فىقھۇل مۇيەسسەر: تاھارەتنىڭ ۋە سۇلارنىڭ ھۆكمى
بىرىنجى
باب: تاھارەتنىڭ ۋە سۇلارنىڭ ھۆكمى
[1] بىرىنجى
مەسىلە: تاھارەتنىڭ مەنىسى، بايانى، ئەھمىيىتى ۋە تۈرلىرى
(1) تاھارەتنىڭ
ئەھمىيىتى ۋە تۈرلىرى
تاھارەت ـــ
نامازنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئۇ نامازنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى ھېسابلىنىدۇ. شەرت شەرتنى كېرەك
قىلغان ئىشتىن ئاۋۋال قىلىنىشى كېرەك بولغان مەجبۇرىيەتتۇر.
تاھارەت
ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنجى:
مەنىۋىي تاھارەت (مەنىۋىي پاكلىق) بولۇپ، مەنىۋىي تاھارەت ـــ قەلبنىڭ شېرىكتىن، ئاللاھ
ۋەر رەسۇلىغا ئىتائەتسىزلىك سانىلىدىغان ھەر قانداق ئىشتىن ۋە قەلبنىڭ قارىيىپ،
قاساۋەتلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىشلاردىن پاكىزلىنىشنى
كۆرسىتىدۇ. مەنىۋىي پاكلىق بەدەننىڭ پاكلىقىدىن مۇھىم. چۈنكى، شىرك نىجاسەتلىرى
بولغان يەردە بەدەن پاكلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىمكانسىزدۇر. چۈنكى، ئاللاھ مۇنداق
دەيدۇ:{إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ}«ھەقىقەتەن،
مۇشرىكلار نىجىس (مەينەت) تۇر.»(تەۋبە سۈرىسى 28-ئايەت)
ئىككىنجى:
ماددىي تاھارەت (ماددىي پاكلىق). نۆۋەتتە، ماددىي تاھارەت ھەققىدە توختىلىمىز.
(2) تاھارەتنىڭ
مەنىسى
«تاھارەت»
سۆزى لۇغەتتە «پاكىزلىق» ۋە «مەينەتچىلىكتىن ئۇزاق تۇرۇش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
تاھارەتنىڭ
ئىستىلاھتىكى مەنىسى «ناپاكلىقنىڭ \ مەينەتچىلىكنىڭ يوق قىلىنىشى» دىن ئىبارەت.
ناپاكلىقنىڭ
يوق قىلىنىشىدىن مەقسەد: ئەگەر ئۇ چوڭ ناپاكلىق (الحدث أكبر) بولسا، (چوڭ
ناپاكلىق) ناماز ئوقۇشقا توسالغا بولغان سەۋەبنىڭ بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى سۇ بىلەن
يۇيۇش ئارقىلىق يوق قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ كىچىك ناپاكلىق (حدثاً أصغر) بولسا، (كىچىك
ناپاكلىق) نىيەت قىلغان ھالەتتە سۇنىڭ تاھارەت ئالغاندا يۇيۇشقا تېگىشلىك
ئورگانلارنى يۇيۇش (كىچىك ناپاكلىقنىڭ يوق بولۇشىغا) كۇپايە بولىدۇ.
ئەگەر كىشى
(چوڭ ياكى كىچىك ناپاكلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن) سۇ تاپالمايدىغان ياكى (كېسەللىك، سۇ
زىيان قىلىش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن) سۇ ئىشلىتەلمەيدىغان بولسا، ئۇ ھالدا
(ناپاكلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ) ئورنىنى باسىدىغان (پاك) تۇپراقنى قوللىنىدۇ. ئاللاھ
نېسىپ قىلسا، تەيەممۇم بابىدا بۇ ھەقتە توختىلىمىز. ناپاكلىقنىڭ يوق قىلىنىشىدىكى
مەقسەد بەدەن، كىيىم ياكى يەرنى مەينەتچىلىكتىن تازىلاشتۇر.
ماددىي
پاكىزلىق ھەر خىل بولىدۇ. ناپاكلىقتىن پاكلىنىش ـــ بەدەنگە خاس ناپاكلىقتىن پاكلىنىشنى
كۆرستىدۇ. نىجاسەتتىن پاكلىنىش بولسا ھەم بەدەن، ھەم كىيىم ھەم يەردىكى
مەينەتچىلىكنى يوق قىلىشتۇر.
ناپاكلىق
ـــ تاھارەت ئېلىشنى كېرەك قىلىدىغان كىچىك ناپاكلىق بىلەن، غۇسل قىلىشنى كېرەك
قىلىدىغان چوڭ ناپاكلىقتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.
نىجاسەت ئۈچ
تۈرلۈك بولىدۇ: ئۇلار يۇيۇلۇشى كېرەك بولغان نىجاسەت، ئۈستىگە سۇ سېپىلىشى كېرەك
بولغان نىجاسەت ۋە مەسھ قىلىنىش كېرەك بولغان نىجاسەتتىن ئىبارەت.
[2] ئىككىنجى
مەسىلە: تاھارەتلىكلىكنى روياپقا چىقىرىدىغان سۇ
پاكلىنىشنىڭ
ـــ پاكىزلايدىغان ۋە مەينەتچىلىكنى كەتكۈزىدىغان بىر نەرسىگە ئېھتىياجى بولىدۇ.
ئۇ نەرسە سۇدۇر. پاكلىنىشنى روياپقا چىقىرىدىغان سۇ پاك سۇ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۆزى
پاك بولغان، باشقا نەرسىلەرنى پاكىزلىيالايدىغان سۇدۇر. بۇ خىلدىكى پاك سۇ
يارىتىلغان شەكىلنى ساقلىغان، يەنى يارىتىلغان سۈپەتلەرگە ئىگە سۇدۇر. بۇ مەيلى
يامغۇر، قار ۋە تۇلا (مۆلدۈر) قاتارلىق ئاسماندىن چۈشكەن سۇلار بولسۇن، مەيلى
ئۆستەڭ، بۇلاق، قۇدۇق، دېڭىزلارنىڭ سۈيى قاتارلىق يەردە ئاقىدىغان سۇ بولسۇن،
(ئىككىلا خىل سۇ) پاك سۇ ھۆكمىدە.
چۈنكى، ئاللاھ
ئەززە ۋە جەللەنىڭ {وَيُنَزِّلُ عَلَيْكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً لِيُطَهِّرَكُمْ بِهِ}«سىلەرنى
پاكلاش ئۈچۈن ئۈستۈڭلارغا ئاسماندىن سۇ چۈشۈرگەن...»(ئەنفال
سۈرىسى، 11-ئايەت)، {وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً طَهُورًا}«ئاسماندىن
پاك سۇ چۈشۈردۇق» (فۇرقان سۈرىسى، 48-ئايەت) دېيىشى بىلەن
يۇقارقى مەقسەد ئايدىڭ بولماقتا.
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (اللهم اغسلني من خطاياي بالماء والثلج والبرد)«ئى ئاللاھ،
مېنى گۇناھلىرىمدىن سۇ، قار ۋە مۆلدۈر ئارقىلىق يۇيۇپ پاكلىغىن» (بۇخارى
744؛ مۇسلىم 598) دېگەن سۆزى
بىلەن، دېڭىز سۈيى توغرۇلۇق (هو
الطهور ماؤه، الحِلُّ ميتته) «ئۇنىڭ سۈيى
پاكتۇر، ئۇنىڭدا ئۆلگەن (سۇ ھايۋانلىرى) ھالالدۇر» (ئەبۇ داۋۇد 83؛
تىرمىزى 69؛ نەسائى 59؛ ئىبنى ماجە 3246؛ تىرمىزى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن؛ ئەلبانى
‹سەھىھ سۇنەن نەسائى› 58-دە ‹سەھىھ› دېگەن) دېگەن
سۆزىمۇ تىلغا ئېلىنغان سۇلارنىڭ پاكلىقىغا دالالەتتۇر.
سىركە-ئاچچىقسۇ،
بېنزىن، مېۋە سۈيى، لىمون ۋە مۇشۇلارغا ئوخشىغان سۇيۇقلۇقلار بىلەن پاكلىنىش
ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ (يەنى بۇنداق سۇيۇقلۇقلاردا تاھارەت ئېلىش دۇرۇس ئەمەس). چۈنكى،
ئاللاھ قۇرئاندا {فَلَمْ
تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا}«سۇ
تاپالمىساڭلار پاكىز تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىڭلار» (مائىدە سۈرىسى،
6-ئايەت) دېگەن. ئەگەر تاھارەت سۇدىن باشقا بىر سۇيۇقلۇق بىلەنمۇ ۋۇجۇدقا
چىقىدىغان بولسا، سۇ تاپالمىغان كىشىنىڭ تۇپراق (توپا) بىلەن تەيەممۇم قىلىشى
بۇيرۇلماستىن، باشقا خىل سۇيۇقلۇقلارنى سۇنىڭ ئورنىدا قوللىنىپ تاھارەت ئېلىش
بۇيرۇلغان بولاتتى.
[3] ئۈچىنجى
مەسىلە: سۇغا نىجاسەت ئارىلىشىپ قالسا
سۇغا
نىجاسەت ئارىلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك سۇنىڭ پۇرىقى، تەمى ياكى رەڭگىدىن ئىبارەت ئۈچ
خۇسۇسىيىتىن قايسى بىرى ئۆزگۈرەپ كەتكەن بولسا، بۇنداق سۇ پۈتكۈل ئالىملارنىڭ
بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن پاسكىنا سۇ ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق سۇنى ئىشلىتىش دۇرۇس
بولمايدۇ. بۇنداق سۇ مەينەتچىلىكنى يوق قىلالمايدۇ؛ مەيلى ئاز، مەيلى كۆپ
مىقداردىكى نىجاسەتنىمۇ يوقىتالمايدۇ. ئەگەر سۇغا نىجاسەت ئارىلىشىپ قالغان
بولسىمۇ، نىجاسەت سۇنىڭ پۇرىقى، تەمى ياكى رەڭگىدىن
ھېچبىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن بولسا، شۇنداقلا سۇنىڭ مىقدارى كۆپ بولغان تەقدىردە
پاسكىنا بولغان ھېسابلانمايدۇ؛ بۇنداق سۇدا تاھارەت ئېلىش دۇرۇس بولىدۇ؛ ئەگەر
نىجاسەت ئارىلىشىپ قالغان سۇنىڭ ئۈچ خۇسۇسىيىتىدىن ھېچبىرى ئۆزگەرمىگەن
تەقدىردىمۇ، سۇنىڭ مىقدارى ئاز بولسا، بۇنداق سۇدا تاھارەت ئېلىش دۇرۇس بولمايدۇ.
كۆپ مىقداردىكى سۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى (قُلتين) ئىككى قۇللە
قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن ئاز بولغان سۇنى ئاز مىقداردىكى سۇ دەيمىز.
ئىككى قۇللەت سۇغا
نىجاسەت چۈشۈپ، ئۇ سۇنىڭ تەمى، پۇرىقى ياكى رەڭگىدىن ھېچقايسى بىرى ئۆزگەرمىگەن
بولسا، بۇنداق سۇنىڭ پاك سۇ ھۆكمىدە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئەبۇ سەئىد خۇدرى
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن: «إن الماء
طهور لا ينجسه شيء»«شۈبھىسىزكى، سۇ پاكتۇر. ھېچنەرسە ئۇنى نىجىس قىلالمايدۇ.»(مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 3\15؛ ئەبۇ داۋۇد 61؛
نەسائى 277؛ تىرمىزى 66؛ تىرمىزى ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل› ناملىق
ئەسىرى 1\45 تە ‹سەھىھ› دېگەن) بۇنىڭغا باشقا دەلىل شۇكى: ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(إذا بلغ الماء قلتين لم يحمل الخبث)«سۇنىڭ مىقدارى
ئىككى قۇللە بولسا، پاسكىنا بولمايدۇ.»(مۇسنەد
ئەھمەد 2\27؛ ئەبۇ داۋۇد 64؛ تىرمىزى 67؛ نەسائى 52؛ ئىبنى ماجە 517؛ ئەلبانى
‹ئىرۋائۇل غەلىل› دە ‹سەھىھ› دېگەن)
[4] تۆتىنجى
مەسىلە: سۇغا پاكىز نەرسە ئارىلاشىپ قالسا
غازاڭ-يوپۇرماق، سوپۇن (الصابون)، (الأُشْنَان)، سىدىر ۋە باشقا پاك ماددىلار
سۇغا ئارىلاشقان بولسا، ۋە سۇغا ئارىلاشقان بۇ پاك ماددىلارنىڭ مىقدارى سۇدىن كۆپ
بولمىسا، توغرا كۆز قاراشقا ئاساسەن، بۇنداق سۇ پاك سۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق سۇ
ئارقىلىق مەينەتچىلىك ۋە نىجاسەتتىن پاكلىنىش دۇرۇس. چۈنكى، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە
قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ
أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا
مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ}
[النساء: 43]«ئەگەر كېسەل
(يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار،
ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار،
(مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا،
قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار.»(سۈرە نىسا 43-ئايەت) بۇ ئايەتتىكى «سۇ» لەۋزى نەفىيدىن كېيىن كەلگەن ئېنىقسىز ئىسىمدۇر. بۇ ۋەجىدىن
ئايەتتىكى تاھارەت ئېلىشنى بۇيرۇغان سۇ ھەر تۈرلۈك سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پاك
نەرسىلەر ئارىلاشقان سۇ بىلەن ئارىلاشمىغان سۇ ئارىسىدا پەرق يوق.
شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات
بولغان قىزىنى يۇيۇپ كېپەنلىمەكچى بولغان ئاياللارغا (اغسلنها ثلاثاً أو خمساً، أو أكثر من ذلك إن
رأيتن، بماء وسدر، واجعلن في الآخرة كافوراً، أو شيئاً من كافور)«ئۇنى ئۈچ
قېتىم، ياكى بەش قېتىم ياكى ئۇيغۇن كۆرسەڭلار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قېتىم سىدىر
ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇيۇڭلار. ئاخىرقى قېتىملىق يۇيۇشتا كافۇر، كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان نەرسە قوللىنىڭلار» دېگەن.(بۇخارى 1253؛
مۇسلىم 939)
[5] بەشىنجى مەسىلە: تاھارەت (ۋە غۇسل) ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۇنىڭ ھۆكمى
تاھارەت ئالغان ۋە غۇسل قىلغان كىشىنىڭ ئەزالىرىدىن ئايرىلغان سۇ قاتارلىق
تاھارەت ئۈچۈن قوللىنىلغان سۇ ـــ سەھىھ قاراشقا ئاساسەن ـــ ھەم پاك، ھەم
باشقىسىنى پاكلىغۇچىدۇر. بۇ خىل سۇنىڭ پۇرىقى، تەمى ۋە رەڭگىدىن ئىبارەت ئۈچ
خۇسۇسىيىتىنىڭ قايسى بىرى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، بۇنداق سۇ بىلەن پاسكىنىچىلىق ۋە
نىجاسەت يوق قىلىنىدۇ.
بۇنداق سۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى مۇنۇ ھەدىستۇر: (أن النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ
كان إذا توضأ كادوا يقتتلون على وضوئه)«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالغاندا ساھابىلەر ئۇ زاتنىڭ تاھارەت
سۈيىنى تالىشىپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشقۇدەك ھالغا كېلەتتى.»(بۇخارى 189) شۇنداقلا، (ولأنه صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ صبَّ
على جابر من وضوئه إذ كان مريضاً.)پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاغرىپ قالغان جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆزىنىڭ
تاھارەت سۈيىنى تۆككەن.(بۇخارى 5651؛ مۇسلىم 1616) ئەگەر تاھارەت ئۈچۈن
ئىشلىتىلگەن سۇ ناپاك بولغان بولسا، بۇنداق قىلىش دۇرۇس بولمىغان بولاتتى. چۈنكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ساھابىلىرى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى چوڭ
داسلاردىن، كۈپلەردە تاھارەت ئالاتتى ۋە بۇ ئەسۋالاردىن ئالغان سۇ بىلەن غۇسل قىلاتتى. بۇنداق ئەسۋابلاردىكى سۇغا
تاھارەت مەقسىدى بىلەن ئىشلەتكەن سۇدىن بىر نەرسىنىڭ چاچراپ كەتمەسلىكىدىن
ساقلانغىلى بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
جۇنۇب بولۇپ قالغان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا (إن المؤمن لا ينجس)«شۈبھىسىزكى،
مۇئمىن نىجىس بولمايدۇ» دېگەن.(مۇسلىم 371) ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، سۇغا (تەننىڭ) تېگىشىشى بىلەنمۇ سۇ پاكلىق ھالىتىنى
يوقاتمايدۇ.
[6] ئالتىنجى مەسىلە: ئىنسانلاردىن ۋە گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلاردىن ئاشقان
سۇ
ئېشىپ قالغان سۇ (السُّؤر) ـــ بىرەر جانلىقنىڭ بىر ئەسۋابتىن ئىچكەندىن كېيىن، ئۇ ئەسۋابتا ئېشىپ
قالغان سۇنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان پاكتۇر، ئۇنىڭدىن ئاشقان سۇمۇ پاكتۇر. مەيلى
مۇسۇلماندىن، مەيلى كاپىردىن ئاشقان بولسۇن بەرىبىر ئوخشاش.( فالآدمي
طاهر، وسؤره طاهر، سواء كان مسلماً أو كافراً.) جۇنۇب كىشىدىن ۋە ھەيزدار ئايالدىن ئاشقان سۇمۇ ئوخشاشلا پاك ھېسابلىنىدۇ.
چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (إن المؤمن لا ينجس)«شۈبھىسىزكى،
مۇئمىن نىجىس بولمايدۇ» دېگەن.(مۇسلىم 371) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەلگەن رىۋايەتتە: (أنها كانت تشرب من الإناء وهي حائض، فيأخذه
رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فيضع فاه على موضع فيها.) ئائىشە ئانىمىز ھەيزدار ھالەتتە بىر چېنىدىن
سۇ ئىچەتتى، رەسۇلۇللاھمۇ شۇ چېنىنى ئېلىپ ئاغزىنى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاغزى تەگكەن
يەرگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ سۇ ئىچەتتى. (مۇسلىم 300)
ئالىملار گۆشى يېيىلىدىغان تۆت تۇياقلىق ھايۋانلاردىن ۋە گۆشى يېيىلىدىغان
باشقا ھايۋانلارندىن ئېشىپ قالغان سۇنىڭ پاكلىقى توغرۇلۇق ئىجمائقا كەلگەن.
يىرتقۇچى ھايۋانلار، ئېشەكلەر ۋە باشقا خىلدىكى گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلاردىن
ئاشقان سۇغا كەلسەك، توغرىسى سۇ كۆپ بولغان ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىپ ئاشۇرۇپ
قويغىنىنىڭ پاك بولىدىغانلىقى، سۇغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىدۇر.
بىراق، سۇ ئاز بولۇپ ھايۋانلارنىڭ بۇ سۇدىن ئىچىشى بىلەن (سۇنىڭ ئۈچ
خۇسۇسىيىتىدىن بىرەرسىدە) ئۆزگۈرۈش يۈز بەرسە، بۇنداق سۇ ناپاك سۇ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ دەلىلى ئىلگىرى بايان قىلىنغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىس مۇنداق ئىپادىدە
كەلگەن: (أنه
صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ سُئل عن الماء، وما ينوبه من الدواب والسباع،
فقال: «إذا بلغ الماء قلتين لم يحمل الخبث»)پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن
يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ (لسباع) سۇدىن ئىچىشى توغرىسىدا سورالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۇ ئىككى قۇللەگە يەتسە نىجىس بولمايدۇ» دېدى. (مۇسنەد
ئەھمەد 2\27؛ ئەبۇ داۋۇد 64؛ تىرمىزى 67؛ نەسائى 52؛ ئىبنى ماجە 517؛ ئەلبانى
‹ئىرۋائۇل غەلىل› دە ‹سەھىھ› دېگەن) شۇنداقلا، ئۇ زاتتىن چېلەكتىن
سۇ ئىچكەن مۈشۈك توغرىسىدا سورالغاندا مۇنداق دېدى: (وقوله
صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ في الهرة وقد شربت من الإناء: «إنها ليست بنجس،
إنما هي من الطوافين عليكم والطوافات»)«مۈشۈك
نىجىس ئەمەس. مۈشۈك دائىم يېنىڭلارغا كىرىپ چىقىدۇ.»(مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 5-296؛ ئەبۇ داۋۇد 75؛ تىرمىزى 92؛
تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن. ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل› دە ‹سەھىھ›
دېگەن)
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەتتە مۈشۈكنىڭ سۈيىمىزنى ئىچىۋېلىشىدىن ساقلىنىش تولىمۇ
مۈشكۈل. ئەگەر بىز مۈشۈكتىن ئاشقان سۇ نىجىس دەپ، شۇ سۇ قاچىلانغان ئەسۋابنىڭ
يۇيۇلۇشى كېرەكلىكىنى قوبۇل قىلساق، شۈبھىسىزكى بۇ ھال بىزگە مۇشەققەت ئېلىپ
كېلىدۇ. ھالبۇكى، مۇشەققەت بۇ ئۈممەتتىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن.
ئىتتىن ۋە چوشقىدىن ئاشقان سۇ نىجىستۇر.
ئىتتىن ئاشقان سۇنىڭ نىجىسلىقىغا كەلسەك: ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (طهور إناء أحدكم إذا وَلَغَ فيه الكلب، أن
يغسله سبع مرات، أولاهن بالتراب)«بىرىڭلارنىڭ
قاچىسىنى ئىت يالاپ قويسا، ئۇ قاچىنى تۇنجى قېتىم تۇپراقتا پاكلىغاندىن كېيىن
يەتتە قېتىم سۇ بىلەن يۇيسۇن.»(بۇخارى 172؛ مۇسلىم
279؛ لەۋزى مۇسلىمغا ئائىت)
چوشقىدىن ئاشقان سۇنىڭ
نىجىس بولۇشى، چوشقىنىڭ نىجىس ۋە مەينەت بولۇشى سەۋەبىدىندۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ
ۋەتەئەلا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {فَإِنَّهُ رِجْسٌ} [الأنعام: 145]«ھەقىقەتەن چوشقا نىجىستۇر.»(سۈرە ئەنئام 145)
Yorumlar
Yorum Gönder