فخقھۇل مۇيەسسەر [92~95] ئىماملىق ۋە جامائەت
[92] تۆتىنجى مەسىلە: ئىمامنىڭ
تۇرىدىغان ئورنى
سۈننەتكە ئاساسەن ئىمام جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. جامائەتنىڭ سانى ئىككى
ياكى ئىككىدىن ئارتۇق بولسا ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن تۇرغىنىدا ئالدىغا ئۆتەتتى،
ساھابىلار ئۇ زاتنىڭ ئارقىسىدا تۇراتتى. مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇدتا مۇنۇ ھەدىس بايان
قىلىنغان:«جابىر ۋە جەببارنىڭ بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ
ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە نامازغا تۇرۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ
قوللىرىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى كەينىدە تۇرغۇزدى.»(مۇسلىم 3010)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ
ئۇلارغا ئىمام بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئىمام بولۇپ ئالدىغا چىقتى، بىز ئۇ
زاتنىڭ ئارقىسىدا تۇردۇق، ئۇ زات بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز قىلدى.»(مۇسلىم
659)
يۇقارقى ئىككىلى ھەدىس ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئىمام بولغۇچىنىڭ
ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر.
ئىمامدىن باشقا بىرلا كىشى بولغان تەقدىردە، ئۇ كىشى ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە
ئىمام بىلەن يانداش تۇرىدۇ. چۈنكى، ئىبنى ئابباس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ سول تەرىپىدە نامازغا تۇرغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئوڭ تەرىپىگە
ئۆتكۈزۈپ قويغان. ئىبنى مەسئۇدنىمۇ شۇنداق قىلغان. (مۇسلىم 3010)
ئىمامنىڭ جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا (يەنى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا) تۇرۇشىمۇ توغرا.
چۈنكى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەلقەمە
بىلەن ئەسۋەد رەھىمەھۇللاھلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى ۋە
«رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى.(ئەبۇ داۋۇد 613،
ئەبۇ داۋۇد سەھىھ دېگەن؛ ئىرۋائۇل غەلىل 2-319) بىراق، ئىمامنىڭ جامائەتنىڭ
ئوتتۇرىسىدا تۇرۇشى زۆرۈرىيەت ھالىتىدە بولىدۇ. ئەڭ پەزىلەتلىكى ئىمامغا ئىقتىدا
قىلغۇچىلارنىڭ ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشىدۇر.
ئاياللارنىڭ سېپى ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ. چۈنكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «مەن ۋە
يېتىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىىسدا سەپ تۈزدۇق، ياشانغان ئايال ئارقىمىزدا تۇردى»
دېيىلگەن.(مۇسلىم 658)
[93] بەشىنجى مەسىلە: ئىمام جامائەتنىڭ ئورنىغا نېمىلەرنى قىلىدۇ
ئاشكارا قىرائەتلىك نامازلاردا ئىمام جامائەتنىڭ ئورنىغا قۇرئان تىلاۋەت
قىلىدۇ. چۈنكى، ئەبۇ ھۇرەيرە بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام پەقەت ئۇنىڭغا
ئەگىلىشى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلدى. (ئىمام) قىرائەت قىلسا قۇلاق سېلىڭلار.»(ئەبۇ داۋۇد 604؛ نەسائىي 1-146؛ ئىبنى ماجە 846؛ ئەھمەد 2-420؛ ئەلبانى ھەسەن
سەھىھ دېگەن) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«كىمگە بىراۋ ئىمام بولسا، ئىمامنىڭ قىرائىتى
ئۇنىڭمۇ قىرائىتى ھېسابلىنىدۇ.»(ئەھمەد 3-339؛ ئىبنى ماجە 850؛
ئەلبانى-‹ئەلئىرۋائ› نىڭ 500-نومۇرلىقىدا ‹ھەسەن› دېگەن)
ئەگەر، مەخپىي قىرائەتلىك ناماز بولسا، ئىمامنىڭ جامائەتنىڭ ئورنىغا فاتىھەنى
ئوقۇش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. (مەخپىي قىرائەتلىك نامازلاردا ئىماممۇ، جامائەتمۇ
ئۆز ئالدىغا قىرائەت قىلىدۇ.)
[94] ئالتىنجى مەسىلە: ئىمامدىن ئاۋۋال ھەرىكەت قىلىش
ئىمامدىن ئاۋۋال ھەرىكەت قىلىش جامائەتكە دۇرۇس ئەمەس. مەسىلەن، ئىقتىدا
قىلىدىغان ئىمامدىن بۇرۇن (ئاللاھۇ ئەكبەر، دەپ) ناماز باشلاش تەكبىرىنى
(ئەرەبچىسى: ‹ئىفتىتاھ› تەكبىرىنى) ئېيتقان كىشى نامازنى باشلىغان ھېسابلانمايدۇ.
چۈنكى، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئىمامدىن كېيىن ئوقۇشى
ئۇنىڭ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىشىدىكى شەرتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىنى قىلغۇچى
بۇ شەرتنى ئورۇندىمىغان بولىدۇ. شۇنداقلا، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان جامائەتنىڭ
ۋەزىپىسى نامازدىكى پېئىللارنى ئىمامدىن كېيىن قىلىشتۇر. تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭ
دەلىلىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام ئۇنىڭغا ئەگىشىلىشى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلدى. شۇڭا، ئىمام
‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دېسە، سىلەرمۇ ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەڭلار. ئۇ رۇكۇ قىلسا سىلەرمۇ
رۇكۇ قىلىڭلار. ئۇ ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دېسە، سىلەر ‹رەببەنا ۋەلەكەل
ھەمدۇ› دەڭلار. ئىمام سەجدە قىلسا، سىلەرمۇ سەجدە قىلىڭلار.»(بۇخارى 389؛ مۇسلىم 411)
ئەگەر، ئىمامغا ئىتقدا قىلغۇچى نامازدىكى ھەرىكەتلەردە ياكى سالام بېرىپ
نامازدىن چىقىشتا ئىمام بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلسا، بۇنداق قىلىش ـ سۈننەتكە زىت
بولغانلىقى ئۈچۈن- مەكرۇھتۇر، ئەمما ئىمام بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىش نامازنى
بۇزمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق كىشى نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدا ئىمام بىلەن تەڭ ھەرىكەت
قىلغان ھېسابلىنىدۇ. (ئەسلى بەلگىلەنگىنى: ئىمام بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىش ئەمەس،
ئىمامغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىدى.) نامازدا ئىمامدىن ئاۋۋال ھەرىكەت قىلىش
ھارام. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن ئاۋۋال رۇكۇغا، سەجدىگە بارماڭلار، مەندىن ئاۋۋال
قىيام ئۈچۈن تۇرماڭلار.»(مۇسلىم 416) بىر مەسىلىدىكى چەكلىمە ئۇ ئىشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ
ئىمامدىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە
بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشى، بېشىنىڭ ئېشەكنىڭ
بېشىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ؟»(بۇخارى 691؛ مۇسلىم
427)
[95] يەتتىنجى مەسىلە: ئىمام بولۇشقا ۋە جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك
مەسىلىلەر
ئىمام بولۇشقا ۋە جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك بەزى ھۆكۈملەر تۆۋەندىكىچە:
(1) بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ئىمامغا يېقىن تۇرۇشى
مۇستەھەب. پەزىلەتلىك، ئەقىل ئىگىسى ۋە تەمكىن كىشىلەر ئىمامغا يېقىن تۇرىدۇ.
چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاراڭلاردا بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىل ئىگىلىرى ماڭا يېقىن
تۇرسۇن. ئاندىن، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىنلەر تۇرسۇن.»(مۇسلىم
432)
بۇنىڭ ھېكىمىتى: بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىمامدىن ئۆگىنىشى،
زۆرۈر بولۇپ قالسا – مەسىلەن، ئىمام قۇرئان ئوقۇغاندا تېنەپ قالسا ئىمامنىڭ ئېسىگە
سېلىش، نامازدا ئىمامنىڭ بېشىغا (تاھارىتى سۇنۇپ كېتىش دېگەندەك) بىرەر ئىش كېلىپ
قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئىماملىققا تەيىنلەش
قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
(2) بىرىنجى سەپتە تۇرۇشقا تىرىشىش. جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىلارنڭ بىرىجى
سەپتە تۇرۇشقا غەيرەت كۆرسىتىپ، ئارقىدا قالماسلىققا تىرىشچانلىق قىلىشى مۇستەھەب.
چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالدىدا تۇرۇپ ماڭا ئەگىشىڭلار. سىلەردىن كېيىن تۇرغانلار
سىلەرگە ئەگەشسۇن. بىر تۈركۈم كىشىلەر كەينىدە تۇرۇشنى داۋام قىلماقتا، ئاقىۋەتتە
ئاللاھمۇ ئۇلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ قويىدۇ.»(مۇسلىم 438)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەگەر كىشىلەر ئەزان توۋلاشنىڭ ۋە بىرىنجى سەپتە تۇرۇشنىڭ
قانداق (بۈيۈك نېئمەت) ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، بۇنى تالىشىش ئۈچۈن چەك
تارتىشتىن باشقا يول تاپالمىسا، چوقۇم ئارىسىدا چەك تاشلىغان بولاتتى.»(مۇسلىم
437)
ئاياللارنىڭ ئارقا سەپتە تۇرۇشى مۇستەھەب. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ
ياخشىسى ئالدىنقى سەپتۇر، يامىنى ئاخىرقى سەپتۇر. ئاياللارنىڭ سېپىنىڭ ياخشىسى
ئاخىرقى سەپتۇر، يامىنى ئالدىنقى سەپتۇر.»(مۇسلىم 440)
(3) سەپلەرنى تۈز قىلىش ۋە سەپتە زىچ تۇرۇپ، بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئاۋۋالقنى
سەپلەرنى تولۇقلاش: ئىمامنىڭ سەپلەرنى تۈز قىلىش، بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش
قاتارلىقلارنى ناماز باشلاشتىن ئىلگىرى تەۋسىيە قىلىشى مۇستەھەب. چۈنكى،
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان، «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى، سەپلەرنىڭ تۈز بولۇشى
نامازنىڭ ئادا تېپىشىدۇر.»(مۇسلىم 433)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ناماز ئۈچۈن قامەت ئوقۇلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم بىزگە يۈزلىنىپ «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرنى
ئارقامدىن كۆرۈپ تۇرىمەن» دېدى. (بۇخارى 719)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يەنە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«بىزدىن بىرىمىزنىڭ مۈرىسىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ مۈرىسىگە،
پۇتىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ پۇتىغا چاپلاپ تۇراتتى.»(بۇخارى 725)
ئاۋۋال بىرىنجى سەپنى، ئاندىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەپلەرنى تەرتىپ بويىچە
تولدۇرۇش مۇستەھەب. ئەگەر بىر سەپ كام قالىدىغان ئىش بولسا، ئۇ سەپنىڭ ئاخىرقىسى
كام قالغاي. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم «نېمىشقا پەرىشتىلەرنىڭ رەببى ھوزۇرىدا سەپ تۈزگىنىدەك سەپ
تۈزمەيسىلەر؟» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! پەرىشتىلەر
پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا قانداق سەپ تۈزىدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ «باشتىكى
سەپلەرنى تولۇقلايدۇ ۋە سەپتە زىچ چاپلىشىپ تۇرىدۇ» دېدى.(مۇسلىم 430)
(4) سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇش توغرا ئەمەس. چۈنكى،
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ نامىزى يوق.»(ئەھمەد 4-23؛ ئىبنى ماجە 1003؛ ئىمام ئەھمەد ھەسەن دېگەن؛ بۇسىرى ‹زاۋائىدۇ
ئىبنى ماجە› دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 822-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
رەسۇلۇللاھ سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغان
بىرەيلەننى كۆرۈپ، ئۇنى نامىزىنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇدى. (ئەھمەد 4-228؛ ئەبۇ داۋۇد 682؛ تىرمىز 230 دا ‹ھەسەن›
دېگەن؛ ئىبنى ماجە 1004؛ ئەھمەد شاكىر ‹تىرمىزى ھاشىيەلىرى› دە 1-448-450 تە
‹سەھىھ› دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇت تىرمىزى› 191-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
Yorumlar
Yorum Gönder