سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشقا دەلىللەر ۋە تەپسىرلەر
سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشقا دەلىللەر ۋە تەپسىرلەر
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
[1]
خەيبەر فەتھىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەفىيە
(رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نى نىكاھلاپ ئالدى. كىشىلەر توي زىياپىتىدىن كېيىن «پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانمىدۇ ياكى دېدىكى
قىلغانمىدۇ؟ ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ يۈزىنى ياپسا،
نىكاھلاپ ئالغان بولىدۇ. يۈزىنى ياپمىسا، دېدىكى قىلغان بولىدۇ» دېيىشتى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلاغقا مىنىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىنى ياپتى، ئۇ چوكان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتى. كىشىلەر بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانلىقىنى ئۇقتى. مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆگىنى چاپتۇردى، بىزمۇ ھەم چاپتۇردۇق. توساتتىن تۆگە تېيىلىپ كېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايالى بىلەن بىرگە تۆگىدىن يىقىلغانىدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپتى. ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ «ئاللاھ بۇ يەھۇدىي خوتۇننى (بىزدىن) يىراق قىلغاي!» دېيىتشى. (مۇسلىم 1365-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنىڭ باش قىسىمى بۇخارى 2235-نومۇرلۇق ھەدىستىمۇ بايان قىلىنغان)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلاغقا مىنىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىنى ياپتى، ئۇ چوكان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتى. كىشىلەر بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانلىقىنى ئۇقتى. مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆگىنى چاپتۇردى، بىزمۇ ھەم چاپتۇردۇق. توساتتىن تۆگە تېيىلىپ كېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايالى بىلەن بىرگە تۆگىدىن يىقىلغانىدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپتى. ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ «ئاللاھ بۇ يەھۇدىي خوتۇننى (بىزدىن) يىراق قىلغاي!» دېيىتشى. (مۇسلىم 1365-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنىڭ باش قىسىمى بۇخارى 2235-نومۇرلۇق ھەدىستىمۇ بايان قىلىنغان)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: {ئى پەيغەمبەر!
ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.} (سۈرە ئەھزاپ، 59-ئايەت) ئاللاھ پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن قوشۇپ مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنىمۇ تولۇق
ئورۇنىشقا بۇيرىغان. يۇقارقى ھەدىس مۇنۇ ئايەتنىڭ ئەمەلىيىتىدىن بىرىدۇر.
[2] ئىبنى
ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايال نىقاب ۋە پەلەي كەيمىسۇن.»(بۇخارى-ھەج؛
مۇسلىم-ھەج؛ ئەبۇ داۋۇد-ھەج؛ مالىك-ھەج)
ئىسلام
پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەجگە ئېھرام باغلىغان
ئايالنىڭ يۈزىگە نىقاب تاقىشىنىڭ، قولىغا پەلەي كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى سەھىھ
ھەدىستە ئىسپاتلانغان.
يۇقارقى
ھەدىستىن ھەجگە ئېھرام باغلىمىغان-نورمال ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە
پەلەي كىيىدىغانلىقى (رەسۇلۇللاھنىڭ تىلى بىلەن) ئوچۇق مەلۇملۇق، بۇنىڭدىن
(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىلا) ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب
ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى ئومۇملاشقانلىقى ئېنىق. بۇ ھەدىستىن يەنە، ئۇلارنىڭ
يۈزى ۋە قولىنى ياپىدىغانلىقى بىلنىشىگلىك.(ئىمام ئىبنى تەيمىييە «مەجمۇئۇل
پەتىۋا» 15-جىلد، 371-، 372-بەتلەر)
بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىپ، قولىغا پەلەي
كىيىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار ھەجدە نامەھرەملەر ئالدىدا
يۈزىنى ئېچىۋېتەمدۇ؟ ياق، ئوخشاشلا ياپىدۇ.
دەلىلى بۇ:
[3] مۇئمىنلەرنىڭ
ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ئېھرامدىكى چېغىمىزدا يولۇچىلار يېنىمىزدىن ئۆتەتتى.
ئۇلار يېقىنلاپ كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق. ئۇلار
ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق. (ئەبۇ داۋۇد 1833؛ ئىبنى ماجە 2935؛ ئىبنى
خۇزەيمە ‹سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە› 4-203 تە سەھىھ دېگەن، ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل
مۇسلىمە› دە سەھىھ دېگەن)
[4] ئەسما
بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«بىز نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئالدىدا
يۈزىمىزنى ياپاتتۇق.»(ئىبنى خۇزەيمە 4-203، ھاكىم 1-624: ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى
سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. بۇ ھەدىسنى شەيخ
ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە ناملىق ئەسەردە سەھىھ دېگەن)
[5] جابىر ئىبنى
ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم:«بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ
قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە
تىرىشسۇن!» دېدى. مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ
تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان
تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى
‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىستىنمۇ ئوخشاشلا
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە قىز ئاياللارنىڭ يۈزىنى
ياپىدىغانلىقى ئېنىقلىشىدۇ. چۈنكى، ئەگەر قىز ئاياللار يۈزىنى ياپمايدىغان بولسا
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزى ئالماقچى بولغان قىزنى مۆكۈپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشىغا
ئورۇن قالمىغان، بەلكى ئوچۇق ئاشكارا كۆرگەن بولاتتى.
ئادەتتە يۈزىنى
ياپىدىغان مۇئمىنە قىز ئاياللار نامەھرەملەر بولۇشى ئېھتىمالى يوق جايلاردا يۈزىنى
ئېچىۋېتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالماقچى بولغان قىزمۇ نامەھرەم يوق دەپ
قاراپ يۈزىنى ئېچىۋېتىپ يۈرگەن بىر ھالەتتە مۆكۈپ تۇرۇپ چاندۇرماستىن ئۇ قىزنى
كۆرۈۋالغان. نامەھرەم بار جايدىمۇ يۈزىنى ئېچىۋېتىدىغان بولسا، يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ
كۆرۈۋېلىشقا ھاجەت قالمىغان بولاتتى.
[6]
فاتىمە بىتنى مۇنزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«بىز
ھەجگە ئىھرام باغلاپ يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر بىز بىلەن بىللە
ئىدى.»(بۇ ھەدىس سەھىھ؛ ئەلبانى ۋە باشقىلىرى سەھىھ دېگەن. ئىمام مالىك
نەزىرىدە ئىسنادى شەكسىز سەھىھ)رواه مالك عن فاطمة بنت المنذر قالت: كنا نخمر
وجوهنا ونحن محرمات، ونحن مع أسماء بنت أبي بكر، وهذا الحديث صححه الألباني وغيره،
وإسناده صحيح بلا شك عند مالك.
ئىمام ئىبنى
ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىلگىرى ئۆتكەن ئاياللارنىڭ ۋە زامانىمىزدىكى
ئاياللارنىڭ ئادىتى، نامەھرەم بار يەردە يۈزىنى يېپىشتۇر. (فەتھۇلبارى 9\424)
غەززالى
مۇنداق دېگەن: ئەرلەر زامانلاردىن بىرى يۈزى ئوچۇق ياشاپ كەلدى. ئاياللار بولسا
يۈزىنى يېپىپ سىرتقا چىقىدۇ. (ئىھيا ئۇلۇمۇددىن، 2\53)
6. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر.»(تىرمىزى 1173؛ ئەلبانى، سەھىھ جامىئ-سەھىھ ھەدىس)
7.پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
يۈز يېپىش توغرىسىدىكى دەلىللەردىن بىر قىسىمىدۇر.
7.پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«ئايال كىشى
ئەۋرەتتۇر، ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا شەيتان ئۇنى كۈتۈۋالىدۇ.» (تىرمىزى 1173؛ ئىبنى خۇزەيمە 3-93؛ ئىبنى ھىببان 2-412؛ تەبرانى ‹ئەلكەبىر›
10115؛ تەبرانى ‹ئەلئەۋسەت› 8096؛ بەززار؛
ئىبنى ئەدىي ‹ئەل كامىل› 3-423؛ سۇيۇتى‹جامىئۇسسەغىر› دە سەھىھ دېگەن)
يۈز يېپىش توغرىسىدىكى دەلىللەردىن بىر قىسىمىدۇر.
ئىمام ئىبنى
مۇنزىر مۇنداق دېگەن:«...ئاياللار ئىھراملىق ھالەتتە بېشىنى ۋە چاچلىرىنى ياپىدۇ،
يۈزىنى ياپمايدۇ. پەقەتلا، يات ئەرلەرنىڭ قارىشىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن باش كىيىمىنىڭ
بىر قىسىمى بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ.» (فەتھۇل بارى 4-57،58)
پەتھۇلبارى
2-537-867-ھەدىس
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر.»(تىرمىزى 1173؛ ئەلبانى، سەھىھ جامىئ-سەھىھ ھەدىس)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن:«ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا ئايال كىشىنىڭ ھەممە يېرى ئەۋرەتتۇر، ھەتتا تىرنىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئىمام مالىكنىڭمۇ كۆز قارىشى مۇشۇنداق.»(مەجمۇئۇل فەتۋا ئىبنى تەيمىييە، 22-جىلد، 110-بەت)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر.»(تىرمىزى 1173؛ ئەلبانى، سەھىھ جامىئ-سەھىھ ھەدىس)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن:«ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا ئايال كىشىنىڭ ھەممە يېرى ئەۋرەتتۇر، ھەتتا تىرنىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئىمام مالىكنىڭمۇ كۆز قارىشى مۇشۇنداق.»(مەجمۇئۇل فەتۋا ئىبنى تەيمىييە، 22-جىلد، 110-بەت)
تەپسىلەردە يۈز يېپىش ۋە نامەھرەملەرگە
قارىماسلىق
ئىمام ئىبنى
كەسىر سۈرە نۇرنىڭ 30-ئايىتى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ؛
ئاللاھ بۇ
ئايەتتە مۆمىنلەرنى نامەھرەملەرگە قارىماي، بەلكى ئاللاھ تائالا قاراشنى ھالال
قىلىپ بەرگەن ئاياللىرىغا قاراشنى بۇيرۇدى. ئەگەر كۆز نامەھرەمگە مەقسەدسىز تاشلىنىپ
قالغان بولسا، كۆزنى دەرھال ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىش لازىم. بۇ ھەقتە ئىمام مۇسلىم
جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن تۇيۇقسىز قاراپ قېلىش توغرىسىدا
سورىغان ئىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا كۆزۈمنى دەرھال ئېلىپ
قېچىشقا بۇيرۇدى.
{تاشقى
زىننەتلىرىنى ياپسۇن} يەنى يۆگەش مۇمكىن بولمايدىغان ئەزالىرىدىن باقشا
زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن.
ئىبنى
مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاشقى زىننەت كۆينەك قاتارلىق
كىيىملىرىدۇر، دېدى. (تەپسىر ئىبنى كەسىر،4-302)
ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەيدە، قەتادە، ھەسەن بەسرىي،
سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئىبراھىم نەخائىي، ئەتا خۇراسانىي ۋە باشقا بىر قاچە كىشىلەر
بۇ ئايەتتىكى «پۈركەنجە» دېگەن سۆز ياغلىقنىڭ ئۈستىدىن يۆگىلىدىغان پۈركەنجىنى
كۆرسىتىدۇ، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى باشتىن ئاياققىچە ئورايدىغان پۈركەنجىدۇر،
دېدى.(ئىبنى كەسىر 5-71)
ئەلى ئىبنى
ئەبۇ تەلھە ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ
ئاياللىرىنى، ئەگەر ئۇلار بىرەر ئىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىقسا، بىر كۆزىنى ئوچۇق
قالدۇرۇپ باشلىرىنىڭ ئۈستىدىن يۈزلىرىنى پۈركەنجە بىلەن ئورۇۋېلىشقا بۇيرۇدى.
مۇھەممەد
ئىبنى سىيرىن مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇبەيدە ئىبنى سەلماندىن ئاللاھنىڭ «پۈركەنجە
بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن» دېگەن ئايىتى ھەققىدە سورىغان ئىدىم، ئۇ سول كۆزىنى
ئوچۇق قويۇپ يۈزىنى ۋە بېشىنى ئوراپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەردى. (ئىبنى كەسىر،5-71)
ئاياللارنىڭ
يۈزى ئوچۇق كەلگەن ھەدىسىنىڭ ھەممىسى ھىجاب ئايىتىدىن بۇرۇنقى ۋەقەلىكلەرنى
بىلدۈرىدۇ. سۈرە ئەھزاپتىكى {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.} (سۈرە ئەھزاپ، 59-ئايەت) بۇ ئايەتتە
ئاللاھ پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىنى، قىزلىرىنى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى پۈركۈنجە
بىلەن ئورۇنۇشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئىجرا قىلىپ
ئاياللىرىنىڭ، قىزلىرىنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپقۇزغان. ئاللاھنىڭ بۇ
بۇيرۇقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خوتۇنىنىڭ يۈزىنى يېپىپ ئىجرا
قىلغان. ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە مۇئمىن ئاياللارمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.
مۇھەددىسلەر پېشىۋاسى ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇخارىنىڭ شەرھى فەتھۇلبارى (9-439)
دا ھىجاب ئايىتى شەرىھلەپ «ئىختەمەرنا»(ئاياللار يۈزىنى ياپتى) مەنىسىدە كېلىدۇ
دېگەن.
يۈزى
ئوچۇق ئايال توغرىسىدا كەلگەن ھەر قانداق ھەدىس سەھىھ بولغان تەقدىردە
ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى يۈز يېپىش پەرز قىلىنمىغان
دەۋرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
چۈنكى،
ھىجاب ئايىتىدىن كېيىن ھۆر مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىردەك يۈزىنى
ياپقان. يۇقىرىدا بۇنىڭ دەلىللىرىدىن بىر قىسىمىنى تونۇشتۇردۇق.
يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس بەك زەئىپ
يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس بەك زەئىپ
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سوئال: «قىز بالا بويىغا يەتسە، ئۇنىڭ يۈزى
بىلەن قولىدىن باشقا يېرىنىڭ (نامەھرەم بار يەردە) ئوچۇق بولۇشى دۇرۇس ئەمەس»
دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ يوق؟
جاۋاب: بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد
(4104) ۋەلىدتىن، ئۇ سەئىد ئىبنى بەشىردىن، ئۇ قەتادەدىن، ئۇ خالىد ئىبنى
دۇرەيكتىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ: ئەسما بىنتى
ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا نېپىز كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈۋېلىپ «ئى ئەسما! قىز بالا بالاغەتكە يەتسە بۇنىڭ بىلەن بۇنى
(نامەھرەمگە) كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس» دەپ يۈزى بىلەن قولىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
(ئەبۇداۋۇد 4104)[عن الْوَلِيدُ عَنْ سَعِيدِ بْنِ بَشِيرٍ عَنْ قَتَادَةَ عَنْ خَالِد بْنِ دُرَيْكٍ عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا أَنَّ أَسْمَاءَ
بِنْتَ أَبِي بَكْرٍ دَخَلَتْ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ
وَسَلَّمَ وَعَلَيْهَا ثِيَابٌ رِقَاقٌ فَأَعْرَضَ عَنْهَا رَسُولُ اللَّهِ
صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَقَالَ : يَا أَسْمَاءُ إِنَّ
الْمَرْأَةَ إِذَا بَلَغَتْ الْمَحِيضَ لَمْ تَصْلُحْ أَنْ يُرَى مِنْهَا إِلا هَذَا
وَهَذَا - وَأَشَارَ إِلَى
وَجْهِهِ وَكَفَّيْهِ.- رواه أبو داوود (4104)]
ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ
ئارقىسىدىن: بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن، دېگەن.
بۇ ھەدىس زەئىپتۇر، دەلىلگە يارىمايدۇ. ھەدىسنىڭ
زەئىپلىك سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ھەدىسنىڭ ئىسنادى ئۈزۈك (يەنى بۇ ھەدىس
مۇنقەتىئ). ئىمام ئەبۇ داۋۇد «بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن» دېگەن.
(2) بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە سەئىد ئىبنى بەشىر ئەل
ئەزدى ـــ ئەبۇ ئابدۇرراھمان بار. بەزى ھەدىس ئالىملىرى ئۇنى ئىشەنچىلىك دېگەن
بولسىمۇ. ئىمام ئەھمەد، ئىبنى مەئىن، ئىبنى مەدىنىي، نەسائىي، ھاكىم ۋە ئەبۇ داۋۇد
قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنى زەئىپ دېگەن.
مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى نۇمەير ئۇ
توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ھەدىسى ئىنكار قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەدىسلىرى ھېچنېمىگە
يارىمايدۇ، ھەدىس رىۋايىتىدە ئىنشەچىلىك ئەمەس. ئۇ قەتادەدىن مۇنكەر رىۋايەتلەرنى
نەقىل قىلغان.
ئىمام ئىبنى ھىببان ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچار، رىۋايىتىدە چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.
ئىمام ئىبنى
ھەجەر ئۇنى «زەئىپ» دېگەن.
(3)
بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە (يۇقارقىدە زەئىپ راۋىيلاردىن باشقا) يەنە قەتادە بولۇپ، ئۇ
مۇدەللىستۇر. ئۇ بۇ ھەدىسنى باشقىسىدىن ئاڭلىغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق سۆز قىلمىغان.
بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە يەنە ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم بار. ئۇ توغرۇلۇق ھافىز ئىبنى ھەجەر
مۇنداق دېگەن: ئۇ ئىشنەنچىلىك، ئەمما ئوخشاشلا مۇدەللىس. ئۇ بۇ ھەدىسنى
باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلمىغان.
ھەدىس
سەنەدىدە مانا مۇشۇنداق نەچچىلىگەن ئىللەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەدىس زەئىپ
ھەدىستۇر.(انظر فتاوى اللجنة الدائمة ( مجلة البحوث 21/68))
بۇنىڭدىن
سىرت ئىبنى قەتتا بۇ ھەدىس توغرۇلۇق
شۇنداق
بولۇشىغا قارىماستىن، بۇ ھەدىسنى سەھىھ ياكى بۇ ھەقتىكى باشقا رىۋايەتلەرنىڭ
قوشۇلۇشى بىلەن كۈچلەنگەن دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئالىملار بۇ ھەدىستىكى
ۋەقەلىكنىڭ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىمام ئىبنى قۇدامە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىگە
كەلسەك، ھەدىستىكىسى ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىش دەپ چۈشىنىلىدۇ.»
ئەللامە
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تۇرغان
تەقدىردىمۇ، ھەدىستىكى ئەھۋال ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن دەپ
چۈشەندۈرۈلىدۇ.»[ كتاب
عودة الحجاب (3/336)]
(ھەدىستىكى
يۇقارقىدەك نەچچىلىگەن زەئىپلىكتىن سىرت) ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا نەزەر سالىدىغان
بولساق، ھەدىستىكى ئەھۋالنىڭ تولىمۇ غەيرى بىر ئەھۋاللىقىنى تونۇپ يېتىمىز. چۈنكى،
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا تولىمۇ تەقۋا ۋە ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ئۇ يۇقارقى زەئىپ
ھەدىستىكىدەك نېپىز كىيىم بىلەن يۈرىدىغان، ھەم بۇنداق كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ
ئالدىغا كىرىدىغان ئايال ئەمەس.
ئايەت
ھەدىسكە ئۇيغۇن بولغان توغرا قاراش، ئايال كىشىنىڭ نامەھرەملەر بار يەردە پۈتۈن
بەدىنىنى ئورىشىنىڭ ۋاجىبلىقىدۇر.(ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورىنىڭ 23496-نومۇرلۇق
پەتىۋاسى)
ئائىشە
ئانىمىزنىڭ سۆزلىگەنلىكىگە نىسبەت بېرىلگەن يۇقارقى زەئىپ ھەدىس توغرىسىدا ئىمام
ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: شۇنداقلا بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن سەئىد ئىبنى بەشىر
ئەبۇ ئابدۇراھمان بۇسرى ھەققىدە بىردىن كۆپ سەلبىي باھا مەۋجۇت.[ قال ابن القطان :
ومع هذا
فخالد مجهول
الحال ، قال المنذري :
وفيه أيضا
سعيد بن بشير أبو عبد الرحمن البصري نزيل دمشق مولى بني نضر ، تكلم فيه غير واحد-][نصب الراية
في تخريج أحاديث الهداية-412]
شەيخ
بىن باز بۇ ھەدىسنى بىر نەچچە جەھەتتىن بەك زەئىپ دەپ باھالىغان.[ وأنه ضعيف جداً من وجوه كثيرة...]بىن بازنىڭ بۇ ھەدىسكە
پەتىۋاسى: https://www.binbaz.org.sa/noor/2684
ئايال
كىشىنىڭ يۈزىنى ئېچىشى ھارام
پەتىۋا
بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى
پەتىۋا
نومۇرى: 10178-نومۇرلۇق پەتىۋا
ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەر ئالدىدا يۈزى ۋە
قولىنى يېپىشى پەرز. ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى ئېچىشى ھارام. [ تغطية المرأة وجهها وكفيها عن الرجال الأجانب واجب، ويحرم عليها كشفهما لغير
محارمها. وبالله
التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.](پەتىۋا
كومېتىتىنىڭ 10178-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)[پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ
ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز (ۋاپاتى: ھ-1420، م-1999)؛
ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.]
Yorumlar
Yorum Gönder