قەۋزىيەتنى تۈپتىن يوقىتىدىغان ئىلمىي رېتسىپ
قەۋزىيەتنى تۈپتىن يوقىتىدىغان ئىلمىي رېتسىپ
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى
ئوزۇقلۇقشۇناس، خىمىك، پروفسور دوكتور ئىبراھىم ساراچئوغلۇ
بۇ ھەقتە مۇنۇ رېتسىپنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغان:
سۇڭپىياز (تۈركچىسى: pırasa)
دىن بىرەر كىلو ئەتراپىدا (ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئاز ياكى كۆپ قورۇسىڭىز
بولىۋېرىدۇ) يالپاقداپ توغراپ، زەيتۇن يېغىدا قورۇيسىز. (ئازراق تۇز سېلىۋېتىشكە
بولىدۇ.) شۇ زەيتۇن يېغىدا قورۇلغان سۇڭپىيازدىن كۈنلۈك ئۈچ ۋاخ تاماقنى يېيىشتىن
ئاۋۋال بىر سىقىم مىقدارىدا يەيسىز، ئاندىن تامىقىڭىزنى يەيسىز. بۇنى بىرەر ئايدەك
داۋاملاشتۇرىسىز. قورۇۋالغان زەيتۇن ياغلىق
سۇڭپىيازنى چىنىگە ئېلىپ توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمىدە ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئېغىر قەۋزىيىتى بارلارغا ۋە ھەر قانداق تۈردىكى قەۋزىيەت بىمارلىرىغا ئەڭ ئېسىل
شىپا. بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
ئىبراھىم ساراچئوغلۇنىڭ بۇ ھەقتىكى دەرسىنى يۇتيۇبتىن
تاپالايسىز. خەلقىمىزگە پايدىسى يېتىشى ئۈچۈن، تۈركچىنى تولۇق بىلمەيدىغانلارنىڭ
قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ يازمىنى تەييارلىدىم. ئۈنۈمىنى كۆرگەن ھامان باشقىلارغىمۇ
تور بېتىمنى تەۋسىيە قىلغايسىز.
mujtehıd.blogspot.com
Yorumlar
Yorum Gönder