فىقھۇل مۇيەسسەر: مىسۋاك ۋە فىترەت سۈننەتلىرى
تۆتىنجى باب: مىسۋاك ۋە فىترەت سۈننەتلىرى
مىسۋاك (السواك) ـــ چىشقا ياكى چىش ئېتىگە چاپلىشىۋالغان يېمەكلىك ۋە
پۇراقلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن مۇئەييەن بىر چىۋىقنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر
نەرسىنى قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
[16] بىرىنجى مەسىلە: مىسۋاكنىڭ ھۆكمى
مىسۋاك ئىشلىتىش ھەر قانداق ۋاقىتتا سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا، روزىدار
كىشىنىڭ روزىدار ھالەتتە مىسۋاك ئىشلىتىشىدىمۇ ھېچقانداق چەكلىمە يوق. مىسۋاكنىڭ
مەيلى كۈندۈزنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئىشلىتىلسۇن، ياكى ئاخىرقى ۋاقتىدا ئىشلىتىلسۇن،
بۇنىڭدا ھېچبىر پەرق يوق. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ھېچقانداق شەرت قوشمىغان ھالدا مىسۋاك ئىشلىتىشنى تەشۋىق قىلغان ۋە ئۇنى ئىشلىتىش
توغرۇلۇق ھېچقانداق ۋاقىت تەيىن قىلمىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«مىسۋاك قوللىنىش ئېغىزنى پاكلايدۇ،
ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدۇ.»(بۇخارى 2-40؛ مۇسنەد ئەھمەد 6-47؛ نەسائى 1-10؛ ئەلبانى ئىرۋا 1-105 تە سەھىھ
دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەگەر ئۈممىتىمنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويماي دېسەم، ئۇلارنى
ھەر ناماز ئۈچۈن مىسۋاك قوللىنىشقا بۇيرۇيتتۇم.»(بۇخارى 887؛ مۇسلىم 252)
[17] ئىككىنجى مەسىلە: مىسىۋاك ئىشلىنىش قانداق ۋاقىتتا تەكىتلىنىدۇ؟
تاھارەت ئالغاندا، ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، ئېغىزىدا پۇراق پەيدا بولغاندا،
قۇرئان ئوقۇشتىن ئاۋۋال ۋە ناماز ئوقۇشتىن ئاۋۋال مىسۋاك ئىشلىنىش ئالاھىدا
تەكىتلىنىدۇ. شۇنداقلا، مەسجىدكە كىرگەن، ئۆيگە كىرگەن چاغلاردىمۇ مىسۋاك ئىشلىتىش
تەكىتلىنىدۇ. مىقداد ئىبنى شۇرەيھ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ئۆيگە كىرىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى قايسى ئىدى؟› دەپ سورىدىم. ئائىشە
ئانىمىز ‹ئېغىزىنى مىسۋاكلايتتى› دېدى.»(مۇسلىم 253)
ئۇزۇن مۇددەت گەپ قىلماي تۇرغاندىن كېيىنكى چىشلارنىڭ سارغىيىش ھالىتىدە
مىسۋاك ئىشلىتىش تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ. يۇقارقى ھەدىسلەرمۇ بۇنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىسى ئۇيقۇدىن
تۇرغاندا چىشىنى مۇكەممەل ھالدا مىسۋاكلايتتى.(بۇخارى 245؛ مۇسلىم 255)
مۇسۇلمان ئىبادەت ۋە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان بىر ئەمەلنى قىلىدىغاندا،
پاكىزلىق ۋە تاھىرىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە بولۇشىغا بۇيرۇلغان.
[18] ئۈچىنجى مەسىلە: مىسۋاكلاش نېمە بىلەن قىلىنىدۇ؟
نەم، يېپىشقاق ۋە ئېغىزنى زېدە قىلىۋەتمەيدىغان چىۋىق بىلەن ئېغىز مىسۋاكلاش
سۈننەت. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەراك دېيىلىدىغان
دەرەخنىڭ چىۋىقىدا ئاغزىنى مىسۋاكلايى. ئوڭ ياكى سول قولنىڭ بارماقلىرى بىلەن
ئېغىزنى مىسۋاكلاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ جەھەتتە شەرىئەتتە كەڭچىلىك بار.
ئەگەر تاھارەت ئالغاندا مىسۋاكلىغۇدەك چىۋىق بولمىسا، بارماق بىلەن ئېغىزنى
مىسۋاكلاش يېتەرلىك بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ
تاھارەتنى قانداق ئالغانلىقى توغرۇلۇق ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن ھەدىستە
بۇ ھال ئوچۇق بايان قىلىنغان. (مۇسنەد ئەھمەد 1-58؛ ئىبنى ھەجەر ‹ئەتتەلخىس› 1-70
تە سەھىھ دېگەن)
[19] تۆتىنچى مەسىلە: مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ پايدىلىرى
مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ پايدىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى يۇقىرىدا بايان يۇقىرىدا
بايان قىلىنغان ھەدىستىكىدەك دۇنيادا، ئېغىز پاكلىقىنىڭ، روياپقا چىقىشى ئاخىرەتتە
بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا، ئېرىشىشكە سەۋەب بولۇشىدۇر. شۇنداق
بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار بۇ سۈننەتنى ئورۇنداشقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە مىسۋاك
ئىشلىتىشنى تەرك ئەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، بۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ پايدا مەۋجۇت، ئەمما
بەزى مۇسۇلمانلار، ھورۇنلۇقى سەۋەبلىك ياكى بىلمەسلىكى سەۋەبلىك، ئاي-ئايلاپ مىسۋاك
ئىشلەتمەيدۇ.
بۇنداق كىشىلەر شەك شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ئالاھىدە مۇھىم بىلىپ داۋاملاشتۇرغان، ئەگەر ئۈممىتىگە ئېغىرچىلىق كېلىپ
قالماسلىقىدىن قورقمىغان بولسا پەرز قىلماقچى بولغان بۇ سۈننەتنى تەرك ئەتكەنلىكى
ئۈچۈن، تولىمۇ چوڭ ئەجىرىدىن مەھرۇم قالغان ۋە، كۆپلىگەن پايدىلارنى قولدىن بېرىپ
قويغان كىشىلەردۇر.
[20] بەشىنجى مەسىلە: فىترىي سۈننەتلەر
فىترىي سۈننەتلەر «فىترىي خىسلەتلەر» مۇ دېيىلىدۇ. چۈنكى، فىترىي سۈننەتلەرنى
ئورۇندىغان كىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ياراتقان سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان
ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلار ئەڭ گۈزەل ھالەت ۋە ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە
بولىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇنۇ بەش ئىش
فىترەتتىن سانىلىدۇ: ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى تازىلاش، خەتنە قىلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىش،
قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش ۋە تىرناق ئېلىش.»(بۇخارى 5889؛ مۇسلىم 257)
(1) ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى تازىلاش: بۇ ئەۋرەت ئەزالارنىڭ ئەتراپىغا چىققان
تۈكلەرنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ «ئىستىھدات» دېيىلىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ ئىشنى
قىلىش ئۈچۈن تۆمۈردىن بولغان ئۇستىرىنىڭ قوللىنىلىشىدۇر. ئەۋرەت ئەزادىكى تۈكلەرنى
ئېلىش بىر تۈرلۈك گۈزەللىك ۋە پاكىزلىقتۇر. ئەۋرەت تۈكىنى ئېلىشتا بۇنىڭغا ماس
ھالدىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى قوللىنىشقىمۇ، ياكى باشقا ئۇسۇلدا بۇ تۈكلەرنى
پاكىزلاشقىمۇ بولىدۇ.
(2) خەتنە قىلىش: زەكەرنىڭ ئۇچىنى ئوراپ تۇرغان تېرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، زەكەر
ئۇچىنى ئاشكارىلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەر كىشىنىڭ خەتنە قىلىنىشىغا ئۇيغۇن. قىز
بالىنىڭ خەتنىسى جىنسىي ئەزانىڭ سىرتىدىكى گۆش پارچىسىنىڭ كېسىۋېتىلىشىدۇر. بۇ
گۆشنىڭ خورازنىڭ تاجىسىغا ئوخشايدىغانلىقى ئېيتىلغان. خەتنە قىلىش ھەققىدىكى توغرا
ھۆكۈم: ئەرلەرگە ۋاجىپ، خانىم-قىزلارغا سۈننەتتۇر.
ئەر كىشىنىڭ خەتنە قىلىنىشىنىڭ ھېكىمىتى: زەكەر ئۇچىنى ئوراپ تۇرغان تېرىنىڭ
ئاستىدا قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان نىجاسەتلەردىن ئەرلىك ئورگىنىنىڭ پاكىزلىنىشىنى
ۋۇجۇدقا چىقىرىشتۇر. خەتنە قىلىشنىڭ بەك كۆپ پايدىسى بار.
خانىم-قىزلارنىڭ خەتنە قىلىنىشىنىڭ ھېكىمىتى: شەھۋەتنى ئازايتىدۇ.
بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنجى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش مۇستەھەب. چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ
ياخشى يېتىلىشىگە پايدىلىق، بۇنىڭ بىلەن كىچىك بالا تېخىمۇ مۇكەممەل شەكىلدە چوڭ
بولىدۇ.
(3) بۇرۇتنى كېسىش ياكى بەك قىسقارتىش: چۈنكى، بۇنداق قىلىشى كىشى ئۈچۈن
تېخىمۇ گۈزللىك ۋە پاكىزلىقتۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن يەنە كاپىرلارنىڭ خىلاپىدا ئىش
قىلغانلىق بولىدۇ.
بۇرۇتنى قىسقارتىپ ساقالنى كامىل قويۇشنى بۇيرىغان كۆپلەپ سەھىھ ھەدىسلەر
مەۋجۇت. چۈنكى، ساقالى كامىل قويۇش بىر گۈزەللىك، ئەرلەركەكلىكنىڭ سىرتقى
كۆرۈنىشىدۇر. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنىمىزدە كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش
قىلماقتا. ئۇلار بۇرۇتلىرىنى ئۇزارتىپ، ساقاللىرىنى كېسىشكە ۋە قىسقارتىشقا يۈز
تۇتماقتا. بۇنداق قىلىش ساقالنى كامىل قويۇشقا بۇيرۇلغان ئەمىرلەرگە قارشى ئىش
قىلغانلىقتۇر. ساقالنى كامىل قويۇشقا بۇيرۇغان ھەدىسلەردىن بىرى بۇدۇر: ئەبۇ
ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بۇرۇتنى قىسقارتىپ، ساقالنى كامىل قويۇڭلار. مەجۇسىيلارغا
خىلاپ يول تۇتۇڭلار.»(مۇسلىم 260) ئىبنى ئۆمەردىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىپ ساقالنى كامىل قويۇڭلار،
بۇرۇتنى كېسىڭلار.»(بۇخارى 5892؛ مۇسلىم
258؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى بۇخارىغا ئائىت)
بۇنداق بولغان ئىكەن، كىشى بۇ نەبەۋىي ھىدايەتكە ئەگىشىشى، دۈشمەنلەرگە خىلاپ
ئىش قىلىشى ۋە ئاياللارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك.
(4) تىرناق ئېلىش. بۇ تىرناقلارنى ئۇزارتىۋالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. تىرناق ئېلىش
تىرناقنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىرناقنىڭ ئاستىغا
كىرىۋالىدىغان كىرلەرنى يوق قىلىدۇ. بەزى مۇسۇلمانلار بۇ نەبەۋىي فىترەتكە قارشى
ئىش تۇتۇپ تىرناقلىرىنى ئۇزارتىۋالماقتا ياكى بەزى بارماقلىرىنىڭ تىرناقلىرىنى
ئۆستۈرۈۋالماقتا. شەيتاننىڭ چىرايلىق كۆرسىتىشىدىن بولغان بۇ قىلمىشلارنى قىلىش
ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى تەقلىد قىلغانلىقتۇر.
(5) قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش. يەنى قولتۇقنىڭ ئاستىغا چىققان تۈكلەرنى يوقىتىش.
بۇ قىللارنى يۇلۇش، قىرىش ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن ئېلىش سۈننەت. چۈنكى، بۇ
تۈكلەرنىڭ ئېلىنىشى پاكىزلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، بۇ تۈكلەر ئېلىنمىغاندا
چىقىدىغان سېسىق پۇراقلارنى يوق قىلىدۇ.
پاك دىنىمىز بىزگە بۇ ئىشلارنى بۇيرۇغان. بۇلارنى قىلىش ئارقىلىق گۈزەللىشىش،
پاك بولۇش روياپقا چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر مۇسۇلمان ئەڭ گۈزەل ھالەتكە كىرگەن،
كاپىرلارنى ۋە جاھىللارنى تەقلىد قىلىشتىن ساقلانغان، رەببىگە ئىتائەت قىلغان،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن ھېسابلىنىدۇ.
بۇ بەش ئىشقا يەنە مىسۋاك
ئىشلىتىش، بۇرنىغا سۇ ئېلىش، ئاغزىنى سۇ بىلەن چايقاش، كىر يىغىلىپ قالىدىغان
بارمام بوغۇملىرىنى يۇيۇش ۋە ئىستىنجا قىلىش قاتارلىقمۇ قوشۇلىدۇ. بۇ ھەقتە ئائىشە
ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«مۇنۇ ئون ئىش فىترەتتۇر: بۇرۇتنى قىرقىش،
ساقالنى كامىل قويۇش، مىسۋاك ئىشلىتىش، بۇرنىغا سۇ ئېلىش، تىرناق ئېلىش، بارماق
بوغۇملىرىنى يۇيۇش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش، ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش ۋە ئىستىنجا
قىلىش.» ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان مۇسئەب ئىبنى شەيبە
رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئونىنجىسىنى ئۇنتۇپ قالدىم. ئەمما، بۈيۈك ئېھتىمالدا
ئونىنجىسى ئېغىز چايقاشتۇر.»(بۇسلىم 261
Yorumlar
Yorum Gönder