تەپسىرۇل مۇيەسسەر: تەكاسۇر سۈرىسى تەپسىرى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگى تەرجىمە قىلدى
[102:1] پۇل-مېلىڭلارنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىڭلارنىڭ
كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى مەشغۇل قىلىپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن مەھرۇم
قويدى.
[102:2] سىلەرنىڭ پۇل-مال ۋە ئەۋلاتلار بىلەن
گول بولۇشۇڭلار تاكى قەبرىلەرگە دەپنە قىلىنغىنىڭلارغا قەدەر داۋاملاشتى.
[102:3] پۇل-مالنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش
سىلەرنى بۇنداق گوللىمىسۇن! سىلەر يېقىندا
ئاخىرەت يۇرتىنىڭ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىلەر.
[102:4] شۇنداق؛ پۇل-مال ۋە ئەۋلادلار بىلەن
مەشغۇل بولۇپ، گوللىنىشتىن ساقلىنىڭلار! كەلگۈسىدە ئاخىرەتكە
كۆڭۈلۈشىمىگەنلىكىڭلارنىڭ يامان نەتىجىسىنى كۆرىسىلەر.
[102:5،6،7،8] پۇل-مالنىڭ كۆپلىكى بىلەن
پەخىرلىنىش سىلەرنى بۇنداق گوللىمىسۇن! ئەگەر ئېنىق بىلىمگە ئىگە بولغان بولساڭلار
بۇنداق قىلمايتتىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشقا يۈگۈرگەن بولاتتىڭلار.
قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەھەننەمنى كۆرىسىلەر. يەنە قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر
جەھەننەمنى شەك-شۈبھىسىز كۆرىسىلەر. ئاندىن يەنە قەسەم قىلىمەنكى، قىيامەت كۈنى
(ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن) ھەر تۈرلۈك نېئمەتتىن سوراققا تارتىلىسىلەر.
mujtehid.blogspot.com
Yorumlar
Yorum Gönder