فىقھۇل مۇيەسسەر: ھاجەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەدەبلىرى

ئۈچىنجى باب: ھاجەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەدەبلىرى

[11] بىرىنجى مەسىلە: ئىستىنجا (سۇ بىلەن پاكلىنىش)، ئىستىجمار (قەغەز قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن سۈرتۈش ئارقىلىق پاكلىنىش) ۋە بىرەيلەننىڭ يەنە بىرەيلەننىڭ ئەۋرىتىنى تۇتۇشى
ئىستىنجا ـــ ئالدى ۋە ئارقا يولدىن چىققان نەرسىلەرنى سۇ بىلەن تازىلاشتۇر. ئىستىجمار ـــ تاش ۋە باشقىسى قاتارلىق پاكلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان مۇباھ ۋە پاكىز بىر نەرسە بىلەن ئالدى، ئارقا يولدىن چىققانلارنى سۈرتۈپ تازىلاشتۇر. ئىستىنجا ياكى ئىستىجمار بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. چۈنكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سابىت بولغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «كان النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يدخل الخلاء، فأحمل أنا وغلام نحوي إداوة من ماء وعنزة، فيستنجي بالماء»«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىغا كىرىدىغاندا ـــ مەن كىچىك بالا ھالىتىمدە ـــ بىر تۇلۇم سۇ بىلەن كىچىك بىر تاياق ئېلىۋالاتتىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلاتتى.»(مۇسلىم 271) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«سىلەردىن كىمكى تەرەت قىلسا ئۈچ تاش بىلەن پاكلانسۇن، چۈنكى بۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدۇ.»(مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 6-108؛ داراقۇتنى 144؛ داراقۇتنى ‹سەنەدە سەھىھ› دېگەن) ئىستىجماردىن كېيىن ئىستىنجا قىلىش تېخىمۇ ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ.
ئىستىجمارنى تاش بىلەن ياكى مۇباھ، پاكىز ۋە پاكلىغۇچى ھېسابلىنىدىغان، تاش-چالمىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ھەر قانداق نەرسە بىلەن قىلىشقا بولىدۇ. ھاجەت قەغىزى، ياغاچ پاچىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغا نەرسىلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاش بىلەن ئىستىجمار قىلاتتى. پاكلاش خۇسۇسىيىتىدە شاتقا ئوخشاش بولغان نەرسىلەرمۇ تاشنىڭ ھۆكمىدە. ئىستىجمار قىلغاندا ئۈچ قېتىمدىن كام سۈرتۈش يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇ ھەقتە سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىس بايان قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزنى ئوڭ قول بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ئۈچتىن ئاز تاش بىلەن پاكلىنىشتىن، ھايۋانات تېزىكى ياكى سۆڭەك بىلەن پاكلىنىشتىن چەكلىدى.»(مۇسلىم 262)

[12] ئىككىنجى مەسىلە: ھاجەت قىلغاندا قىبلىگە ئالدىنى ياكى كەينىنى قىلىش
قىبلە بىلەن كىشىنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق توسۇق بولمىغان يەردە ھاجەت قىلغاندا ئالدىنىمۇ، ئارقىسىنىمۇ قىبلىگە قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ھاجەت قىلىش ئۈچۈن بارغاندا ئالدىڭلارنىمۇ، ئارقاڭلارنىمۇ قىبلىگە قاراتماڭلار. بەلكى، شەرق ياكى غەرب تەرەپكە يۈزلىنىڭلار.» ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: كېيىن شامغا كەلدۇق، ئۇ يەردە كەئبە يۆنىلىشىدىكى ھاجەتخانىلارنى كۆردۇق. ئۇنىڭدا ھاجەت قىلدۇق ۋە ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىدۇق. (بۇخارى 144؛ مۇسلىم 264)
ئەگەر كىشى تام بىلەن توسۇلغان يەر ئىچىدە ياكى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بار ھالەتتە (قىبلىگە ئالدى ياكى ئارقىسىنى قىلىپ) ھاجەت قىلسا، بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق. چۈنكى، ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن ھەدىستە، ئۇ زات پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئۆيىنىڭ ئىچىدە يۈزىنى شام تەرەپكە، ئارقىسىنى كەئبە تەرەپكە قىلىپ كىچىك تەرەت قىلغان ھالەتتە كۆرگەن.(بۇخارى 148؛ مۇسلىم 266) مەرۋان ئەلئەسغەرنىڭ ھەدىسىمۇ بۇنى قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۇمەر تۆگىسىنى قىبلە تەرەپكە چۆكتۈردى ۋە ئالدىنى تۆگىسىگە قارىتىپ، ئولتۇرغان ھالەتتە كىچىك تەرەت قىلدى. مەن «ئى ئابدۇرراھماننىڭ دادىسى! بۇ ئىش چەكلەنمىگەنمىدى؟» دېدىم. ئىبنى ئۇمەر «شۇنداق، قىبلە بىلەن سېنىڭ ئاراڭ ئوچۇق ھالەتتە تەرەت قىلىشىڭ چەكلەنگەن. بىراق، سەن بىلەن قىبلە ئارىسىدا سۈترە بولىدىغان بىر نەرسە بولسا، شۇ ھالەتتە تەرەت قىلىشىڭدا ھېچ گەپ يوق.»(ئەبۇ داۋۇد 11؛ داراقۇتنى 158؛ ھاكىم 1-154؛ داراقۇتنى ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ زەھەبى ھاكىمغا قوشۇلغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر، ئەلخازىمى ۋە ئەلبانىمۇ ‹ھەسەن› دېگەن. ئىرۋائۇل غەلىل 61-ھەدىسكە بېرىلگەن باھاغا قاراڭ) ئەڭ ئەۋزەل بولغىنى، تام توسۇقلارنىڭ ئىچىدە بولغان تەقدىردىمۇ قىبلىگە ئالدىنى ياكى ئارقىسىنى قىلىشتىن ساقلىنىشتۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.

[13] ئۈچىنچى مەسىلە: ھاجەتخانىغا كىرگەن كىشىنىڭ قىلىشى سۈننەت ھسابلانغان ئىشلار
كىشىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرگەندە «بسم الله اللهم إني أعوذ بك من الخبث والخبائث»(ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن؛ ئى ئاللاھ، كۆرىدىغان ۋە كۆرمەيدىغان نىجاسەتلەردىن ساڭا سېغىنىمەن) دېيىشى؛ ھاجىتىنى تۈگىتىپ چىققاندا «غفرانك» (سەندىن مەغفىرەت تىلەيمەن) دېيىشى؛ كىرگەندە ئاۋۋال سول پۇت بىلەن كىرىپ، چىققاندا ئاۋۋال سول پۇت بىلەن چىقىشى؛ ئەۋرىتىنى يەرگە يېقىنلاشقاندا ئېچىشى سۈننەت.
ئەگەر ئەتراپى ئوچۇق بولغان جايدا ھاجەت قىلىشقا توغرا كەلسە، باشقىلارغا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن ئۇزاققا بېرىشى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە بەدىنىنىڭ ئوچۇق يەرلىرىنى يېپىشقا تىرىشىشى مۇستەھەب.
يۇقارقىلارنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:
جابىر رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىر سەپەرگە چىققان ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يىراقلاشمىغۇچە ھاجەت قىلىش ئۈچۈن ئولتۇرمايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 2؛ ئىبنى ماجە 355؛ لەۋزى ئىبنى ماجەنىڭ؛ ئىسنادى سەھىھ؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 1-160)
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشى ھاجەتخانىغا كىرگىنىدە ئادەم بالىسىنىڭ ئەۋرىتىنى جىنلاردىن توسۇپ تۇرىدىغان پەردە كىشىنىڭ ‹بىسمىللاھ› دېيىشىدۇر.»(ئىبنى ماجە 297؛ تىرمىزى 606؛ ئەھمەد شاكىر تىرمىزى ھاشىيەسىدە ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇل جامىئۇسسەغىر› 3611 دە ‹سەھىھ› دېگەن)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولسا «بسم الله اللهم إني أعوذ بك من الخبث والخبائث» (ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن؛ ئى ئاللاھ، كۆرىدىغان ۋە كۆرمەيدىغان نىجاسەتلەردىن ساڭا سېغىنىمەن) دەيتتى. (بۇخارى 142؛ مۇسلىم 375)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىدىن چىققاندا ‹«غفرانك» (سەندىن مەغفىرەت تىلەيمەن)› دەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 17؛ تىرمىزى 7؛ تىرمىزى ‹ھەسەن غەرىب› دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4707-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەت قىلماقچى بولسا، يەرگە يېقىنلاشمىغۇچە كىيىمىنى كۆتۈرمەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 14؛ تىرمىزى 14؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4652-دە ‹سەھىھ› دېگەن)

[14] تۆتىنجى مەسىلە: ھاجەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ قىلىشى ھارام ھېسابلىنىدىغان ئىشلار (المسألة الرابعة: ما يحرم فعله على من أراد قضاء الحاجة)
تۇرغۇن سۇغا سىيىش. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۇرغۇن سۇغا سىيىشنى چەكلىگەن. (مۇسلىم 281؛ بۇنىڭغا يېقىن ئىپادە-بۇخارى 239)
كىچىك تەرەت قىلغاندا ئەرلىك ئورگىنىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇش ۋە ئوڭ قولى بىلەن پاكلىنىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار كىچىك تەرەت قىلسا ئوڭ قولى بىلەن ئەۋرىتىنى تۇتمىسۇن، ئوڭ قولى بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن.» (بۇخارى 154؛ مۇسلىم 267؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى بۇخارىنىڭ)
شۇنداقلا يولغا، سايە چۈشىدىغان (كىىشلەر سايىدايدىغان) جايلارغا، ئاۋامغا ئائىت باغچىلارغا، مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئاستىغا ۋە ياكى كىشىلەر پايدىلىنىدىغان سۇنىڭ بويىغا چوڭ كىچىك تەرەت قىلىش ھارام. چۈنكى، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«لەنەتكە قالىدىغان ئۈچ ئىشتىن يىراق تۇرۇڭلار: (ئۇلار) (كىشىلەر پايدىلىنىدىغان) سۇنىڭ بويىغا، يولغا ۋە سايىگە تەرەت قىلىشتۇر.»(ئەبۇ داۋۇد 26؛ ئىبنى ماجە 328؛ سەنەدى ھەسەن؛ ئەلبانى: ئىرۋائۇل غەلىل 1-100)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «لەنەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىككى ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! لەنەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىككى ئىش قايسى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىشىلەر كېتىپ كېلىپ تۇرىدىغان يولغا ياكى ئۇلار سايىدايدىغان يەرلەرگە تەرەت قىلىشتۇر» دېدى. (مۇسلىم 269)
ھاجەت قىلىۋاتقان كىشىنىڭ قۇرئان ئوقۇشىمۇ ھارامدۇر. تېزەك، سۆڭەك ۋە ھۆرمەتلىنىدىغان ـــ يېمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەردىن پاكلىنىشمۇ ھارام. چۈنكى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۆڭەك ياكى ھايۋاناتلارنىڭ چىقىرىندى-تېزەكلىرى بىلەن پاكلىنىشنى چەكلىگەن. (مۇسلىم 263) شۇنداقلا، مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىدا ھاجەت قىلىشمۇ ھارام. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مېنىڭ نەزىرىمدە قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاجەت قىلىش بىلەن بازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاجەت قىلىشنىڭ پەرقى يوق.»(ئىبنى ماجە 1567؛ ئەلبانى: ئىرۋائۇل غەلىل، 1-102-دە سەھىھ دېگەن)

[15] بەشىنجى مەسىلە: ھاجەت سۇندۇرغان كىشىنىڭ قىلىشى مەكرۇھ ھېسابلىنىدىغان ئىشلار
ئارىدا ھېچقانداق توسۇق بولمىغان ئەھۋالدا، شامال چىقىۋاتقان تەرەپكە ئالدىنى قىلىپ تەرەت قىلىش مەكرۇھ. بۇ ھالدا، سۈيدۈكنىڭ كىشىگە قايتىپ كېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. تەرەت قىلىۋاتقان كىشىنىڭ گەپ قىلىشىمۇ مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، «پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىچىك تەرەت قىلىۋاتقاندا بىر كىشى ئۇ زاتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ سالام بېرىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇرمىدى.»(مۇسلىم 370)
يېرىق، تۆشۈك ۋە شۇنىڭ باراۋىرىدىكى يەرلەرگە كىچىك تەرەت قىلىشمۇ مەكرۇھ. چۈنكى، (أن النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نهى أن يبال في الجُحْر، قيل لقتادة: فما بال الجحر؟ قال: يقال: إنها مساكن الجن) قەتادە رەھىمەھۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى سەرجەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆشۈككە كىچىك تەرەت قىلىشنى چەكلىدى. قەتادەدىن «تۆشۈككە كىچىك تەرەت قىلىش نېمىشقا چەكلەندى؟» دەپ سورىلىۋىدى «ئېيتىلىشىچە، تۆشۈكلەر جىنلارنىڭ تۇرالغۇسى ئىكەن» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد 29؛ نەسائى 34؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر ‹ئەتتەلخىس› 1-106 دە ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئىبنۇس سەكەننىڭ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگىنىنى نەقىل قىلغان. ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىنمۇ ‹شەرھۇل مۇمتىئ› 1-95-96 دە بۇ ھەدىسنى ‹كامىدا ھەسەن› دېگەن)
تۆشۈككە كىچىك تەرەت قىلغاندا، ئۇ تۆشۈكتە دەخلىگە ئۇچرىيادىغان بىرەر ھايۋاننىڭ ياكى بار يوقلۇقىدىن؛ ياكى ئۇ يەرنىڭ جىنلارنىڭ تۇرالغۇلىرىدىن بىرى بولغان تەقدىردە ئۇلارغا دەخلى قىلىشتىن ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ.
ئامالسىز قالمىغۇچە، ئاللاھنىڭ زىكىرى مەۋجۇت بولغان نەرسە بىلەن ھاجەتخانىغا كىرىش مەكرۇھ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھاجەتخانىغا كىرىشتىن ئاۋۋال ئۈزۈكىنى ئېلىۋېتەتتى (ئۈزۈكىنى تېشىغا قويۇپ قوياتتى).»[رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈزۈكىدە «ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد» دېگەن خەت بار ئىدى.-تەرجىماندىن] (ئەبۇ داۋۇد 19؛ تىرمىزى 1746؛ نەسائىي 5228؛ ئىبنى ماجە 303؛ ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ ئارقىسىدا ‹بۇ مۇنكەر ھەدىس› دېگەن. تىرمىزى ‹بۇ ھەسەن غەرىب ھەدىستۇر› دېگەن. ئەلبانى زەئىپ دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ جەھەتتە دەلىلگە يارىمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان تەقدىرىمىزدىمۇ، ئەلۋەتتە، ئەڭ ئۇيغۇن ۋە پەزىلەتلىك بولغىنى: ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش سەۋەبىدىن زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە، ئاللاھنىڭ ئىسمى بولغان ھەر قانداق نەرسە بىلەن ھاجەتخانىغا كىرمەسلىك كېرەك)
ئېھتىياج ۋە زۆرۈرىيەت ھالىتىدە ھاجەتخانىغا ئاللاھنىڭ زىكرى بولغان نەرسىلەرنى ئەكىرىشتە ھېچ گەپ يوق. بەئەينى، ئۈستىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى بولغان پۇل بىلەن ھاجەتخانىغا كىرىش دېگەندەك. چۈنكى، بۇنداق بۇيۇملارنى سىرتقا قويۇپ قويغاندا ئوغۇرلىنىش ياكى ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ.
ھاجەتخانىغا قۇرئاننى ئېلىپ كىرىشكە كەلسەك، مەيلى ئۇ قۇرئان قاپچۇق ئىچىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇنى ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرىش ھارام. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ سۆزى بار. قۇرئان سۆزلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكىدۇر. قۇرئاننى ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرىش بىر نۇقتىدىن قۇرئانغا قىلىغان ھاقارەتتۇر.

Yorumlar