ئاياللار ئۈچۈن يۈز ھەدىس



ئاياللار ئۈچۈن يۈز ھەدىس

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تۈزدى
(جەمئىي 116 سەھىھ ھەدىس بار)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئانىسى، ئايالى، قىزى، ئاچا-سىڭلىسى قاتارلىق مەھرەملىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىمان جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى توغرىسىدا
1-خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئى ئاللاھ! مەن يېتىم ۋە تۇل خوتۇندىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىگە چېقىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەن.»(رىيازۇس سالىھىن 270)
2-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۆمىنلەر ئىچىدە ئىمانى ئەڭ مۇكەممىلى مىجەز-خۇلقى ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر.»(رىيازۇس سالىھىن 628)

ئاياللارنىڭ ئەگرى قوۋرۇغىدىن يارىتىلغانلىقى ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا
3-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار! ئاياللار ئەگرى قوۋرۇغىدىن يارىتىلغان. قوۋرىغىنىڭ ئەگرى تەرىپى ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تۈزلەيمەن دېسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن. ئەگەر ئۆز پېتى قويساڭ، مەڭگە ئەگرى پېتى تۇرىۋېرىدۇ. شۇڭىلاشقا، سىلەر ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار.»(رىيازۇس سالىھىن 273)

ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە تەۋە مەجبۇرىيەتلىرى بولىدىغانلىقى، ئائىلىنىڭ تازىلىق، تاماق ۋە پەرزەنت تەربىيەسى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇش ئايال كىشىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، پەرزەنتلەرنى ئىسلامىي تەربىيىلەشمۇ ئايال كىشىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى قاتارىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا
4-ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«سىلەردىن ھەر بىرىڭلار بىر پادىچىسىلەر، ھەر بىرىڭلار ئۆز پاداڭلارغا مەسئۇل بولىسىلەر. باشلىق پادىچىدۇر، ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ پادىچىسىدۇر، ئائىلە ئەزاسىدىكىلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىدىكى پادىچىدۇر، ئائىلىگە مەسئۇل بولىدۇ. خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ پادىچىسىدۇر، خوجايىنىنىڭ مال-مۈلكىگە مەسئۇل بولىدۇ. سىلەردىن ھەر بىرىڭلار بادىچىسىلەر، ھەر بىرىڭلار ئۆز پاداڭلارغا مەسئۇل بولىسىلەر.»(رىيازۇس سالىھىن 300)

مەيللى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەر بىر بەندىنىڭ پەقەت ئاللاھتىنلا قورقۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا
5-مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنِ التَمَسَ رِضَاءَ اللهِ بِسَخَطِ النَّاسِ كَفَاهُ اللَّهُ مُؤْنَةَ النَّاسِ ، وَمَنِ التَمَسَ رِضَاءَ النَّاسِ بِسَخَطِ اللهِ وَكَلَهُ اللَّهُ إِلَى النَّاسِ)«كىمكى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە ئاللاھنى رازى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ ۋە كىشىلەردىن ئۇنى ساقلايدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە كىشىلەرنى رازى قىلماقچى بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى كىشىلەرگە تاشلاپ قويىدۇ.» (تىرمىزى 2414؛ ئەلبانى سىلسىلە ئەسسەھىھ-2311-دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئ 6097؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 276؛ ئىبنى مۇفلىھ-ئەلئەدەب ئەششەرئىيە 1\164؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس، دېگەن)
6-مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئائىشە ئانىمىزدىن نەسىھەت تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ يازغاندا ئائىشە ئانىمىز ئۇنىڭغا مۇنداق مەكتۇپ يازغان: ئاللاھتىن قورققايسەن! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭ، ئاللاھ ساڭا كىشىلەرگە قارشى كېپىل بولىدۇ. ئەگەر كىشىلەردىن قورقساڭ، كىشىلەر ساڭا ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ.

ھەر بىر بەندىنىڭ قەلبىنى پاك تۇتۇشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكى - ئاياللارنىڭمۇ قەلبىنى پاك تۇتۇشىنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا
7-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ سىلەرنىڭ كۆرۈنۈشۈڭلارغا ۋە مال-مۈلۈكۈڭلەرگە قارىمايدۇ، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمىلىڭلارغا قارايدۇ.»(مۇسلىم 2564)[تەپسىلاتى-سوئال جاۋاب-254478]
ئىسلامدا سالىھە ئايالنىڭ يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا
8-ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(اَلدُّنْيَا مَتَاعٌ وَخَيْرُ مَتَاعِهَا الْمَرْأَةُ الصَّالِحَةُ)«دۇنيا پايدىلىنىش (ماكانى) دۇر. دۇنيا نىئمەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھە ئايالدۇر.»(ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، نەسەئىي، بەغەۋىي قاتارلىق ئىمام توپلىغان)
9-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (تُنْكَحُ الْمَرْأَةُ لِأَرْبَعٍ : لِمَالِهَا ، وَلِحَسَبِهَا ، وَلِجَمَالِهَا ، وَلِدِينِهَا ، فَاظْفَرْ بِذَاتِ الدِّينِ تَرِبَتْ يَدَاكَ)«ئايال كىشى تۆت نەرسىسى سەۋەبلىك نىكاھلاندۇرۇلىدۇ: مال-مۈلۈكى، نەسەبى، گۈزەللىكى ياكى دىنى. قولۇڭ توپىغا مىلەنگەن تەقدىردىمۇ دىندار ئايالنى تاللىغىن.»(بۇخارى 4802؛ مۇسلىم 1466)

Yorumlar