ئاللاھ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغۇچى كاپىرمۇ؟




ئاللاھ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغۇچى كاپىرمۇ؟

سوئال: ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەت) بويىچە ھۆكۈم قىلمىغۇچى مۇسۇلمانمۇ، كاپىرمۇ؟ بۇنداق كىشىنىڭ ئەمەللىرى قوبۇل بولامدۇ؟
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 5471-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويچە ھۆكۈم قىلمىسا، ئۇلار كاپىردۇر.»(سۈرە مائىدە، 44-ئايەت) ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىسا، ئۇلار زالىملاردۇر.»(سۈرە مائىدە، 45-ئايەت) ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىسا، ئۇلار پاسىقلاردۇر.»(سۈرە مائىدە، 47-ئايەت) ئەگەر كىشى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەت بويىچە) ھۆكۈم قىلماسلىقنى ھالال سانىسا ۋە مۇشۇ ئەقىدە ئۈستىدە بولسا، دىندىن چىقىدىغان چوڭ كۇفۇر، چوڭ زۇلۇم ۋە چوڭ پاسىقلىقنى سادىر قىلغان بولىدۇ. ئەمما، شەرىئەت ھارام قىلغان بىر ئىشنى ھارام دېگەن ئېتىقادتا بولۇپ تۇرۇقلۇق ـــ مەسىلەن، پارا ئېلىش ياكى باشقا مەقسەد بىلەن ـــ ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلماستىن ھارامغا قەدەم باسقان بولسا، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى كىچىك كۇپۇر، كىچىك زالىملىق ۋە كىچىك پاسىقلىقتۇر. بۇنداق كىشى (كاپىر بولماستىن) كىچىك پاسىقلىققا چۈشكەن پاسىق دەپ قارىلىدۇ. ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى يۇقارقى ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىرلىگەن.
[مەسىلەن: (1) بىر قازى بار. ئۇنىڭ ئالدىغا بىر قوينى ئوغرىلىغان ئوغرى كەلتۈرۈلدى. قازى ئۇنىڭغا قولىنى كېسىش جازاسىنى بېرىشى شەرت. ئەمما، ئوغرى ياكى ئوغرىنىڭ يېقىنلىرى قازىغا پارا بېرىشى سەۋەبلىك، قازى بۇ ھەقتىكى شەرئىي ھۆكۈمنىڭ ئەكسىچە، ئوغرىغا قول كېسىش ھۆكمىنى بەرمىدى. يەنى، قازى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوغرىنىڭ قولى كېسىلمىدى. ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلىرى بىردەك ئىتتىپاق بىلەن بۇنداق قازىنى كاپىر دېمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ شەرئىي ھۆكۈمنى بىلىپ تۇرۇپ، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ شەرئىي ھۆكۈمنى ئىجرا قىلمىدى. بىر بەندە شەرىئەت بەلگىلەنگەن بىر ئىشنى ئىنكار قىلىش بىلەن كاپىر بولىدۇ. ئەمما، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن شۇ ئىشنى ئىنكار قىلمىغان، ھەم ئۇ ئىشنى قىلمىغان بولسا، بۇنداق كىشى كاپىر بولمايدۇ. ناماز ئۈچۈن مەخسۇس ئايەت ھەدىسلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن، توغرا قاراشتا بەش نامازنى ئوقۇمىغۇچى كاپىر بولىدۇ. ئەمما، بۇنىڭدىن باشقا پەرزلەرنى قىلماسلىق بىلەن كىشى كاپىر بولمايدۇ.
(2) بىر يانچۇقچى بار. ئۇ يانچۇقچى كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل مالنى سۇغۇرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ. ئەگەر بۇ يانچۇقچى شاھادەت ئېيتقان ۋە ناماز ئوقۇيدىغان كىشى بولغان تەقدىردە، يانچۇقچىلىق قىلىپ كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئېلىۋېلىشنى توغرا، ھالال سانىسا دىندىن چىقىدۇ. يانچۇقچىلىقنى ھارام سانىسا، ئەمما نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ قىلسا دىندىن چىقمايدۇ.
(3) بىر مۆمىن بار. بىر ئايال بىلەن زىنا قىلدى. يەنى، زىنا ھارام تۇرسىمۇ، زىناخورلاردا دوزاختا ئازابلىنىدىغان تۇرسىمۇ، ئۇ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ زىنا قىلدى. ئەمما، ئۇ بۇ قىلمىشى بىلەن كاپىر بولمايدۇ. گەرچە ئۇ ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغان، يەنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە زىت ئىش قىلغان بولسىمۇ، ئۇ زىنانى ھالال دەپ سانىمايدۇ. گۇناھ تۈپەيلىدىن قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. توي قىلغان كىشى بولسا، شەرئىي مەھكىمە تەرىپىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. نامىزى چۈشۈرىلىدۇ. مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
خۇلاسە: (1) ھەر قانداق شەرئىي ئەمەلنى ئىنكار قىلىش كىشىنى دىندىن چىقىرىدۇ. شەرئىي ھۆكۈنى ئىنكار قىلمىغان، ئەمما شەرىئەتكە زىت بىرەر ئىش قىلغان مۇسۇلمان –چوڭ شېرىككە چۈشۈپ قالمىغانلا بولسا- دىندىن چىقىپ كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ.
(2) ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلماسلىق قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتلەر ھاكىمىيەت ئۈچۈن، ھۆكۈملەتلەر ئۈچۈنلا نازىل بولغان ئەمەس. ھەر-بىر شەخىس، ھەر-بىر كوللېكتپ، ھەر بىر ھۆكۈمەتكە بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئۆتىدۇ. ئاۋام-خەلقنىڭ بۇ ھايەتنى شەرئىي مەھكىمە، ھۆكۈمەتلەرگە دارىتمىلاپ چۈشىنىۋېلىشى، بۇ ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىنى ئۆزىگە تەڭلەپ باقماسلىقى چوڭ پاجىئەدۇر.
تابىئىن ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق ئەلئۇقەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:{كان أصحاب محمد صلى الله عليه وسلم لا يرون شيئًا تركه كفر إلا الصلاة} رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى نامازدىن باشقا ھەر قانداق ئەمەلنى تەرك ئېتىشنى كاپىرلىق سانىمايتتى.(تىرمىزى، 2622-نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) مانا بۇ ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېتىقادىدۇر.-تەرجىماندىن]
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛
menhej.blogspot.com
mujtehid.blogspot.com

Yorumlar