ئىسلامدا مۇرتەدكە قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ
مۇرتەدكە قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(1) بىر كىشى مەجبۇرلىنىش سەۋەبلىك مۇرتەدلىككە ئاپىرىدىغان بىر سۆزنى قىلغان
بولسا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ شۇ ئايىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا مۇرتەدلىك
ھۆكۈمى بېرىلمەيدۇ:«قەلبى ئىمان بىلەن ساغلام بولغان ھالدا زورلانغان كىشى
بۇنىڭدىن (مۇرتەدلىكتىن) مۇستەسنا.»(نەھل سۈرىسى، 106-ئايەت)
(2) مۇرتەدنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تەۋبە قىلسا
مەسىلە يوق تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. مۇرتەدنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى مۇسۇلمانلارنىڭ
باشلىقىغا ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىگە ئائىت بولىدۇ.
(3) مۇرتەدنىڭ ئۆز مال-مۈلكىگە ھوقۇقدار بولۇشى چەكلىنىدۇ. ئەگەر ئىسلامغا
قايتسا مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئەمما، مۇرتەد ھالدا ئۆلسە
ياكى ئۆلتۈرۈلسە ـــ مۇرتەدكە ھېچكىم مىراسخور بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ـــ مېلى
مۇسۇلمانلارنىڭ بەيتۇل مالىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمان كاپىرغا مىراسخور
بولالمايدۇ. ھەر قانداق بىر كاپىر مۇسۇلمانغا مىراسخور بولالمايدۇ. چۈنكى، كاپىر مۇرتەدلىك ھالىتىدە قويۇلمايدۇ.
(4) مۇرتەدنىڭ ئۆلۈكى يۇيۇلمايدۇ، جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ، مۇرتەدلىكى
سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا كۆمۈلمەيدۇ.
(5) مۇرتەدنىڭ تەۋبىسى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ. چۈنكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بۇنى
كۆرسىتىدۇ:«مەن ئىنسانلار ‹لائىلاھە ئىللەللاھ›
دېگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇلار بۇنى دېسە ـــ ئۆلتۈرۈلۈشنى
ھەق قىلغانلىرىدىن باشقىلىرى ـــ مەندىن قېنىنى ۋە مېلىنى قوغداپ قالىدۇ.»(بۇخارى 25؛ مۇسلىم 21)
دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ھەر قانداق بىر ئىشنى ئىنكار قىلىش سەۋەبلىك مۇرتەد بولغۇچىنىڭ تەۋبىسى شاھادەت
كەلىمىسىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزى رەت قىلغان ئىشنى ئىقرار قىلىشى ۋە ئۇ
ئىشنى ئىنكار قىلىشتىن يېنىش بىلەن بولىدۇ.
Yorumlar
Yorum Gönder