ساقىلىنى كېسىدىغان ۋە ناماز ئوقۇمايدىغانلار بىلەن ئارىلىشىدىغان كىشى سويغان مالنى يېيىشنىڭ ھۆكمى
ساقىلىنى
كېسىدىغان ۋە ناماز ئوقۇمايدىغانلار بىلەن ئارىلىشىدىغان كىشى سويغان مالنى
يېيىشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا
كومېتىتىنىڭ پەتىۋاسى (22\373)
سوئال: مېنىڭ بىر
دوستۇم بار. ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ. ئەۋلىيالار ۋە سالىھ كىشىلەر توغرىسىدا
خاتا ئېتىقادا ئەمەس. بىراق، ساقال قويمايدۇ ۋە ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىلەر بىلەن
ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ سويغان مالنىڭ گۆشىدىن يېيىشىم دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ساقالنى
كېسىش ھارام. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساقالنى كامىل
قويۇشنى بۇيرىغان. كىشى ساقىلىنى كەسسە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە
ئىسىيانكارلىق قىلغان بولىدۇ. شۇنداقلار، ساقالنى كېسىشتە كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشمۇ
مەۋجۇت بولۇپ، بىز كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشتىنمۇ چەكلەنگەن. ساقالنى كېسىشنىڭ باشقا
زىيانلىرىمۇ ھەم بار. شۇنداقلا، گۇناھكار ۋە ئاسىي كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ
خاتالىقلىرىنى ئىنكار قىلماستىن سورۇنداش بولۇش ھارام. بىراق، كىشىنىڭ ساقىلىنى
كېسىشى ئۇنىڭ سويغان مېلىنىڭ گۆشىنى ھارام قىلمايدۇ. چۈنكى، ساقالنى كېسىش (گۇناھى
كەبىرە بولسىمۇ،) كىشىنى دىندىن چىقارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گۇناھكارلار ۋە
ئاسىيلار بىلەن سورۇنداش بولۇش (گۇناھلىق قىلمىش بولسىمۇ)، ئوخشاشلا كىشىنى دىندىن
چىقارمايدۇ.
تەۋپىق
ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە
ساھابىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ سالىھ ئەلفەۋزان؛
ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ؛ بەكرى ئەبۇ زەيد
Yorumlar
Yorum Gönder