پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بىر ئېسىل رېتسىپ
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى»
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى
بىلەن باشلايمەن
بىزگە ھىجرەت نېئمىتىنى بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇ
بولسۇن. تەقۋادارلارغا گۈزەل مۇكاپاتلار بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
مۇھاجىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى
قانداق تەربىيىلەش توغرىسىدا باش قاتۇرۇۋاتماقتا. ھەقىقەتەن، پەرزەنتىنىڭ ياخشى
تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن باش قاتۇرمىغان، بۇ يولدا ھەرىكەت قىلمىغان ئاتا-ئانا سېپى
ئۆزىدىن لاياقەتسىز ئاتا-ئانىدۇر.
پۈتۈن جاھان ئەھلى ئېتىراپ قىلىدىغان، مۇھىم
بىلىدىغان بىر پىرىنسىپ بار. ئۇ بولسىمۇ «ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا ئوقۇش، يېزىش ۋە
سۆزلەش ئىقتىدارى ھەر بىر ئىنساندا بولمىسا بولمايدىغان ئىقتىداردۇر.» بۇنى
ئىقتىدار دېگەندىن مەجبۇرىيەت دېگەن تېخىمۇ مۇۋاپىق. بىز ئۇيغۇرلار مەيلى ۋەتەندە
ياكى چەتئەلدە بىرمۇ مۇنتىزىم مەكتىپى بولمىغان بىچارە
مىللەتمىز. بۇ ۋەجىدىن، مۇھاجىر ئۇيغۇر-ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى
قىيىنچىلىقى باشقا ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. پەرزەنت
تەربىيىسىگە، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمىگەن مىللەت ھەر ماكان، ھەر زاماندا
ۋەيرانچىلىققا، قۇللۇققا، مەدەنىيەتسىزلىككە ۋە قالاقلىققا مەھكۇمدۇر.
مەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ
ھەر-بىرى ھېچ كۈچىمەستىنلا ئورۇندىيالايدىغان، بالىلارغا ئۆز تىلىنى ۋە ئۇلۇغ
دىنىنى ئۆگىتىشتە تولىمۇ ئاددىي، ئەمما ئەھمىيەتلىك بىر چارىنى تەۋسىيە قىلىمەن:
ئۇيغۇرچە ساۋادى بارلىكى ھەر بىر پەرزەنت «شېرىن
بۇلاق» ناملىق دۇنياۋىي مەشھۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۈندە بىر ياكى بىر نەچچە
بەتتىن كۆچۈرسۇن. ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۈندە بىر ياكى بىر قانچە
بەتتىن كۆچۈرسىمۇ بولىدۇ. بالىلار «شېرىن بۇلاق» ياكى «قۇرئان كەرىم» نىڭ
ئۇيغۇرچسىدىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق پايدىلارغا ئېرىشىدۇ:
بىرىنچى: ئۆز دىنىنى بىرىنچى قول مەنبەدىن ئەڭ
ساغلام يوسۇندا ۋە ئەڭ ئاسان ئۇسۇلدا ئۆگىنەلەيدۇ.
ئىككىنجى: بۇ كىتابلارنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق
بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيىسى ھەر تەرەپتىن تەڭ ئۆسۈپ ماڭىدۇ.
ئۈچىنچى: بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇش ئىقتىدارى
نورمال سەۋىيەگە يېتىدۇ.
تۆتىنجى: بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىش ئىقتىدارى
مۇكەممەل سەۋىيەگە يېتىدۇ.
بەشىنجى: بۇ كىتابلار ۋەتەندىكى مۇنتىزىم
نەشرىياتتىن چىققاچقا، ئىملاسى ناھايىتى توغرا. بۇ نۇقتىدىن، بالىلارنىڭ
ئىملاسىنىڭ توپتوغرا بولۇشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
ئالتىنجى: بالىلار بۇ كىتابلارنى كۆچۈرۈش
جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىپادىلەش ماھارىتى، جۈملە شەكىللىرى، سۆز ۋە سۆز
بىرىكمىلىرىنى ئۆگىنىپ ماڭالايدۇ.
(بىر ئۆرنەك: مەسىلەن، كىتاب ئوقۇمىغان بىر بالا
«مەن چوڭ بولسام ئالىم بولىمەن» دېيەلىشى مۇمكىن. ئەمما، كىتاب ئوقۇغان
مەدەنىيەتلىك بىر بالا «مەن چوڭ بولغاندا ئالىم بولۇشى ئارزۇ قىلىمەن» دېيىشنى
بىلىدۇ. يەنى «ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن سۆز بىرىكمىسى چوڭلار ئۈچۈن تولىمۇ ئاددىي
تۇيۇلغىنى بىلەن، كىتاب ئوقۇمىغان بالىلار بۇنى ئىشلىتەلمەيدۇ.)
ناۋادا ئاتا-ئانىلار شېرىن بۇلاقنى ياكى قۇرئان
كەرىمنى تاپالمىسا، «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» نەشىر قىلغان «ئاياللار ئۈچۈن يۈز
ھەدىس»، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزى» قاتارلىق رىسالىلەرنى
بالىلىرىغا كۆچۈرگۈزسىمۇ ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، مەركىزىمىز ئەڭ
سەھىھ، ئىشەنچىلىك ئىسلامىي بىلىملەرنى خەلقىمىزگە ئۆگىتىشنى نىشان قىلغاندىن
سىرت، ئۇيغۇر تىلىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان، ئىملاسى توغرا پىداكارلار قوشۇنىغا
ئىگە بولۇپ، مەيلى تەرجىمە، مەيلى ماقالىلەردە دىنغا مۇخالىپ مەزمۇنلارنى، ئۇيغۇر
تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئادىتىگە زىت شالغۇت سۆز-جۈملىلەرنى قوللانمايدۇ. بۇ ھال،
مەركىزىمىز نەشىر قىلغان كىتاب، ماقالە، پەتىۋالارنى ئوقۇغۇچى ۋە كۆچۈرگۈچى
پەرزەنتلەرگە بەك ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بالىلار «شېرىن بۇلاق» ياكى «قۇرئان كەرىم» نى
كۆچۈرۈشنى كۈندە بىر بەتتىن، سەل ئېغىر كەلسە بولمىغاندىمۇ يېرىم بەتتىن
داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. قۇربىتى يەتكەن بالىلار ئىككى بەت ئەتراپىدا كۆچۈرسە بۇمۇ
ياخشى. بالىلار كۆچۈرگەنلىرىنى ئاتا ئانىسىغا ھەر كۈنى ئوقۇپ بېرىشى، ئاندىن
يادىدا قالغانلىرى يادقا سۆزلەپ بېرىشى كېرەك. بۇ ھال كۈندە تەكرارنمىسا، ئىزچىل
داۋاملاشمىسا بالىلاردىكى دىنىي ۋە ئۇيغۇر تىلى جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش كۆرۈنەرلىك
بولماي قېلىشى مۇمكىن.
بۇ كىتابلارنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق دىن ۋە تىل
ئۆگىنىش ئالتە ياشتىن ئون سەككىز ياشقىچە بولغان بالىلارغا ۋە ئۆسمۈرلەرگە ماس
كېلىدۇ. بۇنىڭغا ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە بىر سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ.
بىز بالىلارنىڭ خالىغانلىكى دىنىي كىتابنى
كۆچۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان
بىرمۇنچىلىغان ئەسەرلەردە دىنغا مۇخالىپ يالغان ياۋىداقلار، شالغۇت سۆز جۈملىلەر،
ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ
تۇرىدۇ. بۇنداق كىتاب ماقالىلەرنى ئوقۇغان، كۆچۈرگەن بالىلار ھەم دىن، ھەم تىل جەھەتتىن قاتتىق زىيان تارتىدۇ.
كىتاب كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش
پەرزەنت تەربىيىسىدىكى رېتسىپلاردىن بىرى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئەڭ
كامىدا مۇشۇ رىتسىپنى قوللانسا بولىدۇ. بۇ رېتسىپ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان،
مەدرىسلەردە ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ياش ئۆسمۈرگە تامامەن ماس كېلىدۇ.
ئۆز تىلىنى ياخشى بىلمەيدىغان كىشىلەر باشقا
تىللارنى راۋان ئۆگىنەلمەيدىغانلىقى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھەقىقەت
بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز خەلقىمىزنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلىنى كىچىكىدىن باشلاپ
ناھايىتى پىششىق ئۆگىتىشىنى كۈچەپ تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش، يېزىش ۋە
سۆزلەشنى بىلمەي چوڭ بولغان ياكى بۇ جەھەتتە ئاجىز چوڭ بولغان بالىلاردىن
كەلگۈسىدە مىللەتكە قەتئىي پايدا-مەنپەئەت ياخشىلىق كەلمەيدۇ. بۇنداق بالىلار
ئېنىقلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ئارىسىغا قېتىلىپ شالغۇتلىشىپ،
ئۇيغۇرلۇقتىن چىقىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە يا ئۆز دۆلىتىنىڭ يەرلىك مىللىتى بولالماي،
يا ئۇيغۇر بولالماي مەڭگۈ چەتكە قېقىلىش، ئىچ پۇشۇقى ۋە روھىي چۈشكۈنلۈك ئىچىدە
ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلىنى قاتتىق
كۈچەپ ئۆگىتىشىنى تەۋسىيە قىلىپ بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بالىلارغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش دىنى، تىلى، مەۋجۇتلۇقى، جۈملىدىن بارچە ئىمكانىيەتلىرى يوقۇلۇشقا قاراپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پەرزلىك ھۆكمىدە. بالىلىرىغا ئۇيغۇرچىنى ئۆگەتمىگەن ئاتا-ئانا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، تىل پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بىرىنچى ئۆتكەل بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى پەرزەنت تەربىيىسى دىنىي ئەمەل ئىبادەت، دىنىي مەجبۇرىيەت دەل بەلگىلىگەن.
ئەسكەرتىش: «قۇرئان كەرىم» نىڭ مۇھەممەد سالىھ
ھاجىم تەرجىمىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەنەس ئالىم تەرجىمە قىلغان يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىدىن
ھەممەيلەن نېرى قېچىش كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، بۇ يېڭى قۇرئان تەرجىمىسى سەھىھ ھەدىسلەرنى
ئىنكار قىلىش، كۆڭلىگە ياققاننى ئېلىپ، ياقمىغانغا قارشى چىقىش، ئىسا ئەلەيھىسسالام
ئاسماندىن چۈشمەيدۇ دەپ قۇرئان ھەدىسكە تېنىش بىلەن مەشھۇر بولغان ئازغۇن تەرجىماننىڭ
قولىدىغان چىققان. ئازغۇنلارنىڭ، پاسىقلارنىڭ قولىدىن چىققان دىنىي ئەمگەك
ئوقۇرمەننى ھىدايەتكە ئەمەس، ئازغۇنلۇققا باشلاشقا سەۋەب بولىدۇ.
ـــ ھۆرمەت
بىلەن :«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى».
Yorumlar
Yorum Gönder