بىمار نامىزىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟





 «فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلدى

بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى تامامەن ياكى قىسمەن ھالدا يوقىغان كىشى بىمار دېيىلىدۇ. بىمارنىڭ –قانداق ھالەتتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر-مەيلى ئۇ دۈمبىسىنى تىك تۇتالمىغۇدەك دەرىجىدە دۈمبىسىدە كېسەللىك بولغان تەقدىردىمۇ؛ تام، تۈۋرۈك ياكى ھاسا دېگەندەكلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ رۇكۇ قىلىدىغان تەقدىردىمۇ ــ  پەرز نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام ئۇنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار.»(بۇخارى 9-117؛ مۇسلىم 1337) ئەگەر ئۆرە تۇرالاشقا ئىمكانىيىتى بولمىسا ئولتۇرۇپ، ئولتۇرۇشقا كۈچە يەتمىسە يانچە يېتىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن:«نامىزىڭنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇ. بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمىسە ئولتۇرۇپ، بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمىسە يانچە يېتىپ ناماز ئوقۇ.»(بۇخارى 1117) ئەگەر، يۇقارقىلارنىڭ ھېچقايسى بىر ھالىتىدە ناماز ئوقۇيالمىسا ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغىنى بويىچە ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «ئاللاھقا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋالىق قىلىڭلار» دېگەن.(سۈرە تەغابۇن، 16-ئايەت) كىشىنىڭ ئەقلى جايىدىلا بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن نامازنىڭ پەرزلىكى ساقىت بولمايدۇ. (كېسىلى بەك ئېغىر كىشى) ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نىيەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا كۈچى يېتىدۇ.
ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان بىمار رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىشتا بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. سەجدە ئۈچۈن بېشى بىلەن ئىشارەت قىلغان كىشى، رۇكۇغا ئېگىلگەندىن بەكرەك ئېگىلىدۇ. بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ.


Yorumlar