جازانىلىك بانكىلارغا پۇل قويۇش ھارام

جازانە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكىلارغا پۇل قويۇش ھارام. چۈنكى، بۇنداق قىلىش بۇنداق بانكىلارنىڭ جازانە بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەنلىك بولۇپ. رەسۇلۇللاھ جاھانە ئالغۇچىغا، بەرگۈچىگە، كېپىل بولغۇچىغا... لەنەت قىلغان. جازانە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكىلارغا پۇل ئامانەت قويۇش بىلەن ئۇلارغا جازانە بېرىش ۋە ئۇلاردىن جازانە ئېلىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جازانە تىجارىتىنى ئۆز پۇلى بىلەن قوللاشتەك قاتمۇ قات گۇناھى كەبىرىلەر شەكىللىنىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا جازانىخورلارغا ئۇرۇش ئاچقانلىقىنى بايان قىلغان.
يۇقارقى پەتىۋادا دېيىلگىنىدەك، جازانە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكىلارغا پۇل مېلىنى ئامانەت قويمىسا، پۇل مېلىنى ساقلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ھەم جازانە بىلەن شۇغۇللانمىغان بانكىلارنى تاپالمىغان (شۇنداقلا، پۇلىنى ساقلاپ بېرىدىغان ئەمىن كىشىنى تاپالمىغان)، ياكى ئۆيىدە ساقلىسا ئوغۇرلىنىشى، خېيىم خەتەرگە يولۇقىشى مۇقەررەر بولغان ئەھۋالدا جازانە بىلەن شۇغۇللانغان بانكىلارغا پۇل قويسا (ۋاقىتلىق) دۇرۇس. ئەمما، بۇ ھەممىدىن بەك ساقلىنىشقا تېگىشلىك، بەك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر. ئاللاھ بىزگە ئۇرۇش ئاچسا، كىممۇ بىزگە ياردەم بېرەلىسۇن؟

Yorumlar