مۇسۇلمان بالىلىرىغا دەرسلىك لاھىيەسى
مۇسۇلمان
بالىلىرىغا دەرسلىك لاھىيەسى
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تۈزدى
بۇ لاھىيە
چوڭ جەھەتتىن ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن.
(1) دەرسلىك لاھىيەسىدىن قىسقىچە بايان
(2) دەرسلىك لاھىيەسىدىن تەپسىلىي بايان
تۆۋەندە يۇقارقى ئىككى تۈر ئاستىدا لاھىيەرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
(1) دەرسلىك
لاھىيەسىدىن قىسقىچە بايان:
تۆۋەندىكىلەر
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۈندە ئوقۇيدىغان دەرسلىرىدۇر
[1] تەۋھىد
[2] تەجۋىد
[3] ناماز
ۋە تاھارەت فىقھى
[4]
ئەدەبىيات
[5] ھېساب
[6]
تارىخ-جۇغراپىيە
[7] تۈرك
تىلى
[8]
كومپيۇتېر
(2) دەرسلىك
لاھىيەسىدىن تەپسىلىي بايان
[1] تەۋھىد
[بۇنىڭدا شەيخۇل ئىسلام مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋۋاھاب رەھىمەھۇللاھنىڭ «بالىلار
ئۈچۈن تەۋھىد»، «ئۈچ ئاساس» قاتارلىق كىتابلىرى، شۇنداقلا شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن
رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئېتىقادى» ناملىق كىتابچىسىنىڭ
ئۇيغۇرچىسى دەرسلىك قىلىنسا بولىدۇ. ئادەتتە ئاساسىي سەۋىيەدىكى تەۋھىد دەرسلىكىنىڭ
ياش چەكلىمىسى كەڭرى بولىدۇ. ھەر قانداق ياشتىكى بالىلارغا ماس كېلىدۇ. گېزى كەلسە
چوڭلارغىمۇ ماس كېلىۋېرىدۇ. قايسى ياشتىكى بالىلارنىڭ قايسى كىتابلارنى
ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلىي بايان دەرسلىك تۈزۈش پىلانى دائىرىسىدە
بولۇپ، بۇ يەردە تەپسىلىي سۆزلەش ئارتۇقچە.]
[2] تەجۋىد
[قۇرئان كەرىمنى تەجۋىدلىك ئوقۇش ۋە قۇرئاننىڭ ئاخىرقى پارىسىنى مەنىسى بىلەن
قوشۇپ ياخشى ياد ئالدۇرۇش نىشان قىلىنىدۇ.]
[3] فىقھى
فىقھى
دەرسلىكى تۆۋەندىكىدەك تارماق دەرسلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) تاھارەت
ۋە ناماز فىقھى (تاھارەت فىقھى ئۈچۈن مەن تەييارلىغان تاھارەت قانداق ئېلىنىدۇ،
تاھارەت قانداق بۇزىلىدۇ دېگەن ماقالىلەر ئوقۇتۇلىدۇ. ناماز فىقھى ئۈچۈن
ئەلبانىنىڭ «رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنىڭ قىسقىچە نۇسخىسى» دەرسلىك قىلىنىدۇ)
(2) قىسقىچە
ئىسلام فىقھى
(3)
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى (بۇنى گېزى كەلسە فىقھىدىن ئايرىم دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈشكىمۇ
بولىدۇ)
[4]
ئەدەبىيات (ئۇيغۇر تىلى ۋە قائىدە پىرىنسىپلىرىغا دائىر پۈتكۈل بىلىملەر ئەدەبىيات
دەرسى تەۋەسىدە.)
[5] ھېساب
(ئون ياشقىچە بولغان بالىلارغا تۆت ئەمەل بىلەن قوشۇپ ھېساب قائىدىلىرى پىششىق
ئۆتۈلىدۇ)
[6]
تارىخ-جۇغراپىيە
* قىسقىچە
شەرقىي تۈركىستان تارىخى (بۇ توغرۇلۇق چۈشىنىشلىك ۋە ئىخچام يېزىلغان ئەللىك
بەتتىن يۈز بەت ئەتراپىدىكى كىتابچە يېزىپ چىقىلىشى زۆرۈر)
* قىسقىچە
ئۇيغۇر تارىخى (بۇ توغرۇلۇق چۈشىنىشلىك ۋە ئىخچام يېزىلغان ئەللىك بەتتىن يۈز بەت
ئەتراپىدىكى كىتابچە يېزىپ چىقىلىشى زۆرۈر)
(ۋاقتىنچە
شەرقىي تۈركىستان تارىخى بىلەن ئۇيغۇر تارىخى بىر گەۋدىلىشىپ كەتسىمۇ بولىدۇ)
* قىسقىچە
ئىسلام تارىخى
* دۇنيادىكى
دۆلەتلەر ۋە رايونلار
يۇقارقى
دەرسلىكلەر ئون ياشقا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى پەرزەنتلەر ئۈچۈن
ئوقۇشلۇق قىلىنسا ماس كېلىدۇ.
[8] تۈرك
تىلى
* ئون ياش
ئەتىراپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كامىدا مىڭ تۈركچە سۆزنى، تۈرك تىلى گرامماتىكىسىنى
ۋە تۈركچە نورمال ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى نىشان قىلىنىدۇ.
* بۇ باسقۇچتىن
ئۆتكەن بالىلارغا تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ياخشى كىتابلار دەرسلىك قىلىپ
ئۆتۈلۈپ مېڭىۋەرسە بولىدۇ.
[7]
كومپيۇتېر
*
كومپيوتېردا نورمال مەشغۇلات قىلىش؛ كومپيۇتېردا ئۇيغۇر، تۈرك يېزىقىنى بېسىشنى
ئۆگىنىش، مىكروسوفىت ئىشخانا دېتاللىرىدىن ۋە بەزى مۇھىم يۇمشاق دېتاللاردىن بىمالال پايدىلىنالايدىغان بولۇشنى ئۆگىتىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئون ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى بالىلارغا ئۆتۈلمەيدۇ.
Yorumlar
Yorum Gönder