فىقھۇل مۇيەسسەر: سۇ ئەسۋابلىرى
ئىككىنجى باب: سۇ ئەسۋابلىرى
سۇ ئەسۋابلىرىدىن مەقسەد ـــ سۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ساقلىنىدىغان
ئەسۋابتۇر. سۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تۆمۈردىن ياسىلىشى بىلەن باشقا نەرسىلەردىن ياسىلىشى
ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. بۇنداق سۇ ئەسۋابلىرى مۇباھتۇر. چۈنكى، ئاللاھ
تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {هُوَ الَّذِي خَلَقَ
لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا} [البقرة: 29].«ئاللاھ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى.» (سۈرە بەقەرە 29-ئايەت)
[7] بىرىنجى مەسىلە: ئالتۇن، كۆمۈش ۋە بۇلارغا ئوخشىغان سۇ ئەسۋابلىرىنى
تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش
سۇ ئەسۋابلىرىنىڭ پاك ۋە مۇباھ بولۇشى شەرتى بىلەن ـــ قىممەت باھالىق سۇ
ئەسۋابى بولغان تەقدىردىمۇ ـــ بۇ خىلدىكى پۈتۈن ئەسۋابلارنى يېيىش، ئىچىش ۋە
باشقا مەقسەدلەر بىلەن قوللىنىش دۇرۇس. چۈنكى،
بۇنداق جىسىملاردا ئەسلى ھۆكۈم بولغان مۇباھلىق داۋام قىلىدۇ. بىراق، ئالتۇن ۋە
كۆمۈش چېنە-قاچىلاردا يەپ ئىچىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئالتۇن ۋە كۆمۈش
چېنە-قاچىلاردا يەپ-ئىچىش ھارام، يەپ ئىچىشتىن باشقا ئىشقا قوللىنىش دۇرۇس. چۈنكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن: (لا تشربوا
في آنية الذهب والفضة ولا تأكلوا في صحافها فإنها لهم في الدنيا ولكم في الآخرة)«ئالتۇن ۋە كۆمۈش چىنە قاچىلاردا ئىچىملىك ئىچمەڭلار، ئالتۇن
ۋە كۆمۈش قاچىلاردا تاماق يېمەڭلار. چۈنكى، بۇلار دۇنيادا كاپىرلارغا، ئاخىرەتتە
سىلەرگە (مۇئمىنلەرگە) ئائىتتۇر.»(بۇخارى 5426؛ مۇسلىم
2067)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (الذي يشرب
في آنية الفضة إنما يجرجر في بطنه نار جهنم)«كۆمۈش چېنە-قاچىلاردا ئىچكەن كىشى قارنىغا پەقەت
جەھەننەمنىڭ ئوتىنى تولدۇرغان كىشىدۇر.»(بۇخارى 5634؛ مۇسلىم
2065)
يۇقارقىلار ئالتۇن ۋە
كۆمۈش چېنە-قاچىلارنى باشقا مەقسەدلەر ئۈچۈن ئەمەس، يەپ-ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ
ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئوچۇق دەلىلدۇر. شۇنداقلا، يۇقارقى ھەدىسلەر
تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ئالتۇن-كۆمۈشتىن ياسالغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشنىڭ دۇرۇس
بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ.
ئالتۇن-كۆمۈش چېنە-قاچىلاردا يەپ ئىچىش چەكلىمىسىنىڭ ئومۇمىي بولۇشى ساپ
ئالتۇن-كۆمۈشتىن ياسالغان چىنە-قاچىلارنىڭمۇ، ئالتۇن ياكى كۆمۈش بىلەن قاپلانغان
چېنە-قاچىلارنىڭمۇ، شۇنداقلا ئاز مىقداردا ئالتۇن ياكى كۆمۈشنىڭ ئارىلاشمىسىدىن
ياسالغان چېنە-قاچىلارنىڭمۇ يەپ-ئىچىش ئۈچۈن قوللىنىلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى
ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
[8] ئىككىنجى مەسىلە: ئالتۇن ۋە كۆمۈش بىلەن دەزى رېمونت قىلىنغان
چېنە-قاچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى
ئەگەر، چېنە-قاچىلارنىڭ دەز كەتكەن يېرىقىغا ئالتۇن قوللىنىلغان بولسا، بۇ
خىلدىكى چېنە-قاچىلاردا يەپ-ئىچىش ھارام ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئالتۇن كۆمۈش
قاچىلاردا يەپ-ئىچىشنى چەكلىگەن ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىي مەنىسى دائىرىسىگە كىرىپ
كېتىدۇ. ناۋادا، چېنە-قاچىنىڭ يېرىقىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئاز مىقداردا كۆمۈش
ئىشلىتىلگەن بولسا، بۇنداق چېنە-قاچىنى ئىشلىتىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئەنەس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر. (انكسر
قدح رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فاتخذ مكان الشعْب سلسلة من فضة)«رەسۇلۇللاھنىڭ چېنىسى سۇنۇپ كېتىۋىدى،
سۇنغان يەرنى كۆمۈش سىم بىلەن ئوڭشىدى.»(بۇخارى 3109)
[9] ئۈچىنچى مەسىلە: كاپىرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە سۇ ئەسۋابلىرى
كاپىرلارنىڭ چېنە-قاچىلىرى ھالالدۇر. ئەمما، ئۇ چېنە-قاچىلارنىڭ نىجىس بولۇشى
بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ خىل ئەھۋالدا بۇنداق چېنە-قاچىلارنى يۇيماستىن قوللىنىش
دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئەبۇ سەلەبە رەزيەللاھۇ
ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز ئەھلى كىتاب
ھېسابلىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ زېمىنىدا ياشايمىز. ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدا يەپ
ئىچسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېدى:«ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدا تاماق يېمەڭلار. باشقا چېنە-قاچا تاپالمىساڭلار ئۇ
ھالدا بۇشقا گەپ. بۇنداق چاغدا ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىنى يۇيۇۋېتىپ، ئاندىن ئۇ
چېنە-قاچىلاردا يەڭلار.»(بۇخارى 5478؛
مۇسلىم 1930)
چېنە-قاچىنىڭ ئېگىلىرى نىجاسەتلىك ھالەتتە بولغان ياكى بولمىغانلىقى
بىلىنمىگەن بولسا، بۇنداق چېنە-قاچىلارنى قوللىنىش دۇرۇس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭمۇ،
ساھابىلەرنىڭمۇ بىر مۇشرىك ئايالنىڭ تۇلىمىدىن تاھارەت ئۈچۈن سۇ ئالغانلىقى
سەھىھتۇر.(بۇخارى 344؛ مۇسلىم 1930) بۇنىڭدىن سىرت، ئاللاھ تائالا
بىزگە ئەھلى كىتابنىڭ تامىقىنى مۇباھ قىلغان. ئەھلى كىتاب تاماقلىرىنى بەزىدە ئۆز
چېنە-قاچىلىرىدا بىزگە سۇنىدۇ. بىر يەھۇدىي ياش
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى بىر تال ئارپا نېنى ۋە ئېرىتىلىپ،
پۇرىقى يوقىتىلغان ئىچ يېغىنى يېيىشكە چاقىرغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ئۇنىڭدىن يېگەن. (مۇسنەد ئىمام
ئەھمەد 3-210؛ ئەلبانى ئىرۋائ 1-71 دە سەھىھ دېگەن)
[10] تۆتىنجى مەسىلە: ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن قىلىنغان سۇ
ئەسۋابلىرىدا تاھارەت ئېلىش
ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ تېرىسى ئاشلانسا پاك بولىدۇ ۋە ئۇنى ئىشلىتىش دۇرۇس
ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قانداقلا بىر تېرە ئاشلانسا پاك ھېسابلىنىدۇ.»(مۇسلىم 366-ئىبنى ئابباستىن؛ تىرمىزى 1650) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆلگەن بىر
قوينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:«نېمىشقا بۇنىڭ تېرىسىنى ئېلىپ ئاشلىغاندىن كېيىن
ئۇنىڭدىن پايدىلانمايسىلەر؟» دېۋىدى، ساھابىلەر «بىراق، بۇ ئۆلۈپ قالغان قويدۇر»
دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«ھارام قىلىنغىنى ئۆلۈپ قالغان
ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشتۇر» دېدى. (مۇسلىم 363؛ ئىبنى ماجە 3610)
يۇقارقى ھەدىسلەر شەرئىي ھالەتتە بوغۇزلانسا گۆشى ھالال ھېسابلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ
ئۆلۈكى ھەققىدە كەلگەن. ئەگەر ھايۋانلار يۇقارقىدىن باشقا بولسا، ھۆكمىمۇ باشقىچە
بولىدۇ.
ھايات ۋاقتىدا گۆشى ھالال ھېسابلانغان ھايۋان ئۆلسە، ئۇنىڭ تۈك-قىللىرى ھالال،
بىراق گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«...
ئېيتقىنكى، ماڭا
ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ
چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى - چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى
ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر - ۋە اﷲ تىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ
بوغۇزلانغان گۇناھ مالدىن باشقىسىنى (ھارام دېمەيمەن)...» (ئەنئام سۈرىسى،
145-ئايەت)
ئاشلاش دېگەنلىك تېرىدىكى مەينەتچىلىك ۋە بولمىغۇر نەرسىلەرنىڭ تۇز ۋەباشقا
ماددىلار ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلىشى ياكى مازى ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇغا قوشۇلۇپ پاكلىشى بىلەن بولىدۇ.
گۆشىنى يېيىش ھالال بولمىغان ھايۋانلارنى شەرىئەت بويىچە بوغۇزلاش بىلەن ھالال
بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، مۈشۈكنىڭ ۋە ئۇنىڭ كىچىك بولغان جانىۋارلارنىڭ
تېرىسى ئاشلانغان تەقدىردىمۇ پاك بولمايدۇ. ئۇلار تىرىك ھالىتىد تېرىسى پاكىز
بولغان ھالەتتىمۇ، ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تېرىسى ئاشلانسا بەرىبىر پاك بولمايدۇ.
جانلىق ھالەتتە تېرىسى پاكىز بولغان تەقدىردىمۇ، يېيىش ھارام بولغان
ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرى ئاشلىنىش بىلەن پاك بولمايدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، گۆشى
يېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭ تېرىسى ئاشلىنىش بىلەن پاك
بولىدۇ. گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلىنىش بىلەن پاك بولمايدۇ.
Yorumlar
Yorum Gönder