىغان ئەھۋاللار سەۋەبلىك تاھارەت بۇزىلىدۇ.
بۇنىڭدا ئىجمائ بار. تاھارەتنى بۇزىدىغان ئۇيقۇ ئەقىلنى پەردىلەيدىغان ئېغىر
ئۇيقۇدۇر. يېنىك ئۇيقۇ (مۈگدەش) سەۋەبلىك تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى
نامازنى ساقلىغاچ ئولتۇرغان يېرىدە ئۇخلاپ قالاتتى. ئاندىن، تاھارەت ئالماستىن
ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى. (مۇسلىم 376)
(4) ئارىدا ھېچقانداق
توساق بولماستىن ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتۇش تاھارەتنى بۇزىدۇ.
چۈنكى، غۇسرە بىنتى رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئەرلىك ئورگىنىنى
تۇتقۇچى تاھارەت ئالسۇن» (ئەبۇ داۋۇد 181؛ نەسائىي 163؛ تىرمىزى 82؛ ئىبنى ماجە
4479-دە ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن. ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 1-150-تە سەھىھ دېگەن) دېيىشى ئەۋرەتنى
تۇتۇشنىڭ تاھارەتنى سۇندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
بىلەن بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «جىنسىي ئەزاسىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالسۇن»
دېيىلگەن. (ئۇممۇ ھەبىبە ھەدىسىنى ئىبنى ماجە 481-دە نەقىل قىلغان. بۇ ھەدىسنى ئەلبانى
ئەلئىرۋائ 1-151-دە ‹سەھىھ› دېگەن. ئەبۇ ئەييۇب ھەدىسى ھەققىدە ئەلبانى ‹سەنەدىنى
تەكشۈرەلمىدىم› دېگەن. ئەلئىرۋائ 1-151)
[27] يەتتىنجى مەسىلە: (تاھارىتى
يوق كىشىنىڭ) تاھارەت ئېلىشنى پەرز قىلىدىغان ئىشلار
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا
(تاھارىتى يوق بولغان) مۇكەللەفنىڭ تاھارەت ئېلىشى پەرز بولىدۇ:
(1) ناماز ئوقۇماقچى
بولغاندا. چۈنكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئاللاھ
تاھارەتسىز ھالدا ئوقۇلغان نامازنى ۋە غەنىمەتتىن ئوغۇرلانغان مالدىن بېرىلگەن
سەدىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 224؛ تىرمىزى 1)
(2) پەرز ياكى نەپلە
ھالەتتە كەئبىنى تاۋاپ قىلىش. چۈنكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاۋۋال تاھارەت ئالغان، ئاندىن كەئبىنى تاۋاپ
قىلغان.(بۇخارى 1614؛ مۇسلىم 1235) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىمۇ كەئبىنى تاۋاپ
قىلغاندا تاھارەت ئېلىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كەئبىنى تاۋاب قىلىشمۇ ناماز
جۈملىسىدىن. بىراق، ئاللاھ تاۋاپ جەريانىدا گەپ قىلىشنى مۇباھ قىلغان.»(ئىبنى ھىببان 3836؛
ھاكىم 1-459-‹سەنەدى سەھىھ› دېگەن؛ زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان؛ بەيھەقى 5-87؛
ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 121-دە ‹سەھىھ› دېگەن) شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيزدار ئايالنىڭ پاكلانمىغۇچە كەئبىنى تاۋاپ
قىلماسلىقىنى بەلگىلىگەن.(بۇخارى 305؛ مۇسلىم 1211)
(3) قۇرئان بىۋاسىتە
تۇتۇش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا {ئۇنى پەقەت پاك
بولغانلار تۇتىدۇ} دېگەن.(سۈرە ۋاقىئە، 79-ئايەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم «قۇرئاننى پەقەت پاك بولغانلار تۇتىدۇ» دېگەن.(مۇۋەتتائ ئىمام مالىك
1-199؛ داراقۇتنى 1-121؛ بەيھەقى 1-87؛ ھاكىم 1-395؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن؛ ئەلبانى
‹ئەلئىرۋائ› 122-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
[28] سەككىزىنجى مەسىلە: تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب (ئەۋزەل)
ھېسابلىنىدىغان ئەھۋاللار
«فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق فىقھى ئەسىرىدىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە
قىلىپ تارقاتتى
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب ۋە مەندۇبتۇر.
(1) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى زىكىر قىلىش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن
تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب.
(2) ھەر نامازدىن ئاۋۋال (تاھارىتى بار بولغان ئەھۋالدىمۇ يەنە) تاھارەت
ئېلىش مۇستەھەب. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت
ئالاتتى.»(بۇخارى 214)
(3) قايتا جىما قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ياكى ئۇخلىماقچى بولغان كىشىنىڭ
ۋەياكى يەپ-ئىچمەكچى بولغان جۇنۇپ كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىشى مۇستەھەب. چۈنكى،
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار
ئايالى بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، يەنە قايتا بىللە بولماقچى بولسا تاھارەت
ئالسۇن.»(مۇسلىم 308) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) جۇبۇپ ھالەتتە
ئۇخلىماقچى بولسا، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت
ئالاتتى.»(مۇسلىم 305) ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىس مۇنۇ لەۋىزدە كەلگەن:«(رەسۇلۇللاھ) تاماق يېمەكچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا
(تاھارەت ئالاتتى).»(مۇسلىم 306)
(4) غۇسل قىلىشتىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب. چۈنكى، ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن غۇسل قىلماقچى بولسا
ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ تۆكۈپ ئەۋرىتىنى
يۇياتتى. ئاندىن، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.»(مۇسلىم 316)
(5) ئۇخلاشتىن ئاۋۋال
تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب. بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئۇخلاش ئۈچۈن يوتقانغا كىرىشتىن ئاۋۋال نامازغا تاھارەت
ئالغاندەك تاھارەت ئال. ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ يات...»(بۇخارى 247)
Yorumlar
Yorum Gönder